• 2008-03-31

    قەشقەر تارىخىدىكى " فېۋرال پاجىئەسى " - [تارىخقا نەزەر]

    مۇھەممەت ئىمىن قۇربانى

    جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھاپىزەت باش قوماندانى ( باۋۋېي زوڭسىلىڭ ) خوجانىياز ھاجى 1934 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەرغە يېتىپ كەلگەن ئىدى .
    شۇ كۈنلەردە قەشقەر يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭ ( چولاق زىخۇي ) غا قارشى " يېڭى شەھەر " سوقۇشى بولۇۋاتاتتى . بۇ ئۇرۇش باشباشتاقلىق ، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق سېلىشى تۈپەيلىدىن بىر تەرەپ بولمىغان ئىدى . گەرچە بۇ ئۇرۇش باشلانغىلى 60 نەچچ كۈن بولغان ، " يېڭى ھۆكۈمەت " ( شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ) نىڭ جىددى سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ ، يېڭى شەھەردىكىكىلەر تېخى تەن بەرمەيۋاتاتتى . خوجانىياز ھاجىنىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرغە كېلىپلا يېڭى شەھەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا جىددى تۇتۇش قىلدىدە ، بىر بەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئۈنۈم كۆرۈشكە باشلىدى . ماجەنساڭ چېكىنىپ سېپىل ئىچىگە مۆكۈنۈشكە مەجبۇر بولدى . دەل شۇ كۈنلەردە مافۇيۈەن باشچىلىقىدىكى 3 پولك ئەسكەر ئاقسۇدىن قەشقەرغە كېلىۋاتتاتتى . خوجانىيازھاجى ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن مارالۋېشى ، پەيزىۋاتلاردا كۈچلۈك قارشىلىق قىلغان بولسىمۇ مۇۋاپىقىيەتسىزلىككە ئۇچراپ بىر كېچىدىلا قەشقەردىن كېتىپ قالدى .

    خوجانىياز ھاجى 28 - يانۋار كۈنى كېچىسى بىر بۆلۈك كۈچىنى ئېلىپ يەكەنگە كەتتى . مەھمۇت مۇھىتى ئاساسى كۈچى بىلەن يېڭىساردىكى خوتەنلىك ئەمىرلەر بىلەن ھەمكاارلىشىشقا قالدى . " يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ " باش ۋەكىلى ساۋۇت داموللا ئاساسىي كۈچىدىن ئايرىلغان ھالدا يېڭىساردا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن يەكەنگە كەتكەن ئىدى . " يېڭى ھۆكۈمەت " قارمىغىدىكى قوشۇنلاردىن قەشقەر شەھەر مۇھاپىزەت قوماندانى ( چىڭپاڭ سىلىڭ ) كىچىك ئاخۇن ئەسكەرنلىرىنى ئېلىپ ئاستىن ئاتۇشقا ، " زىرائەت نازىرى ئوبۇل ھەسەن ھاجى ( مۇسابايوپ ) زەيدىن كارۋان باشچىلىقىدىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ ئۈستۈن ئاتۇشقا ، " دۆلەت مۇداپىئە نازىرى " قىرغىز ئورازبەك قىرغىز ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ئۇلۇغچات تەرەپكە ، " قەشقەر گارنىزون قوماندانى "ئۆزبەك يۈسۈپجان قۇر بېشى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ يېڭىسار تەرەپكە كەتتىدە ، قەشقەر شەھىرى مافۇيۈەن قىسىملىرىغا ئوڭچە قالغان ئىدى . بۇ چاغدا شەھەردىكى بايلار قولىغا چىققاننى ئېلىپ چەتكە قاچتى . ئىمكانىيىتى بارلار شەھەرنى تاشلاپ يېزىغا چىقىپ كېتىشتى . ئىمكانىيىتى يوق كاسىپلار ، كەمبەغەللەر ..... شەھەر ئىچىدە قالغان ئىدى . ئۆزبەك يۈسۈپجان قۇر بېشى باشباشتاقلىق قىلىپ ، ھىچكىمگە يۆلەنمىگەن ھالدا تۇنگانلار بىلەن يەنە بىر قېتىم ئېلىشماقچى بولدى . خوجا نىياز ھاجى قەشقەرگە كەلگەندە ھاجى ئاكا دەپ يۈرۈپ نۇرغۇن مىلتىق ، ئوق دورىلارغا ئىگە بولغان يۈسۈپجان خوجا نىياز ھاجىنڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ يېرىم يولدىن قايتىپ كېلىپ يولنى تاشمىلىق تەرەپكە سالدىدە بوراخىتاي ( بۇلاقسۇ ) ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى ۋە بىر قىسمى شەھەر ئەتراپلىرىغا سۇقۇنۇپ ، يەرلىك دىخانلارچە كىيىنىپ خەلققە ئارىلىشىپ يۈرۈۋەردى .

    مافۇيۈەن ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ ، قەشقەرغە يېتىپ كېلىپلا كونا شەھەرنى ئىشغال قىلدى . ئۇنى قەشقەرنىڭ ھاكىمى ( شەنجاڭ ) ياقۇپ بەگ لاۋسى ، ئىبراھىم لوزۇڭ باشچىلىقدىكى بىر تۈركۈم بايلار شەھەر سىرتىغا چىقىپ قارشى ئېلىپ شەھەرگە باشلاپ كىردى . مافۇيۈەننىڭ ئەسكەرلىرى ، شەتەي يامۇلى بىلەن داۋتەي يامۇلىغا ئورۇنلاشقان بولسىمۇ بىر قىسمى شەھەر ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ سودا سارايلىرىغا ئومۇمەن ھېيتكا مەيدانى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتى . مافۇيۈەن گەرچە قەشقەر شەھىرىنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ سېپىل ئىچىگىلا ھۆكۈمران ئىدى . دەرۋازا تېشىغا ھۆكمى ئۆتمەيتتى . ئەسكەرلىرىنى قىشلىق كىيىندۈرۈش ئىشى مۇھىم بولغاچقا شەھەردىكى بارلىق كاسىپلارنى يىغىۋالدى . كىيىم تىككۈچى ، موزدۇز ، بوياقچى ،ئىگەرچى ، تاسمىچى ، ياغاچچى ھەتتا تۈگمە ياسايدىغان ئۇستىلارغىچە ھايداپ كېلىپ سارايلاردا بېسىۋالغان چەكمەن ، ماتالاردىن كىيىم تىكتۈردى . مىلتىققا تاسما ، ئاتلارغا ئېيىل ياساتتۇردى . كاسىپلارنى قۇرۇق جىڭموما بىلەن ئاچ - توق ئىشقا سالدى . ياخشى ئىشلىمىسە مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇردى . بالا - چاقىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى . ھەتتا ئۆيدىن كەلگەن تاماقنى ئالدۇرماي قاتتىق ئازاپ سالغان ئىدى . مافۇيۈەن قوشۇنلىرىغا ئوزۇقلۇقنى يېزىلاردىن ئالاتتى . يېزىلارغا قوراللىق ئەسكەرلەرنى چىقىرىپ ئوتۇن ، سامان يېغدۇراتتى . بەزىدە ئۇنىڭ قوراللىقلىرى يېزىلاردا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچراپ قېچىپ كېلەتتى . يېزىلاردىن بولۇۋاتقان ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم بارغېنسېرى شەھەر بېقىنىغا يېتىپ كەلدىدە ، تۇمەن دەرياسىغا ئېلىپ چىققان ئاتلىرىنى ھۇجۇمچىلار تارتىپ ئېلىپ كېتەتتى . مافۇيۈەن بۇ ئەھۋاللارنى ئوڭشاش ۋە شەھەر خەلقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن بەگ ، پاششەپ ، مىرشاپلاردىن كەڭ پايدىلاندى . قەشقەرنىڭ بۇرۇنقى ئاتاقلىق باجگىرى ئىبراھىم لوزۇڭنى شەھەر مۇھاپىزەتچى قوماندانى قىلىپ تەيىنلىدى . ئىنقىلاپچىلار سېپىدىن قېچىپ كەلگەن رىشتەمى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ قوماندانى ( يۇيجى سىلىڭ ) قىلدى . رىشتەم ئاستىن ئاتۇش تىجەنلىك بولۇپ بۇرۇن دۇمبىلاقچى ( ئېشەكچى كىراكەش ) بولۇپ ، قورغانغا چىقىپ قىرغىزىستاندىن چىققان جانىبەك قازىنىڭ ئىسيانچىلىرىغا قاتناشقان ، كېيىن قېچىپ كېلىپ قىمارۋازلىق قىلغان ، شۇ يىللاردا كىچىك ئاخۇن بىرىگادىسىدا ليەن دەرىجىلىك ئەمەل تۇتقان ، كىچىك ئاخۇن شەھەردىن چېكىنگەندە 30 دەك قوراللىق ئادىمىنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرگە قېچىپ كىرىپ تۇنگانلارغا تەسلىم بولغان ئىدى . مافۇيۈەن شەھەر ئەتراپىدىكى ھۇجۇمچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نەيرەڭ ئىشلىتىپ ئاتۇشتىكى كىچىك ئاخۇن تۈەنجاڭنى يوقىتىش ئۈچۈن 6 - فېۋرال شەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە ئاتۇش تەرەپكە ئەسكەر ماڭدۇردى . شۇ كۈنى قار يېغىۋاتاتتى . بۇلارنىڭ كەينىدىن يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭنىڭ ئالا ياماق چاپان كەيگەن ئەسكەرلىرى كېلىپ ھېيتكادىن ئۆتۈپ شەرق تەرەپكە مېڭىپ كەتتى . بۇ ئىككى قوشۇن ئەمەلىيەتتە ئاتۇشقا بارمىغان ئىدى . مافۇيۈەن ئاپپاق خوجامنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ يول بىلەن بۇچا تەرەپكە كەتكەن بولسا ، ماجەنساڭ ئۆز قوشۇنىنى ئېلىپ دۆلەت باغ رايونى ئارقىلىق يېڭى شەھەرگە كەتكەن ئىدى . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئۆزبېك قوشۇنلىرى باشلىقلىرىدىن قوچقار باي ، ئۇيغۇر ، ئۆزبەكلەردىن تەركىپ تاپقان يۈز نەپەر پىدائىلارنى باشلاپ شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى . ئۇلار ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ رەستىدكى مۇسابايوپلارنىڭ سودا سارىيىغا ئورۇنلاشقان تۇنگان بىرىگادا شىتابىنى قولغا چۈشۈردى . يەنە بىر بۆلىگى توققۇزاق دەرۋازا گۈزىرىدىكى موللاخۇن ھاجى سارىيىغا ئورۇنلاشقان تۇنگان پولك شىتابىنى ئىشغال قىلدى . بۇ ئىككى شىتابتا بىر نەچچە نەپەرلا ئادەم قالغان بولغاچقا ئۆزبېك پىدائىلىرى ئاسانلا قولغا چۈشۈرىۋالدى . پىدائىلار يەنە ئىككىگە بۆلۈنۈپ شەتەي يامۇلى بىەن داۋتەي يامۇلىغا ھۇجۇم قىلدى . داۋتەي يامۇلىدىكى زىخۇيچىلار ( تۇنگانلار ) يامۇلنىڭ تاشقارقى ھويلىسىغا چاقلىق پىلىموت قۇرۇپ ئات سېلىپ كەلگەن پىدائىلارنى ئوققا تۇتتى ، بىرقانچىسىنى ئۈژمىدەك تۆكۈۋەتتى . قالغان پىدائىلار تۆرت تەرەپتىن ئوراپ ھۇجۇم قىلدى . زىخۇيچىلار ھەم ئۇلارغا قارشى مۇداپىئەلەندى . ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش قىلىشقا باشلىدى . پىدائىلارنىڭ شەھەرگە كىرىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان " ئامىن " چىلار گۇرۇھى پەيدا بولدى . قوللىرىغا كالتەك ، پالتا ، كەتمەن ئېلىشىپ پىدائىلارغا قوشۇلدى . بۇ گۇرۇھ بارغانسېرى كۆپەيدى . ئەتراپ يېزىلاردىن كىرىشكە باشلىدى . بۇ ئامىنچىلار داۋتەي يامۇلىنىڭ ئەتراپىدىن ؛يامغۇردەك ئوق يېغىپ تۇرۇشىغا قارىماي ئامىن توۋلاپ دۈشمەنلەرنى قىستاپ بارماقتا ئىدى . ئۇرۇش شۇ خىل تىركىشىش بىلەن بىرنەچچە سائەت داۋام قىلدى . لېكىن پىدائىلار شەھەر دەرۋازىلىرىغا سەل قاراپ ئىچىدىن زەنجىرلەپ قويۇش بىلەنلا قانائەتلەنگەن ئىدى . ئاتۇشقا بېرىش داغدۇغىسى بىلەن شەھەردىن چىققان مافۇيۈەن بەشكېرەم ئاغزىغا جايلاشقان ئۇزۇن سايغا يېتىپ كەلدى . " شام پادىشا " دىگەن مازارنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ بىر نىمە كۈتكەندەك شەھەر ئىچىگە قاراپ تۇردى دەل شۇ ۋاقىتتا چاپارمىنى يېتىپ كېلىپ شەھەر ئەھۋالىدىن خەۋەر يەتكۈزدى . شۇنىڭ بىلەن مافۇيۈەن شەھەرگە قاراپ ئات سالدى ، ئۇلار شەھەرگە يېتىپ كەلگەندە داۋتەي يامۇلىدا ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتاتتى . بۇلار سېپىل ئۈستىدە قاراۋۇلنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ " تۆشۈك دەرۋازا " سىدىن شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى . بۇلاردىن بىرقىسمى ھېيتكانىڭ شەرقىدىكى قاراڭغۇ رەستىنىڭ دوقمۇشىغا پىلىموت قۇرۇپ ئېتىشقا باشلىدى . ئۇشتۇمتۇت بولغان ھۇجۇمدىن ھاڭ - تاڭ قالغان پىدائىلار بىلەن " ئامىن " چىلار خام بازىرى سولاقمىسىغا سۈرۈلدى . ئەمما ھەممە تەرەپنى تۇنگان ئەسكەرلىرى توساپ ئالغان ئىدى .

    ئۇيقۇسى ئېچىلىپ دالدىلاردىن پايدىلىنىپ مۇداپىئە كۆرگەن پىدائىلار قەيسەرلىك بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىپ بېسىپ كېلىۋاتقان زىخۇيچىلارنى توختاشقا مەجبۇر قىلدى . ئۇرۇش سائەتلەپ داۋام قىلىپ ھەر ئىككى تەرەپ چىقىمدار بولدى . پىائىلار سان جەھەتتىن ئازلىق قىلاتتى . پىدائىلارنىڭ بىر قىسمى ئارقا ئەنجان كوچىسىدىكى " لى جىڭ " يامۇلىغا چېكىنىشتى . يەنە بىر قىسمى جاننى ئالقانغا ئالدىدە يا ئۆلۈم ، يا كۆرۈم دەپ ئەنجان رەستىسىگە قاراپ ئات سالدى زىخۇيچىلار بۇلارنىڭ قەھرىمانلىقىغا ھەيران بولۇپ ئۆزلىرىنى ئوڭشاپ بولغىچە بىر قانچىسى يار باغ دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى . زىخۇيچىلار ئۇلارنىڭ يولىنى قاتتىق توسىغان بولسىمۇ ئۇلار ئاتنىڭ قارنىغا چۈشۈۋېلىپ زىخۇيچىلاردىن بىر قانچىنى دۇمۇلۇتۇپ تاشلاپ قېچىپ كەتتى . بەزەنلىرى ئۆلدى . چىقىپ كېتىشكە ئامال تاپالمىغان پىدائىلار سۈرۈلۈپ ھېيىتكا ئارقا ئەنجان كوچىسىدىكى " لى جىڭ " يامۇلى دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇنغا توپلۇنۇپ ئىگىز سىرەج تاملاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى قوغدىدى . زىخۇيچىلار ئۇلارنى 4 تەرەپتىن ئوراپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىپ ئوققا تۇتتى . بولۇپمۇ سېپىل تەرەپتىن قاتتىق ھۇجۇم قىلىشتى . لېكىن ئۇلارنىڭ ئاتقان ئوقلىرى قېلىن تامدىن ئۆتمەيىتتى . پىدائىلار بولسا كۆزگە كۆرۈنگەن زىخۇيچىلارنى ئېتىپ دۇمىلىتاتتى .

    بۇ ئۇرۇش كەچ سائەت 4 لەرگىچە داۋام قىلدى . زىخۇيچىلار كۆپلەپ چىقىم تارتتى . يېرىم كۈنلۈك ئۇرۇشتا شۇ كوچىدىن 45 پۇقرانى ئېتىپ تاشلىدى . ھايات قالغان كىشىلەر ئۆيدىن ئۆيگە تۆشۈك تېشىپ ئۆي ئاتلاپ يۈرۈپ بۇ ئورۇندىكى كىچىك خالتا كوچىدا ئولتۇرقلاشقان ئافغان پۇقراسىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋېلىپ جېنىنى ساقلاشتى . زىخۇيچىلار ئافغان پۇقراسىنىڭ ئۆيىگە ئېسىلغان ئەنگىلىز بايرىقىغا قاراپ بۇ كوچىغا كىرمىگەن ئىدى .
    « لى جېڭ دىكى پىدائىيلار زىخۇيچىلار بىلەن كەچكە قەدەر ئېلىشىپ قارشى تەرەپنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتتى . زىخۇيچىلار ھەم ئۇلارنى بويسۇندۇرۇشقا ھەرقانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ ئالدامچىلىق قىلىشقا كىرىشتى . مەھەللىدىن تۇتىۋېلىنغان ئابدۇخالىق دىگەن بىلەن زۇنۇن ئاتا دىگەن ئۇيغۇرنىڭ قولىغا بىر دانە ئاق بايراق بىلەن بىر پارچە خەت تۇتقۇزۇپ پىدائىيلار تەرەپكە ماڭغۇزدى .

    پىدائىيلار ئاق بايراقنى كۆرۈپ ئەلچى ئىكەنلىكىگە قاراپ ئوق ئاتمىدى . ئەلچىلەر كېلىپ پىدائىيلارغا بىر پارچە خەت تاپشۇردى . بۇ خەت ئەھرارخان تۆرەم ، مۇھەممەت خان ئاقساقال باشلىق ئۆزبېك مۆتىۋەرلىرى نامىدىن يېزىلغان ئىدى . خەتتە : سىزلەرنىڭ خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالغانلىغىڭىزدىن خەۋەر تاپتۇق . بىز سىلەرنى بۇ خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مازوڭ زىخۇي بىلەن ئۇچرۇشۇپ سۆھبەتلەشتۇق . گۇناھلىرىڭىزدىن ئەپۇ سورىدۇق . ئۇ كىشى ھەم قوبۇل كۆرۈپ كېچىرىم قىلىدىغان بولدى . تەسلىم بولۇپ قورال تاپشۇرسىڭىزلار كەڭچىلىك قىلىدىغانغا ۋەدە بەردى . ئۆتكەننى سۈرۈشتە قىلمايمىز ، دىدى . ئەگەر ئۆزىڭىزلەرنىڭ ھاياتىنى ئىزدىسىڭىزلەر ۋە قەشقەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئامانلىقىنى خالىسىڭىزلار تەسلىم بولغايسىزلەر . مادارىن جانابلىرى چوقۇم كەڭچىلىك قىلىمەن دەپ قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچتى . بىز سىزلەرگە كېپىل بولدۇق ، سىزلەرنىڭ تەسلىم بولۇشىڭىزلەرنى تەلەپ قىلىمىز دىيىلگەن ئىدى . پىدائىيلار بۇ تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر قىسمى تەسلىم بولۇش ، بىر قىسمى تەسلىم بولماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنگەن ئىدى . مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە قىلىشىپ ئاخىر تەسلىم بولۇشقا ماقۇل بولۇشتى . ئۇزۇن مىلتىقنى تاپشۇرىدۇ ، تاپانچا قىلىچلار ئۆز قولىدا قالىدۇ دەپ توختام قىلىشىپ 1 – قەدەمدە ئۇزۇن مىلتىقلارنى تاپشۇرۇپ بەردى . زىخۇيچىلار ئۇزۇن قوراللارنى ھارۋىغا بېسىپ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن تەسلىمچىلەرنى قورا ئالدىدىكى سەيناغا تىزىلدۇرۇپ ، يان قورال بىلەن قىلىچلارنى يىغىۋالدى . مۇندىن بىر سائەت ئىلگىرى ئۆزلىرىنى ئارسلاندەك ھىس قىلىشقان پىدائىلار ئەمدى قوراللىرىدن ئايرىلىپ سۇغا چۈشكەن مۇشۇكتەك بىچارە بولۇپ قالغانلىقىى تونۇپ ھەسرەت چېكىشتى . زىخۇيچىلار ئۇلارنىڭ قوللىرىنى ئارقىسىغا قايرىپ ئارغامچا بىلەن باغلاشقا باشلىدى . باشلىق دەپ ھىساپلانغان 18 نەپەر كىشىنىڭ پۇتىغا كىشەن ، قولىغا كويزا سېلىپ يېڭى شەھەر تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى . قالغان قىرىق ئادەمنى باغلاپ داۋتەي يامۇلى تەرەپكە ھايداپ ماڭدى . بۇلار ھەرقانچە پۇشمان ، نادامەت قىلسىمۇ ۋاقتى ئۆتكەن ئىدى .

    يېڭىشەھەر تەرەپكە ھايداپ كېتىۋاتقان 18 كىشى قىزىلنىڭ كۆۋرۈكىگە يېتىپ كەلگەندە كەچ قاراڭغۇ بولۇپ قالغان ئىدى . ئارىدىن ئىككى ئادەم ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ قاچتى . قاراڭغۇدا زىخۇيچىلار بايقىمىغان ئىدى . بۇ ئىككەيلەن قوراللىقلار ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن كۆۋرۈك دالدىسىدا دەملىرىنى ئېلىۋېلىپ تاڭ ئاتقۇچە قېچىپ پاختەكلە يېزىسىنىڭ نېرىسىغا ئۆتۈپ ئامان تاپتى . قالغانلىرى شۇ كېچىسى يېڭى شەھەردە ئېتىپ تاشلاندى . بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئابلا كەتمەننىڭ ئوغلى ئابدۇكېرىم دىگەننى قورال – ياراق ئۇستىسى ھاۋاز چوڭ دىگەن كىشى مېنىڭ تۇققۇنۇم دەپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالدى .

    مافۇيۈەن پىدائىيلارنى ئالداپ قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن پىدائىيلارغا ياردەملەشكەن « ئامىن » چىلارنى پىلىموتقا تۇتۇپ جازالىدى ۋە ئۈچ كۈنلۈك ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ ، بارلىق قوشۇنلىرىغا بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشقا ، ئۇچرىغاننى ئېتىشقا بۇيرۇق بەردى . شەھەر كوچىلىرىغا پىت تارىغاندەك تاراپ كەتكەن زىخۇيچىلار بىرىنچى قەدەمدە تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىنى بۇلاشتى ، 2 – قەدەمدە ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلدى . ئۇچرىغان ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ۋە چاناپ تاشلىدى . ئۆيلەرنى بۇلىغاندا دەسلەپ يېڭىراق ئۆيلەردە بۇلاڭچىلىق قىلغان بولسا ، بارا – بارا ئومۇميۈزلۈك بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى . بۇلىغان ماللىرىنى كەمبەغەللەرگە كۆتەرگۈزۈپ ئېلىپ كەتتى ، ئىشى تۈگىگەندە ئۇلارنىمۇ ئېتىپ تاشلىدى ،ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرگەندە ئۆي ئىگىلىرىنى تۇتىۋېلىپ ئالتۇن – كۈمۈش ، پۇل ، سائەت بەر دەپ قىستىدى . خەلقلەر ئۆزىدە بار نەرسە كېرەكلەرنى بېرىپ تۈگىگەن چاغدا يەنە قانائەت قىلماي ، ئۇلارنىڭ قوللىرىنى باغلاپ تۈۋرۈكلەرگە بېسىپ ئۇردى . تۆمۈر قىزىتىپ ياقتى . پۈتۈن شەھەرنى دات – پەريات قاپلىدى . بىرىنچى قېتىم كىرگەنلەر بۇلاپ – تالاپ چىقىپ كەتسە ، 2 – قېتىم كىرگەنلەر ئەۋەلقىلارنىڭ كىرگەنلىكىنى ھىساپقا ئالماي يانا قىينايتتى . قالغان ، قاتقانلارنى ئالتتى . 3 ، 4 .... قېتىم كىرگەنلەرگە بەرگىدەك نەرسە قالمىغاندا ئۇلار ئاچچىقىنى جازالاش بىلەن چىقىراتتى . ئۆلتۈرۈپ تاشلايىتتى . بۇ ۋەھشىلەر بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپلا قالماستىن ، خوتۇن – قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلدى . خوتۇن – قىزلارنى ئاتا- ئانىلىرىغا ، ئەرلىرىگە كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ ، نومۇسىغا تەگدى . بۇ قىرغىنچىلىققا يېڭى شەھەردىكى ماجەنساڭ قوشۇنلىرىمۇ قاتناشقان ئىدى ، 6 ئايلاپ يېڭى شەھەر مۇھارىسىدە قامىلىپ ئازاپ چەككەن بۇ ئەسكەرلەر قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان شەھەر خەلقىدىن ئۆچ ئېلىپ دەھشەتلىك قىرغىن يۈرگۈزدى .

    تاڭ ئېتىشقا يېقىن ھەرقايسى ئۆيدە ئۆلگەن ئۆلۈكلەرنى ئىشىك ئالدىغا ئەچىقىپ ياتقۇزۇپ قويدى . بۇ 2 – كۈنى كېلىدىغان ۋەھشىلەرنىڭ يولىنى توساش ئۈچۈن چارە ئىدى . بۇ چارە راستىنلا ئۈنۈملۈك بولدى . 2 – كۈنى كەلگەن بۇلاڭچىلار ئۆلۈك بار ئۆيگە كىرمەي قايتىپ كېتىشتى . دەھشەتلىك 6 – فېۋرال كۈنى ئەنە شۇنداق خەۋپلىك ئۆتكەن بولسىمۇ پاجىئە تېخى تۈگۈمىگەن ئىدى . شۇ كېچىسى تاڭ يورۇغىچە ھەممە ئەتراپتىن مىلتىق ، پىلىموتلار ئېتىلىپ تۇردى . 7 – فېۋرال كۈنى بۇلاڭ – تالاڭ يەنە داۋام قىلدى . لېكىن ئەھۋال تۈنۈگۈنكىدەك دەھشەتلىك بولمىدى . چۈنكى بۇ كۈنى ماجەنساڭنىڭ ئادەملىرى يوق ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلايدىغانغا پەقەت ئەسكى يوتقان مازلىرى ، تەكىيلەردىكى توزغاق سامانلارلا قالغان بولغاچقا ئەسكەرلەرگە ئانچە ئەپلىشىپ بەرمىدى . شۇنداق بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ قوي ، كالا ، ئاتلىرىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلدى . 7 – فېۋرال كۈنى چۈش بولغاندا تۈنۈگۈن تەسلىم بولغان پىدائىيلارنى داۋتەي يامۇلىنىڭ ئالدىغا تىزىپ كەلدى . بۇلارنى ئوراپ ماڭغان قوراللىق قوغدىغۇچىلار سەينانىڭ ھەممە تەرىپىگە يېيىلدى . ئەسىرلەرنى جاۋبى تامنىڭ ئالدىغا ئىككى قاتار قىلىپ تىزدى ، بۈگۈن بۇلارغا جازا ھۆكۈم ئېلان قىلماقچى بولغان ئىكەن ، ئاز ئۆتمەي ، ئاز ئۆتمەي شەھەر ھاكىمى ( شەنجاڭ ) ياقۇپ بەگ لاۋسى بېشىدا قارا پوسما ، ئۇچىسىدا قارا لەمبۇقتىن تىكىلگەن لاتا خەي ....... كىيىنگەن ھالدا غەربىي يولدىن كىرىپ كەلدى ، ئاندىن قەشقەر شەھىرىنىڭ قورچاق « چىڭپاڭ سىلىڭى » ئىبراھىم لوزۇڭ باشچىلىقىدا شەھەرنى مۆتىۋەرلرىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر كېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىشتى . بىر چاغدا يامۇل ئىچىدىن مافۇيۈەن چىقىپ كەلدى ، يۇرت كاتتىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بېرىش ئۈچۈن قوللىرىنى كۆكسىگە قويۇپ تازىم قىلدى . مافۇيۈەن كۆپچىلىككە سۆزلەپ : خەلقنى بۇاليدىغان ، جەمىيەتنىڭ ئامانلىقىنى بۇزۇدىغان ، ئىسيانچىلارغا قاتتىق جازا بېرىلىدىغانلىقىنى بۇلارنى تىلەشنىڭ ئۆزىمۇ جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى . ئۆزبېكلەرنىڭ بىشىۋاسى ئەھرارخان تۆرەم ئورنىدىن تۇرۇپ قايتا مۇراجىئەت قىلىپ ، بۇلارنى ياخشى ئادەم قىلىش ئۈچۈن كاپالەت بېرىمەن دىۋىدى ، ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلدى . ئۇنىڭ ئارقىدىنلا بىر بۇيرۇق بىلەن پىدائىيلارنى پىلىموتقا تۇتۇپ قىرىپ تاشلىدى ، بۇ قىرىق كىشىدىن ئابدۇراخمان ئىسىملىك بىرسى ئۆلۈكلەر ئارىسىدا يېتىۋېلىپ كيېىن قېچىپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالىدى ، قالغان كىشىلەر قانغا بويۇلۇپ تۈگەشتى .

    ھەربىي ھالەت بۇيرۇقى ئۈچ كۈن دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ 2 – كۈنى ( 7 – فېۋرال ) قاراڭغۇ چۈشۈشكە يېقىن بۇيرۇق ئېلىپ تاشلاندى . كوچىلارغا ئادەم چىقىرىپ ئەل ئامان دەپ جاكا سالدۇردى ، ئەسكى داسلارنى تاياق بىلەن ئۇرۇپ ، ئاۋاز چىقىرىپ ، ھەربىي ھالەتنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى ، بۇلاڭ – تالاڭنىڭ ئەمدى توختىغانلىقىنى ئۈنلۈك ئاۋازلار بىلەن جاكارلىدى .

    8 – فېۋرال كۈنى كوچا – كوچىدىن ئۆلگەن ئۆلۈكلەرنىڭ تاۋۇتلىرى چىقىشقا باشلىدى ، بامدات نامىزىدىن باشلانغان ئۇزۇتۇش چاشكا ۋە پىشىنغىچە يېرىم كۈن داۋام قىلدى . ئۆلگەن ئۆلۈكلەر كۆپ بولغانلىقتىن پاششەپلار ھارۋىلارغا قاتلاپ بېسىپ گۆرۈستانلىقلارغا ئاپىرىپ چوڭ ئورەك كولىتىپ ئۆلۈكلەرنى ئۈستى – ئۈستىگە قويۇپ كۆمۈپ تاشلاشتى ، شەھەردىكى ئۆلۈكلەرنى ئۇزۈتۇش ، تاۋۇت كۆتۈرۈش بانىسى بىلەن تىرىك قالغان ئەركەكلەر شەھەر تېشىغا چىقىپ كەتتى .

    7 – فېۋرال كۈنى قەشقەر كونىشەھەردە ماجوڭ يىڭ ۋە مافۇيۈەن تەرىپىدىن قىلىنغان بۇ قەتلىئامدا ( چاپ – چاپتا ) ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى زادى قانچە ؟ بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق . لېكىن شىۋېت مىسىئونىرلىرى كوچىلارغا ئادەم چىقىرىپ ئۆلۈكلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تىزىملىغان ئىدى . شۇلارنىڭ تىزىملىغان سانى ھازىرغىچە ئاساسلىق سان بولۇپ كەلمەكتە ، شىۋېت ئادەملىرى ھېيتكا مەيدانىدىن ئۆتۈپ شەرقىي يولدىكى زەيكەش مەھەللىسىگە يېتىپ كەلگىچە تىزىملانغان ئۆلۈكلەرنىڭ سانى سانى 4508 . بۇ سان ئېنىق سان ھىساپلىنىدۇ . 1956 – يىلى يازدا جوڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر سايرانى باشچىلىقىدىكى ئۆمەكلەر قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ زالىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچقان ئىدى .يىغىندا 7 – فېۋرال كۈنى قەشقەردە ماجوڭ يىڭ قىسىملىرى يۈرگۈزگەن قەتلىئام توغرىسىدا سۆز بولغاندا يىغىنغا قاتناشقان بارات ئاخۇن خەلپىتىم ( توكۇر ) شىۋېتلەر تىزىملىغان 4508 ئادەمنىڭ سانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، بەزەنلەر مۇلاھىزە قىلىپ شۇ قېتىمقى قىرغىندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 6 مىڭغىچە دەپ پەرەز قىلىشتى . ھەر ھالدا شىۋېت ئادەملىرىنىڭ تىزىملىغان سانى بىرقەدە ئەمىلىي سان بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . بىر شەھەردىن شۇنچە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ھەرقانداق ئادەمنى قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ .


    مەنبە : شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى 12 سان ( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983 - يىل 1 - ئاي 1 - نەشرى )





ئۇيغۇرچىدىن لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن Ctrl+kنى بېسىڭ