بالىلىقتىكى كۈتۈبخانا خىياللىرىمدىن ھازىرغىچە رىئاللاشتۇرغىنىم

 

DSC04866

بالىلىق ئارزۇلىرىمدىكى ئەڭ كۆپ خىيال قىلىدىغىنىم ئازادە بىر كۈتۈبخانا ئۆيۈمنىڭ بولىشى ئىدى. كۈتۈبخانامنىڭ تاملىرىدا لىققىدە كىتابلار بولسا، ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدا ئۈستەل بولسا، ئەتراپلىرىغا ئورۇندۇقلارنى قويۇپ باللىرىم بىلەن ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇپ كەتسەم دەپ ساددا خىيال قىلاتتىم. بۇ بەلكىم شۇ ۋاقىتلاردا تىلۋېزۇرلاردا كۆرگەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك. كىيىنرەك سەل بىر قەدەم ئىلگىرلەپ قىلغان خىياللىرىمدا سالىدىغان ئۆينىڭ ئەڭ موھىم قىسمىدا كۈتۈبخانا بولىشى، ئەتراپىدا گۈل-گىياھ، كۆكتاتچىلىق، يېزىقچىلىق مەشىقى قىلۋاتقاندا ئىلھاملىرىمنى قوزغايدىغانغا ۋېچىرلاپ تۇرىدىغان قۇشلارنىڭ بولىشى بەك زۆرۈردەك ئويلاپ كېتەتتىم. كۈتۈبخانا ئۆي ئىككىنجى قەۋەتتە بولسا ياخشىراق بولاتتى، چۈنكى بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىدىن خالىي، جىمجىت بولاتتى. دېرىزە يېنىدا راھەت ئورۇندۇق، يېزىق شىرەسى بولىشى كېرەك ئىدى. تۆت تامغا ئايلاندۇرۇپ لىققىدە كىتاب، كىتابلار ئۆز كاتوگورىيەسى بويچە رەتلىك تېزىلغان، ئىزدىگەن كىتابنى ئاسانلا تاپقىلى بولىدىغان قىلىپ تېزىلىشى كېرەك ئىدى. ئازغىنە تاپقان پۇللىرىمنى تىجەپ يۈرۈپ بولسىمۇ كۈتۈبخانامنى موللاشتۇرۇپ، كىتابلارنى تولۇقى بىلەن تېزىمەن دەپ ئويلاپ كېتەتتىم. خىيالىمدا تارىختىكى ئىجتىھاتلىق ئالىملار، تىرىشچان ئىلىم ساھىبلىرىنىڭ ئاددىي-ساددا تۇرمۇش ئىچىدىكى بىلىمگە بىرىلگەن، كېچىلىرى ئۇيقۇدىن بىدار كىتاب ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان نۇرانە سىيماسى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولغاندەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن دادام بەرگەن ئازغىنە پۇللىرىمنى خەجلىمەي كەلگۈسىدىكى گۈزەل كۈتۈبخانەم ئۈچۈن كىتاب سېتىۋالاتتىم ۋە ئاي يورىقىدا كىتاب ئوقۇيدىغان گوركىيدەك ھېرىسمەنلىك بىلەن تېزلا ۋاقىتتا ئوقۇپ تۈگىتىۋېتەتتىم. كىيىنكى كۈنلەردە ئىلگىركى ئالىملاردەك شەھەر ئاتلاپ سەپەر قىلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش تەمەسىدە ئۈرۈمچىگە بارماقچى بولۇپ يېغىپ ساقلىغان كىتابلىرىمنى كىتاب ئارىيەت بىرىش شەكلىدە تىرىكچىلىك قىلماقچى بولغان بىر قىزغا ئامەنەت قويۇپ قەشقەردىن ئايرىلدىم. ئۈرۈمچىدە ياشىغان بىر مەزگىللەردە ئىلىپ ئوقىغان كىتابلىرىمنى ئۇ يەردىن قايتاشىمدىمۇ يەنە بىرسىگە ئامانەت قويدۇم. بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش چۈشۈم رىئاللىققا ئايلىنىپ بولالماي، تىل ئۈگۈنۈش كۇرۇسلىرىدا لاغايلاپ يۈرۈپ ئاخىرىدا ئەڭ مۇۋاپىق قارار-خوتەنگە بىرىپ تېبابەت ئۈگۈنىدىغان بولدۇم. ئۈرۈمچىدىن قايتقاندىمۇ نۇرغۇن كىتابلىرىم قالدى. ھازىرغىچە شۇ ئىككى قېتىملىق يىققان، مەن ئۈچۈن بەك قىممەتلىك بولغان شۇ كىتابلىرىمنى ئامانەت قويغانلار تاپشۇرۇپ بەرمىدى. سۈيلەپمۇ بولالمىدىم. مەن بەك زوقلىنىپ ئوقىغان ئەختەم ئۆمەر، مەمتىمىن ھوشۇر، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ كىتابلىرى، كەلىلە دېمىنە ، گۈلىستان، چاھار دەرۋىش، مېڭبىر كېچە دېگەندەك كىتابلار، دۇنيا ئەدەبىياتى، شىنجاڭ مەدىنىيىتى دېگەندەك ژورناللارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تولۇق سانلىرى ھىلھەم ئېسىمدە. ئۈرۈمچىدىن قايتاشىمدا راخمانجان ئاۋۇت(ئۆزھال)دىن ئارىيەت ئالغان «خورلانغانلار» رومانىنى تاپشۇرۇپ بىرىشكە بىرسىگە ئامانەت قويدۇم. كىيىن بۇنىڭمۇ سۈرۈشتىسىنى قىلالمىدىم.
ۋاقىتلار ئۆتتى، ئارمانغا چۈشلۇق دەرمانلارمۇ بولۇپ قالدى، قىممەت باھالىق كىتابلارنى پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرمايلا سېتىۋالغۇدەك شارائىتلىرىم ھازىر بولۇپمۇ قالدى، ئەمدى ھىلىقى كۈتۈبخانە پىلانىم – يوقسۇ، گەپ جايىغا چۈشمەي قالدى، كۈتۈبخانىسى بار ئازادە بىر ئۆي قىلىش پىلان باسقۇچىغا كەلمىگەن بىر خىيالچە ئىدى تېخى. رېسقىمىزغا چۇشلۇق نېسىۋىلەرگە ئىرىشىپ باللىرىم بىلەن ياشىماق ئۈچۈن چوڭلاردىن ئايرىم ھالدا بىر ماكان قۇرماق بولدۇم. ئۆيمۇ سېتىۋالدىم، ئۆينىڭ بېزەكچىلىكىنى قىلدۇرىدىغاندا دەسلەپتە ئويلاشقان مەسىلە كۈتۈبخانە ئۆيىنى تەييارلاش، كىتاب جاھازىلىرىنى گۈزەل بىر شەكىلدە لايىھەلەشكە خىلى باش قاتۇردۇم. ئاخىرىدا باللىرىمغا چاققانراق بىر ياتاق ھوجرىنى بېزەپ تەييارلاپ، ئۆزۈمگە چوڭراق ھوجرىنى ھەم ياتاق ھەم كۈتۈبخانا قىلىپ تەييارلىماق بولۇپ بېزەكچى ئۇستام بىلەن لاھىيەگە كىرىشىپ كەتتۇق. ئاخىرىدا بالىلىقىمدا خىيال قىلغان كۈتۈبخانا ئۆيىگە ئاز-تولا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ھوجرا تەييارلىغان بولدۇم. ئەتتىگەندە قۇياشقا يۈزلەنگەن دېرىزىنىڭ يان ئىككى تەرىپىگە كىتاب ئىشكاپلىرىنى جايلاشتۇردۇم. ئوتتۇرسىغا كارۋات. كارۋات يېنىدا ئازادە ئورۇندۇق، ئوتتۇرىسىدا يۇمۇلاق چاي شېرەسى. مۇشۇنداق جايلاشتۇرۇشۇمدىن رازى بولۇپ ئەمدى خالىسام كىتابنى يېتىپ ئوقۇيمەن، خالىسام ئولتۇرۇپ دېگەندەك شارائىتلار تەل بولدى. «ھورۇنلۇق پەزىلەت» بولۇپ قېلىۋاتقان بۇ كۈنلىرىمدە مۇشۇنداق كىتابلارغا پۇتلىشىپ يېتىپ-قوپۇپ يۈرمىسەم كىتاب ئوقىغىلى خوشياقماي يۈرۈپ كېتىدىغاندەك تۇرىمەن. مانا، ھازىر ، ئويغانساملا كۆزۈمگە كۆرىنىدىغىنى كىتاب، ئاخشىمى كارۋاتقان ئۆزۈمنى تاشلىساملا كۆرىدىغىنىم يەنىلا كىتاب. ئاشۇ تېزىقلىق، كىتابخانىدىن سېتىۋىلىپ كىلىپ تېزىپ قويغانچە بىر قېتىممۇ ۋاراقلاپ بېقىش شەرىپىگە ئېرىشەلمەي توپا باسقىلى تۇرغان كىتابلارغا يۈز كېلەلمەي قالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ئانچە-مۇنچە ئوقۇپ قويىۋاتىمەن.
DSC04868

ئىنساننىڭ ئارزۇلىرى پۈتمەي جاھاندىن ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ، ئەمدى، خىيال قىلىدىغىنىم ، كۈتۈبخانىدا كىتابلارنى جىق تېزىۋىلىپ ئۆزىگە بېسىم قىلىۋېلىشنىڭ ئۇنچە كۆپ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن. كۈتۈبخانا ئۆيدە پائالىيەت بوشلۇقى كەڭرەك بولغىنى ياخشىدەك تۇرىدۇ. بىر تامغا مەخسۇس كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقۇرى سۈزۈك ئىكران، ئاۋاز ياڭراتقۇ جايلاشتۇرسام. يەنە بىر تامغا مەخسۇس ئېس تېشىغا تەپمەي يانىدىغان، ئوتۇن قالايدىغان ئېسىل بىر ئوچاقمۇ بولسا، ئوچاق ئۈستى-مورا بېشىدا ھەر خىل چاي، قەھۋە دەملەيدىغان لازىمەتلىكلەر تېزىلغان بولسا، قىشنىڭ ئۇزۇن كۈنلىرىدە راھەت ئورۇندۇقنى ئوچاق ئالدىغا قويۇپ ، چاراسلاپ يېنىپ تۇرغان ئوتنىڭ ئالدىدا پۇتۇمنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈم ياقتۇرغان چاي-قەھۋەلەردىن دەملەپ قويۇپ كىتاب قۇرلىرىغا غەرق بولسام دەپ ئوچاقنىڭ ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدىكى نۇسقا لاھىيەلىرىنى سىزىپ كۆڭلۈمنى خوش ئېتىپ قويىمەن.

- مۇھەممەتتۇرسۇن زۇنۇن


  • ئالدىنقى يازما:
  • كېيىنكى يازما:

  • باھا يوللاش كۆزنىكى

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

    ئۈندىدارغا ھەمبەھرىلەڭ

    • ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن (باش ئۇستام)
    • ئادرېسىمىز: قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كاتتا بازىرى 7-رايون A بۆلەك 018-نومۇر
    • تېلېفون: 2820877-0998 | 13565662787
    • بانكا ھېسابات نومۇرلىرى: بۇ يەردىن كۆرۈڭ...