مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن
ئىنساننىڭ قەلب ۋۇجۇدى قاراڭغۇلۇق بىلەن نۇرنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر دائىرە تالىشىش مەيدانىدۇر. قاراڭغۇلۇق غالىپ كەلسە نۇرنى باسىدۇ. نۇر غالىپ كەلسە زۇلمەتنى قوغلايدۇ. ئىككىسىدىن بىرىنىڭ مۇتلەق يوقۇلىشى ياكى ھەر ئىككىلسىنىڭ پۈتۈنلەي يوقۇلۇش ئىمكانىيىتى يوقتۇر. بىرسى يەنە بىرسى ئۈستىدىن مۇتلەق غالىپ كەلگەندە يەنە بىرسى يوشۇرنۇپ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەتنى كۈتۈپ ساقلايدۇ. بۇ نۇقتىدا ھەممە ئىنسانلار ئوخشاشتۇر. شۇڭا ياخشىلىق، يامانلىق ھەممە ئىنساننىڭ تەبئىتىدە بار نەرسە بولۇپ ئادەم مۇتلەق ياخشى ياكى مۇتلەق يامان بولمايدۇ. پەقەت ياخشىلىق خىسلەتلىرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى نۇر زىيادە يورۇپ قاراڭغۇ نۇقتىلارنى يورۇتۇپ يامان خىسلەتلەرنىڭ ماكانى تارىيىدۇ. بەلكىم قاراڭغۇلۇق ئۆزىنى پەقەتلا نامايەن قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە زەئىپلىشىپ كېتىشى مومكىن. ئۆچ-ئادەۋەت، زۇلمەت، يامانلىق بىلەن تولغان قەلبتە ياخشىلىق نۇرى سۇسلاپ غۇۋالىشىپ قالىدۇ. بۇ غۇۋالىق ئۆچۈپ قالمىغىنى بىلەن يا ئىگىسىنى يورۇتالمايدۇ يا باشقا ئىنسانلارنى يورۇتالمايدۇ.
ئىچىمىزگە تولغان بۇ ئايرىلماس قوشماقلار ‹‹نەپس›› دەپ ئاتالغان. ‹‹نەپس›› كۆپۈنچە ھاللاردا سەلبىي مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. بۇنداق بولىشى نەپسنىڭ كۆپۈنچە ھاللاردا ئادەمگە يامان ئىشلارنى گۈزەل كۆرسىتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىدىندۇر. ئەمەلىيەتتە نەپس ياخشىلىق ۋە رەزىللىكتىن ئىبارەت ئىككىلا تەبىئەتكە قارىتىلغاندۇر.
روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(9)نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ.(10)