• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ناخشا سەنئىتى ھەققىدە

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-05-21
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        ناخشا سەنئىتى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخى بىلەن ماس قەدەملىك سەنئەت. ناخشا ئېيتىش جەريانى مۇئەييەن مۇھىتتا ئادا قىلىنىدۇ. شۇڭا ناخشىچى ناخشا ئېيتقاندا ئەينى سورۇن مۇھىتىنى ئەتراپلىق ئويلىشىشى كېرەك.WZ9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ھەرىكەت ۋە قىياپەتكە دىققەت قىلىش كېرەك. سەھنىدىكى ياكى سورۇندىكى قىياپەت ۋە ھەرىكەتلەر ئىزچىل تاماشىبىنلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرىدۇ. سەنئەتكارنىڭ گۈزەللىككە يات ھەرىكەت ۋە قىياپەتلىرى زوقلانغۇچىلار قەلبىدىكى سېھرىي كۈچنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا قىياپەت ۋە ھەرىكەتلەر گۈزەللىكپىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە سەنئەتكارنىڭ ئۆزىگە خاس بولۇشى كېرەك. بەزى ناخشىچىلىرىمىز سەھنە ۋە سورۇنلارغا كىرىپ – چىقىشتا ۋە ناخشا ئېيتىشتا بۇلارغا ئانچە دىققەت قىلمايدۇ، بىر قانچە ھەرىكەت شەكلى ۋە قىياپەت شەكلىنى مەزمۇنى ئوخشاشمايدىغان ناخشىلاردا تەكرارلاۋېرىدۇ. بەزىلەر ئىجرا قىلىنىۋاتقان ناخشىدىكى مۇھىم مىسرالار ياكى ئەۋجلەرگە كەلگەندە يېقىمسىز چىرقىراپ، تۈگۈلۈپ، غەيرىي تۈسلەرنى ئىپادىلەيدۇ. نەتىجىدە تاماشىبىنلاردىن ئېرىشىشكە تېگىشلىك باھاغا ئېرىشەلمەيدۇ. دېمەك، سەنئەتكار جەزمەن ئۆزىنىڭ سەھنە ۋە سورۇندىكى ھەرىكەت ۋە قىياپەتلىرى، مىمىكىسى، ئېيتىدىغان ناخشىسىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئالدىن ئويلىشىپ پۇختا تەييارلىق قىلىشى كېرەك.WZ9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        سەھنە – سورۇندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. سەھنە ياكى سورۇن ناخشا ئېيتقۇچىنىڭ پائالىيەت مەيدانى. ئادەتتە، شۇنچە كەڭ سەھنىنىڭ بىرلا نۇقتىسىدا ھەيكەلدەك قېتىپ تۇرۇۋېلىپ ‹‹ئىشى››نى تاماملايدىغان ياكى سېرك ئارتىسىدەك پۈتۈن سەھنىدە چېپىپ يۈرۈپ ››ۋەزىپە‹‹ ئادا قىلىدىغان ناخشىچىلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز. سەنئەتتە بەلگىلەنگەن رامكا ۋە ياكى مۇتلەق قېلىپ يوق. ئەمما سەنئەتنىڭ بىردىنبىر ۋە ئاداققى رامكىسى گۈزەللىكتۇر. شۇڭا سەھنە – سورۇندىن ئىبارەت كەڭلىكتە سەنئەت كۆركىنى نامايان قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.WZ9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ئېيتماقچى بولغان ناخشىدا تاماشىبىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نەزەرگە ئېلىش بەكمۇ مۇھىم. سەھنە – سورۇنلاردا ناخشا ئېيتقاندا، شۇ سورۇندىكى مۇتلەق كۆپچىلىكنىڭ ياش – قۇرامى، جىنسى ۋە ئورتاق ئارزۇ – ھەۋەسلىرىگە لايىق ناخشىلارنى ئېيتىش كېرەك. ناۋادا ياشانغانلار بار سورۇندا ‹‹ئون سەككىز ياشىم›› دەپ توۋلىساق، مېنىڭچە كەيپىيات ۋە ئۈنۈمگە تەسىر يېتىدۇ.WZ9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        ئېيتماقچى بولغان ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى پىششىق ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بەزى ناخشىچىلىرىمىز ئېيتىۋاتقان ناخشىسىنىڭ مەزمۇنى بىلەن پىششىق ۋە چوڭقۇر تونۇشمايلا ئاۋازىنىڭ ئۈنۈمىگە تايىنىپ ناخشا ئېيتىدۇ. بىلىش كېرەككى، ناخشا نوقۇل ئاۋاز ھادىسىسى ئەمەس، بەلكى تېكىست، مۇھىت، تاماشىبىن، تەڭكەش قىلىنغۇچى كۈي قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈنلۈكىدۇر. شۇڭا ئېيتماقچى بولغان ناخشىنىڭ مەزمۇنىنى پىششىق ئىگىلىشى ۋە بۇ ئەسەردىكى ھېسسىيات – پۇراقنى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا ئايلاندۇرۇش ناخشا ئېيتىشسەنئىتىدىكى ئەقەللىي، شۇنداقلا ئاساسىي تەلەپ ھېسابلىنىدۇ.WZ9ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت