20 – ئەسىرنىڭ 70 – ، 80 – يىللىرىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىنى ئاساس قىلغان شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا ئېزىز مامۇت، پەتتار رېھىم، ئابلىز رېھىم قاتارلىقلار ئورۇنلىغان بىر يۈرۈش لىرىكىلىق ناخشىلار ئاستا – ئاستا تارقىلىپ تا ھازىرغىچە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، رادىئو – تېلېۋىزىيە، ئۈن – سىن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بۇ لىرىكىلىق ناخشىلار تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا، ئۈن – سىن لېنتا – پلاستىنكىلىرىدا قايتا ئاڭلىتىلىپ، كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق بېرىۋاتىدۇ. كىشىلەر بۇ ناخشىلارنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر لىرىكىلىق ناخشىلار دېيىشىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر لىرىكىلىق ناخشىلار باشقا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر لىرىكىلىق ناخشىلاردىن روشەن پەرقلىنىپ، ئاككوردىيون، بايان، دوخروتكا، ماندالىن، گىتار، ئىسكىرىپكا قاتارلىق چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىنىپ ئورۇنلىنىدۇ. بۇ ناخشىلار ئەنئەنىۋى لىرىكىلىق ناخشىلارنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، ھازىرقى زامان غەرب مۇزىكىسىنىڭ نۇرغۇن ئامىلىنى قوبۇل قىلىپ، ناخشىلارنىڭ مېلودىيىسى جەھەتتە ياۋروپانىڭ ۋالىس مۇزىكىلىرىنىڭ تىپىك ئۇدارى قاتارلىقلارنى كۆپرەك قوللانغان. تېخىمۇ مۇھىمى، گۇمانىتارلىق پۇراق بۇ ناخشىلاردا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ناخشىلار ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى، مەدەنىيەت – سەنئەتتىكى تەرەققىياتنى ئەكس ئەتتۈرگەن. 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەھەرلەردىكى ئوقۇغۇچىلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زىيالىي ياشلارنىڭ قايتا تەربىيە ئېلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ تاغلارغا، يېزىلارغا باردى. ئۇلار شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى يېزا – قىشلاقلارغا ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ناخشا ھەۋەسكارلىرى شەھەرلىكلەرنىڭ ئارزۇ – ئىستىكى بويىچە 20 – ئەسىرنىڭ 40 – ، 50 – يىللىرىدا شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى مودا بولغان لىرىكىلىق ناخشىلارنى پىششىقلاپ، بىر يۈرۈش شەھەر تۇرمۇشىغا خاس بولغان لىرىكىلىق ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ، شۇ دەۋر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ جەڭگىۋار روھىنى، ئوتتەك ياشلىقىنى، شاد – خۇراملىقىنى، قايغۇ – ھەسرىتىنى شۇ ناخشىلاردا نامايان قىلىشىغا يول ئاچتى.
بۇ ناخشىلار مۇزىكىسىنىڭ مېلودىيىسى، ئۇدارىنىڭ ئېنىقلىقى، يېقىملىق بولۇشى بىلەن ياشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. بۇ ناخشىلارنىڭ مەيلى تېكىستى ياكى مۇزىكىسى بولسۇن كىشىگە جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ، ئۈمىدۋارلىق بېغىشلايدۇ.
ئەنە شۇ تارىخىي دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەر ھازىرقى شۇ لىرىكىلىق ناخشىلارنى ئەسلىگىنىدە، شۇ ناخشىلارنى مەدھىيىلىمەي تۇرالمايدۇ. ئەينى چاغدا بۇ لىرىكىلىق ناخشىلارنى ئورۇنلىغان ناخشىچىلىرىمىز شۇ ناخشىلارنى يەنە سەنئەت كېچىلىكلىرىدە يۈرۈشلۈك ناخشا قىلىپ رەتلەپ ئورۇنلاپ كېلىۋاتىدۇ.