• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • مۇزىكا سېزىمى ۋە ئورۇنلاش ماھارىتى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-09-09
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

        كىشىلەرنىڭ مۇزىكا سېزىمى مۇزىكىنى ھېس قىلىپ، مۇزىكىنىڭ كىشى قەلبىگە ھۇزۇر بېغىشلىيالايدىغان سېھرىي كۈچىدىن بەھرىلىنىش بولۇپ، مۇزىكا رېئال تۇرمۇشنى ئۆزىگە خاس مۇزىكىلىق تىل، مۇزىكىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئالاھىدە ئېستېتىك سەنئەت. ئەجدادلىرىمىز تارىختىن بۇيان مۇزىكىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقى ئوتتۇرا ئەسىردە گۈللىنىپ، ئىلگىرى – ئاخىر كۆپلىگەن ئاھاڭ، ناخشا، مۇقام ئىجاد قىلىنىپ، خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.6VWئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

        مۇزىكا گۈزەللىكى رېئال تۇرمۇش گۈزەللىكىنىڭ مۇزىكىدىكى بەدىئىي ئىنكاسىدۇر. مۇزىكىدىن زوقلىنىشمۇزىكا ئەسەرلىرىدىن ئېستېتىك زوق ئېلىشنى ئوبيېكت قىلغان، ئاڭلاش ۋە باشقا قوشۇمچە ۋاسىتىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تەسىرات ئالىدىغان ۋە ھېس قىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق روھىي خۇشاللىققا ئېرىشىدىغان بىر خىل ئىچكى پائالىيەت. ئۆزگىچە خاسلىق، كۈچلۈك بەدىئىي تەپەككۇر بىلەن يېزىلغان مۇزىكىلار قىزغىن ھېسسىياتقا، يۇقىرىماھارەتكە ئىگە مۇزىكانتلار تەرىپىدىن ئورۇنلىنىدۇ. مۇزىكا ئورۇندىغۇچىدىن مۇزىكىغا نىسبەتەن قىزىقىش ۋە ئۇنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى بولۇش، ئەتراپلىق ئورۇنداش ماھارىتىنى يېتىلدۈرگەن بولۇش، ھەر كۈنلۈك مەشىققە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئىجاد قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرەلەيدىغان بولۇش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇزىكا ئورۇنداش كىشىلەر قەلبىدىكى نازۇك ھېسسىياتنى، يېقىشلىق كۈيلەرنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ. مۇزىكانتنىڭئورۇنلىغان ھەر بىر كۈيى ئوبيېكتىپ مەۋجۇت شەيئى بولماستىن، بەلكى، سۇبيېكتىپلىقى كۈچلۈك، ئاڭ، ھېسسىيات، تۇيغۇ تۈرىدىكى بىر قاتار ئاھاڭنىڭ يىغىندىسى. مۇزىكىنىڭ ئاساسىي تەركىبى ۋە بىرلىكى بولغان رىتىم ۋە ئۇدار كىشىلەرنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا تەسىر قىلىپ، مەنىۋى دۇنياسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا، مۇزىكىلىق سېزىم ئارقىلىق ھېس قىلىش مۇزىكا ئورۇنلىغۇچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. مۇزىكانتلارنىڭ دەسلەپكى تەربىيەلىنىشى ماھىيەتلىك بولسا، ئورۇنلاش جەھەتتە نوتىلارنىڭ ھەر بىر ئۇدار ئۆزگىرىشلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، توختىماي ئىزدىنىش، مەشىق ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەپ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېقىملىق كۈيلەرنى ئىجاد قىلالايدۇ. مۇزىكىدىن زوقلىنىش مۇزىكىدا ئىپادىلەنگەن ھېسسىياتنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىش جەريانى بولۇپ، بۇجەرياندا ھەر بىر بۆلەك، ھەر بىر باسقۇچتىكى ھېسسىيات ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىدا مۇناسىپ ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئىنكاس مۇزىكا ئاڭلىغۇچىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىنى،سەرگۈزەشتىسىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، ئاڭلىغۇچىنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى، كۆرگىنى، ئاڭلىغىنى قانچە كۆپبولسا، چۈشىنىشى، مۇزىكىدىن ئىلھام ئېلىشى شۇنچىكى ئاسان ۋە تېز بولىدۇ. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ مۇزىكا ئورۇنلىشىدا مۇزىكىلىق سېزىم مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.6VWئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    • مىھمان سالاھىتىدە يوللايمەن

    ئاقيول كىنو قانىلى
    كىنو قانىلىغا مەرھەمەت