展示图片1 展示图片2 展示图片3 展示图片4 展示图片5
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
  • 5
بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش


ۋاقتى:2010-12-14
0

بۆرەك زەئىپلىشىش ۋە ئۇنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش

بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ جىددىي خارەكتىرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش دەپ بىر تۈرى بولۇپ ئۇنى ئايرىم يازمىدا سۆزلەپ ئۆتىمىز .
تۇنۇش : بۆرەك ئاجىزلاش ياكى بۆرەك زەئىپلىشىش ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر بۆرەك ياكى ھەر ئىككى بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش ياكى چىقىرىش خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كۆرسىتىدۇ .
بۆرەك زەئىپلىشىش يەڭگىل ياكى ئېغىر بولۇشى مۇمكىن . بۆرەك كېسەللىكلىرى ، مېڭە كىسەللىكلىرى بىمارلارنىڭ ھاياتىغا دەرھال خەتەر يەتكۈزىدۇ .شۇڭا بۆرەك زەئىپلىشىش دېگەندە ، بۇ يەردە بۆرەك خىزمىتىنىڭ يەڭگىل دەخلىگە ئۇچراشلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ . بۇ خىل بۆرەك زەئىپلىشىش ئۇزاق داۋام قىلسا ئوخشاشلا بۆرەك ئىچكى قىسمىنى بۇزۇپ ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ھەتتا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ .
سەۋەبى : بۆرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىق ياكى سۇغۇقتىن بۇزۇلۇشى ئۇزاق داۋاملىشىش ، بۆرەك ئورۇقلاش ،بۆرەك ئىچكى نەيچىلىرى بوشاپ كېتىش، جىمائ(جىنسىي ئالاقە)نى كۆپ قىلىش ، ھەر خىل بۆرەك داۋامىنى ئوقۇش»

قىزىل ئۈزۈم ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى


ۋاقتى:2010-12-13
0

قىزىل ئۈزۈم ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رولى
بالىلىقىمدا ئۈزۈم ھەققىدە ئاڭلىغان رىۋايەتلەر تازا ئېسىمدە قالماپتۇ.ئېسىمدە قالغىنى مۇنداق ئىكەن(قىسقىچىلا دەپ ئۆتەي)؛
كېرىيەنىڭ لەڭگەر دېگەن يېرىدە بىر ئەۋلىيا ئۆتكەنىكەن. بىر ۋاقىتلارغا كەلگەندە يۇرتتا ئاچارچىلىق يۈز بېرىپتۇ،بوۋاي ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ چىشىنىڭ كاۋىكىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۈچ تال ئۇرۇقنى بېرىپ بۇنى ئۆينىڭ كەينىگە ئاچىقىپ يەرگە كۆمۈپ قويۇشنى بۇيرۇپتۇ. ئۈچ تال ئۇرۇق بىرىنچى كۈنى كۆكلەپ ، ئىككىنچى كۈنى مېۋىگە كىرىپ ئۈچىنچى كۈنى پىشىپتۇ.يۇرتتىكىلەر ئۈزۈم بىلەن بۇ ئاچارچىلىق مەزگىللىرىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئۈزۈم تېلى شۇ ۋاقىتلاردا ئۈچ كۈندە مېۋىگە كىرگەن بولسا كېيىنكى يىللىرىدىن باشلاپ ئۈچ يىلدا مېۋىگە كىرىدىغان بوپتۇ. مەن مۇشۇنداقراق ئىسىمدە تۇتۇۋاپتىمەن، توغرىسىنى ياكى تۇلۇقىنى بىلىدىغانلار يوللاپ قويسا دېگەن ئۈمىدتىمەن، يەنە مۇشۇ رىۋايەتتە ئۈزۈمنىڭ لەڭگەردىن تۇرپانغا تارالغانلىقى بايان داۋامىنى ئوقۇش»

جەلەق(ئانانىزىم) ھەققىدە


ۋاقتى:2010-12-13
10

جەلەق( ئانانىزىم ]

自慰,自读,masturbate

تونۇش: بالاغەتكە يەتكەن قىز- ئوغۇللار داۋاملىق شەھۋانىي گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاش، شەھۋانىي خىياللارنى كۆپ قىلىپ، ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ، قول ياكى باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق جىنسىي ئەزانى غىدىقلاپ ھوزۇرلىنىش ياكى مەنىي ماڭدۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قىلىپ، تاشلاي دەپمۇ تاشلىيالمايدىغان بارا- بارا ئىرادىسى ۋە بەدىنى ئاجىزلايدىغان، تەپەككۇر قىلىش، ئەستە تۇتۇش، بالدۇر چاچ چۇشۇش، بالدۇر چاچ ئاقىرىش، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، نىرۋا ئاجىزلىقى، داۋامىنى ئوقۇش»

ئۆپكە راكى ۋە ئۇنى داۋالاش


ۋاقتى:2010-12-12
0

ئۆپكە راكى ۋە ئۇنى داۋالاش

ئۆپكە سەرتانى تېبابىتىمىزدە سەپرا ماددىلىرىنىڭ كۆپىيىشىيدىن ، سەۋدا ماددىسى ۋە قان ماددىلىرىنىڭ كۆپۈيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئكپكە ھاۋادىكى چاڭ-توزان، بۇلغانغان ، غىدىقلىغۇچى نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەزا بولغاچقا ، بۇنداق ھاۋالار بىلەن نەپەسلىنىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش ئۆپكە سەرتانىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تىزلىتىشى مۇمكىن. ئۆپكىدىكى كونا كېسەللەر  مەسىلەن ، زاتىررىيە ، ئۆپكە سىلى، بەزىدە كاناي شاخچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئۆپكىدىكى كونا يارا كاۋاكلىرىدىن سەرتان كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئۆپكە سەرتانى كۆپىنچە شاخ كاناينىڭ ئۆپكىگە كىرىش جايىدا (ئۆپكە دەرۋازىسىدا ) ، ئكپكە بۆلەكچىلىرىنىڭ سىرتقى تېرىسىدە ھاسىل بولىدۇ.

كېسەللىك ئالامەتلىرى :

ۋاقتىدا سېزىلمەيدۇ، كۆپىنچە كېچىككەندە بىلىنىدۇ. تۇيۇقسىز قېقىلىپ قاتتىق داۋامىنى ئوقۇش»

ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىق ھەققىدە بايان


ۋاقتى:2010-12-12
0

جىنسىي ئاجىزلىق
بۇ ئاساسلىقى بۆرەك ئاجىزلىقى ، رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ، ئۇزۇن مەزگىل ئاغرىپ يېتىپ قېلىش ۋە شۇ كېسەلنىڭ ئاسارەتلىرى ، ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق، تاناسىل ئەزانىڭ مىزاجى ئىسسىق ياكى سوغۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى ، تاناسىل ئەزانىڭ پالەچلىنىشى ، ئۇرۇقداننىڭ زەخمىلىرى، مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ، چىكىملىكنىڭ تەسىرى ، روھىي زەربىگە ئۇچراش ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سۇست بولۇش، ، ساغلام بولغان جىنسىي كۆز قاراش يېتىلدۈرمەسلىك ، سۈپەتسىز جىنسىي ئالاقىدە بولۇش ، سېرىق مەزمۇندىكى كىتاپ ، لېنتىلارنى كۆرۈش ، ساغلام بولمىغان ئېنتىرنىت مەزمۇنلىرىنى كۆرۈش ،ۋە شۇ مەزمۇندىكى پاراڭلارنى تولا قىلىش ، ئانانىزىم قاتارلىقلارنىڭ تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ، ۋاقتىدا ، توغرا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا بارا – بارا ئېغىرلىشىپ بارىدىغان كېسەللىك داۋامىنى ئوقۇش»

جىگەر ھەققىدە چۈشەنچە


ۋاقتى:2010-12-12
0

جىگەر

جىگەر ھەققىدە چۈشەنچە

جىگەر ئىنسان بەدىنىدىكى مۇھىم رەئىس ئەزا بولۇپ ، يىمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ پۈتۈن بەدەنگە ئۇزۇقلۇق قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئۆستۈرىدۇ، تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدەك جىگەر يەنە قاننىڭ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ . تۆرت خىلىت (قان، سەپرا، بەلغەم ، سەۋدا) دەسلەپتە جىگەردە ھاسىل بولىدۇ، بولۇپمۇ سەپرا خىلىتى كۆكرەك جىگەردە ھاسىل بولىدۇ. تۆۋەندە جىگەرنىڭ ئورنى ۋە تۈزۈلۈشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خىزمىتىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛

جىگەرنىڭ ئورنى

جىگەر قورساق بوشلۇقىنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەنكى قوۋۇرغا ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ ، جىگەرنىڭ داۋامىنى ئوقۇش»

ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار


ۋاقتى:2010-12-11
0

ئىشتىھاسىزلىق ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار

بۇ ئاشقازان مىجەزى بۇزۇلۇش، ئاشقازاندىكى سەزگۈ ئەسەبلەرنىڭ خىزمىتى ناچارلىشىش، ئاشقازاندا خام خىلىتلار كۆپىيىپ قېلىش ياكى جىگەر خىزمىتىدە توسالغۇ پەيدا بولۇشى سەۋەبلىك كۆڭۈلنىڭ تاماقنى خالىماسلىقى بولۇپ ، ئادەتتە ھەممە ياشتىكى كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ ۋە ئاچلىق سېزىمى بولغان ھالەتتىمۇ تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇللىرى:

زەنجىۋىل، زىرە ، پىل-پىل ، قاقىلە ، پىننە ، بەدىيان قاتارلىق دورىلارنى تەڭ نىسبەتتە ئېلىپ داۋامىنى ئوقۇش»

تۆرەلمە دەۋرىدىن ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرغىچە ھامىلىنىڭ تەرەققىياتى


ۋاقتى:2010-12-11
0

دەۋرىدىن ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرغىچە ھامىلىنىڭ تەرەققىياتى

تۆرەلمە دەۋرىدىن ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرغىچە ھامىلىنىڭ تەرەققىياتى ئوخشاش بولمايدۇ.
ھامىلدارلىقنىڭ بىرىنچى ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇغا كىرىپ، يېتىلىشكە باشلايدۇ.
ھامىلدارلىقنىڭ ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئادەم شەكلىگە كىرىدۇ، بەش ئەزاسىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. قان ئايلىنىش سېستىمىسىمۇ ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ.

ئۈچىنچى ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ھامىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7-8 سانتىمىتىر، ئېغىرلىقى 20گرام بولۇپ ، جىنسىي ئەزاسىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ ۋە ھامىلە يەڭگىل ھەرىكەت قىلىدۇ.

تۆتىنچى ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ھامىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10-17 سانتىمىتىر،ئېغىرلىقى 120گرام بولۇپ داۋامىنى ئوقۇش»

چاچنى بويايدىغان بوياقلار


ۋاقتى:2010-12-11
0

چاچ بويىقى

بىز ئالدىنقى ماۋزۇدا (مەزكۇز كىتابتىكى)سۆزلىگىنىمىزدىكىدەك ، بازاردا سېتىلىدىغان چا بوياقلىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا سەلبىي تەسىرلىرى بار.شۇڭا چاچنى بوياشقا ھاجەتمەن كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن ، ئۆسۈمۈكلەردىن ياسىلىدىغان بىر قىسىم بوياقلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئاقارغان چاچنى قارايتىدىغان بوياقلار
بىرىنچى: بىر ھەسسە خېنىگۈلنى سوقۇپ، ئۈچ ھەسسە ئوسما ياپرىقىنى يانجىپ ، ئىككىسىنى بىللى دۆۋىلەپ قويۇپ ، سۇماق سۈيى ياكى ئانار دانىلىرىنىڭ سىقىلغان سۈيى بىلەن نەملەپ چاچقا سۈركەپ ،2-3 سائەتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.
ئىككىنچىسى : بىر قىسىم توغرالغان تۇرۇپنى كۆك ياڭاق پوستىنىڭ سۈيىگە چىلاپ چاچقا سۇۋاش لازىم.
ئۈچىنچىسى: ھاك بىلەن مۇدارسەنگىنى سۇدا قاينىتىپ ، مەزكۇر سۇغا ئازراق يۇڭنى چىلاپ چاچقا سۈرسىمۇ بولىدۇ(لېكىن بۇ دورىلارنىڭ باش تېرىسىنى غىدىقلاش تەسىرى كۈچلۈك ، دىققەت قىلىپ چاچنى پاكىز يۇيۇۋېتىش لازىم).
تۆتىنچىسى: قاينىتىلغان ھاك ۋە مۇدارسەنگى سۈيىگە ئوسما بىلەن خېنىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇۋالسا داۋامىنى ئوقۇش»

كالپۇك يېرىلىش،سويۇلۇش،قۇرۇش


ۋاقتى:2010-12-11
0

كالپۇك ھەققىدە
كالپۇك – پەي ، گۆش، سېرىقئەت، ھەرىكەتلىك تۇمۇر ، ھەرىكەتسىز تۇمۇرلاردىن تەركىب تاپقان.ئۇ ئېغىزنى يېپىش، چاينالغان نەرسىنى ساقلاش، شۆلگەي(شال)نى توختىتىش، سۆزلەشكە ياردەم بېرىش، چىراينى گۈزەل كۆرسىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ.
كالپۇك يېرىلىش، سۇيۇلۇش ۋە قۇرۇش.

بۇنىڭ سەۋەبى تىل يېرىلىش ۋە قۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى تىل يېرىلىش ۋە قۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. تىل يېرىلىش ۋە قۇرۇش دېگەن تېمىدىن سەۋەبلىرىنى بىلىش مۇمكىن.
داۋالاش:
كالپۇك تىرىسى سۇيۇلغاننىڭ ئەڭ ياخشىراق چارىسى بىھى ئۇرۇقى ، لەيلىقازاق ، زىغىرلارنىڭ داۋامىنى ئوقۇش»

ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ خەنچە،ئېنگلىزچە ئاتىلىشى


ۋاقتى:2010-12-11
0

يۇمغاقسۈت 芫荽 Coriander Herb

زەنجىۋىل 干姜 Dried genger

قەلەمپۇر 丁香 Colve

دارچىن 肉桂 Cassia Bark

قارىمۇچ 黑胡椒 Black Pepper Fruit

رۇمبەدىيان 洋茴香 Anesi Seed
داۋامىنى ئوقۇش»

ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىياتقۇ راكى


ۋاقتى:2010-12-11
0

ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىياتقۇ راكى

بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى ئاياللاردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە شۇ دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدا بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. شۇنداقلا بۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولماقتا . تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا ، دۇنيادىكى بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ%80 ى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بولۇپ ، بۇ كېسەللىك بۇ دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە .
دۆلىتىمىزدىكى ھەرمىللەت ئاياللىرى ئىچىدە بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەر بار بولۇپ، ئالدىنقى 3- ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئۇيغۇر ، مۇڭغۇل ۋە خۇيزۇ مىللىتى داۋامىنى ئوقۇش»

ئاق خۇننى توختاتقۇچى ۋە ھەيزنى نورماللاشتۇرغۇچى رېتسىپلار


ۋاقتى:2010-12-10
0

ئاق خۇننى توختاتقۇچى ۋە ھەيزنى نورماللاشتۇرغۇچى رېتسىپلار

كۆك بۇيا ئۇرۇقىدىن ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 3-5 دانىغىچە 10 كۈن ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئاق خۇن نورمالسىز  كېلىشنى داۋالايدۇ .

ئەسكەرتىش : بۇ دورىنى ئىچىش جەريانىدا باش قېيىش ، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە زىرە شەربىتى ئىچۈرسە دەرھال ياخشىلىنىدۇ.

كاۋاۋىچىن ، قارىمۇچ 50 گرامدىن ، قىزىل قولتۇق پاقا 100 گرام ، ناۋاتتىن 500 گرام ئېلىپ ، يۇمشاق تالقان قىلىپ ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا ئۈچ قۇشۇقتىن ئىچىپ بەرسە داۋامىنى ئوقۇش»

تۇرمۇشتىكى بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار


ۋاقتى:2010-12-10
0

 1.دائىم يېرىم كىچىدە تاماق يېگەندە، ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى ئاشقازان ئارام ئالمايدۇ.
2. بىر ھەپتىدە تۆتتىن ئارتۇق تۇخۇم يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا سالامەتلىككە زىيانلىق.
3. توخۇنىڭ قۇيرۇقىدا راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى بۇ قىسىمنى يېمەسلىك كېرەك.
4. مېۋىنى تاماقتىن بۇرۇن يېيىش كېرەك.
5. ئاياللار ھەيز كۆرگەندە يېشىل چاي ئىچمەسلىكى، قان تولۇقلايدىغان نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى لازىم.
6. پۇرچاق سۈتىنى ئىچىشتە تۇخۇم ۋە شىكەرنى قوشماسلىق، شۇنداقلا ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك.
7. پەمدۇرنى ئاچ قورساق يېمەسلىك كېرەك، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن يېيىش كېرەك.
8. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئالدى بىلەن بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
9. ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن بىر نەرسە يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
10. سۈتلۈك چاينى ئاز ئىچىش كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە داۋامىنى ئوقۇش»

ۋېلىسپىت مىنىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟


ۋاقتى:2010-12-10
0

ئىسىڭىزدە بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلمايدۇ؟

ئادەم ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىنىۋالسىلا، ئۇنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ۋاھالەنكى، بىز يادلىۋالغان تېكىست ياكى خام سۆزلەرنى بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنتۇپ قالىمىز. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇ ئىككى تۈرلۈك ئەستە تۇتۇشنىڭ شەكلىنىڭ ئوخشىمىغانلىقىدا. ئالدىنقىسى ھەرىكەتلىك ئەستە تۇتۇش، كېيىنكىسى لوگىكىلىق ئەستە تۇتۇش. كىشىلەرنىڭ ئەمگەك قىلىش، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۇسسۇل ئويناش، ساز چېلىش، رەسىم سىزىش قاتارلىق مەشغۇلاتلىرىدىكى ماھارىتىنىڭ ھەممىسى داۋامىنى ئوقۇش»

Page 10 of 15« First...89101112...Last »