ناخشا سەنئىتى مۇزىكىلاشتۇرۇلغان شېئىر – قوشاقلارنى ئادەمنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان سەنئەت شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭمۇ باشقا سەنئەت تۈرلىرىگە ئوخشاش تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور. ناخشىچىلار ناخشىسى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، ئىنسانلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلىسە، خاتىرىلىسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، قەلبگە تەسەللى بېرىپ، كۆڭۈل بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، خاراكتېرىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەللىكنى تونۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارغا گۈزەللىك تەربىيىسى ئاتا قىلىدۇ.
قىسقىسى، ناخشا سەنئىتىدە ناخشىچىلار ئۆزى ئورۇندىغان ناخشىلار ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلمىي دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى تىكلەشكە يېتەكلەيدۇ؛ ھەققانىيەتنى، ئادالەتنى ياقلاشقا، ۋەتەننى، خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلقپەرۋەرلىك، ئىناقلىق، باراۋەرلىك روھىغا ئىگە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى پارلاق، گۈزەل ھايات يولىغا باشلايدۇ.
ناخشىچىلار تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم:
1 . ناخشىچىلار مەلۇم دەرىجىدە ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇشى، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور، مېلودىيىسى يېقىشلىق، تەسىرچانلىققا ئىگە ناخشىلارنى تاللاشقا ماھىر بولۇشى، ناخشا تېكىستىدىكى ھەر بىر سۆزنى توغرا، راۋان، ئوچۇق، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىپادىلىشى لازىم.
2 . ناخشىچىلارنىڭ چوقۇم مۇزىكا نەزەرىيىسىدىن ئاساسى بولۇشى، ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبى، ئاۋاز دائىرىسىگە ئاساسەن ناخشا ئېيتىشى ۋە ئاۋازنىڭ قاتتىق – يۇمشاقلىقى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن مۇزىكا ھېسسىياتىنى ئاۋاز بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ناخشىنى باي، لىرىك ھېسسىيات بىلەن جانلاندۇرۇپ، يۈكسەك جەلپكارلىققا ئىگە قىلىشى لازىم.
3 . قايسى خاراكتېردىكى، قايسى ئۇسلۇبتىكى ناخشىچى بولسۇن، چوقۇم مۇقام ۋە خەلق ناخشىلىرىنى پۇختا ئۆگىنىشى، ئۇلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئۆزلەشتۈرۈشى ۋە ئۆز ناخشىلىرىدا ئىپادىلىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، ناخشىچىلار ‹‹ۋەتەندە باھار››، ‹‹كۆركەم تەڭرىتاغلىرى››، ‹‹ئانا مېھرى››، ‹‹بىزنىڭ ناخشىمىز››غا ئوخشاش مەزمۇنى كەڭ، ئىلغار، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور، مېلودىيىسى مۇكەممەل، يېقىشلىق، بەدىئىي لەززەتكە، ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە مۇنەۋۋەر ناخشىلارنى ئورۇنداپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتىدۇ ھەم كىشىلەر قەلبىنى زوقلاندۇرۇپ، ئۇلارنى گۈزەل ھايات كەچۈرۈشتىن ئىبارەت توغرا يولغا باشلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق، گۈزەل تەرەققىيات ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدۇ.