ئاينۇر ئىسلام
سەنئەت رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەريانىدىكى تەبىئەت، جەمئىيەت توغرىسىدىكى تەسىرات، چۈشەنچىلىرىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى. سەنئەتنىڭ بىر تۈرى بولغان ئۇسسۇل ئىنسانلارنىڭ بەدەن ھەرىكىتى ۋە چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئىپادىلەپ، مىللىي خاسلىق ۋە تارىخنى نامايان قىلىپ، ھېسسىياتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. نازۇك ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ھەر بىر مەنا، ھەر بىر ھېسسىيات ھەرىكىتى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كىرىپ، ھېسسىيات ئارقىلىق يېڭىدىن يېڭى تۇيغۇلارنى ئويغىتىپ، كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئۇسسۇل ئىجادىيىتى ۋە ئۇسسۇل بەدەن، قول، چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھېس – تۇيغۇلارنى كونكرېت، جانلىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئالاھىدە سەنئەت شەكلى. شۇڭا ئۇ چۈشەندۈرۈشكە، ئىزاھلاشقا ۋە ياكى تەرجىمىگە موھتاج بولمايدۇ.
بالىلار ئۇسسۇلى ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇسسۇل سەنئىتىدىكى بىر تارماق ئىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى بارغانسېرى روشەن نامايان قىلماقتا.
بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، ئىشلىرىمىزنىڭ ۋارىسى ۋە ئۈمىدى. شۇڭا، بالىلار ئۇسسۇلىنى راۋاجلاندۇرۇشتا دۇنياۋى سەنئەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى ئاساس، رايون ئالاھىدىلىكىنى خاسلىق، يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى نىشان قىلىش كېرەك. بالىلار ئۇسسۇلىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندا، 20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىغىچە ھەتتا 80 – يىللارغىچە بالىلار ئۇسسۇلى توغرىسىدا ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات يېتەرلىك بولمىغاچقا، بالىلار ئۇسسۇل سەنئىتى دېگەن ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا تەسىرى چوڭقۇر بولمىغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە ئوخشاش سەنئەت سېپىدىمۇ، بولۇپمۇ بالىلار ئۇسسۇل ئوقۇتۇشى ۋە ئىجادىيىتى جەھەتتىمۇ يېڭى ئىلگىرىلەشلەر ۋە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇشى، ئەتراپلىق ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە بالىلار ئۇسسۇلى ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
بالىلار ئۇسسۇلى ئۆزىنىڭ يېقىملىق ھەرىكىتى، قىزىقارلىق ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق بالىلارنىڭ خاراكتېرىنى يارىتىش، ئۇلارنى غايىلىك، ئەخلاقلىق، تىرىشچان قىلىپ يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئوقۇتۇش جەريانى بولۇپ، ساپا مائارىپىنىڭ رولىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئېستېتىك تەربىيە بېرىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان ئوقۇتۇش باسقۇچىدۇر. بالىلار ئۇسسۇلى خاراكتېر جەھەتتە ئەنئەنىۋى ناخشىلىق ئۇسسۇل، ۋەقەلىك بالىلار ئۇسسۇلى، باغچا بالىلىرى ئۇسسۇلى، ماھارەت ئۇسسۇلى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر قايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. بالىلار ئۇسسۇلى ئېستېتىك زوق بېرىش، ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. بالىلار ئۇسسۇلىنى ئىجاد قىلىشتا، ئۇسسۇل ھەرىكىتى بالىلارنىڭ ھېس – تۇيغۇسى، مىجەز – خۇلقى، خاراكتېرى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان بولۇشى، بالىلارنىڭ ساددا ۋە يېقىملىق ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يەنى چىراي ئىپادىسى، قول، باش ۋە بارلىق ئۇسسۇللۇق ھالەتلىرى ئارقىلىق يارىشىملىق بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالالايدىغان كۈچ – قۇدرەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.