تۆت تادۇيازمىلىرى
RSS
ۋاقتى:2010-12-04
0
ئۇيقۇ
ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىقنىڭ سالامەتلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى .
ئۇيقۇ مىزاجنى ياخشىلاپ ، ساقلىقنى ساقلاشتا ، بولۇپمۇ ئەقىلنى مۇھاپىزەت قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ئۇخلاش ۋاقتى ئىستىمال قىلغان ئۇزۇقلۇقنىڭ ئاشقازاندىكى بىرىنچى ھەزىمى ئاخىرلىشىپ ، ئىككىنچى ھەزىمىنىڭ باشلىغان ۋاقىتتا بولغىنى ياخشى . چۈنكى ، قورساقنى بەك تويغۇزۇپ ئۇخلىغاندا ، ئىستىمال قىلغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ بىرىكمىلىرى مېڭىگە ئۆرلەپ ، ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، باش ئاغرىش ، بەدەن ئېغىرلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا روھ تارقىلىپ كېتىپ ، قۇۋۋەت ئاجىزلايدۇ، بەدەن ئورۇقلاپ كېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن قورساق توق ۋاقىتتا ئۇخلىسا ئۇيقۇ ياخشى بولماي ئاسانلا مىزاج بۇزۇلىدۇ . ئۇخلاش ۋاقتى ئاز بولۇپ قالسا ، ماددايۇقىرى ھارارەت تەسىرىدىن كۆيۈپ پارلىنىپ كەتسە ھەزىم قىلىش ، ماددا ماددا ئالمىشىش ناچار بولغانلىقتىن قان ۋە روھنىڭ كۆپىيىشى ناچار بولىدۇ . داۋامىنى ئوقۇش»
ۋاقتى:2010-12-04
0
سۈت
سۈت سېتىۋېلىش ۋە ئىستىمال قىلىشتا بىلىۋېلىشكە تىگىشلىك ئىشلار:
سۈتنى پاكىز ، سالقىن ۋە ھاۋالىق جايدا پاكىز فار-فور قاچىلاردا ساقلاش كېرەك . مىس ، تۆمۈر ، ئاليۇمىن قاچىلارغا قاچىلىماسلىق كېرەك . ئەگەر سۈت سۈزۈك ئىدىشلارغا قاچىلاپ قويۇلسا 24 سائەت ئىچىدە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋېتامىن C ۋە باشقا مۇھىم تەركىبلەر بۇزۇلۇپ كېتىدۇ . پۇرىقىمۇ ئۆزگىرىدۇ .
سۈت ئىچكەندە بېراقلا كۆپ ئىچىۋەتمەي ، يۇتۇم – يۇتۇمدىن ئىچىش كېرەك . بىر قېتىم سۈت ئىچىپ تۆت سائەت ئۆتمىگۈچە قايتا سۈت ئىچمەسلىك كېرەك . سۈت ئىچكەندىن كېيىن چۈچۈمەل نەرسىلەرنى يېمەسلىك ، گۆش يەپلا ئارقىسىدىن سۈت ئىچمەسلىك كېرەك . يەنە گۆشنى كۆپ يەيدىغانلارغا سۈت مۇۋاپىق كەلمەيدۇ . سۈت ئىچكەندە قورسىقى ئېسىلىدىغان ، ئىچى سۈرىدىغانلار سۈتكە ئازراق سودا قوشۇپ ئىچسە بولىدۇ . قورساق بەك ئاچ ۋاقىتتا سۈت ئىچمەسلىك كېرەك ، بولمىسا ئاشقازاننى بۇزىدۇ .
داۋامىنى ئوقۇش»
ۋاقتى:2010-12-04
0
بېيجىڭ ‹ زوئەن › دۇختۇرخانىسى جىگەر راكى ئاغرىقلىرىنى بىر خىل يېڭى تېخنىكا بىلەن داۋالاپ ، ئۆمرىنى ئۈچ يىلچە ئۇزارتقان . ئۇلار ھەر خىل تىپتىكى جىگەر راكى ئاغرىقلىرىدىن 1000نى داۋالىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ %87.8 ىنىڭ ئۆمرى ئۈچ يىل ئۇزارغان .
+ گىرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ كىلىنكىلىق تەجرىبىلىرىگە قارىغاندا ، يىڭنە سانجىپ داغلاپ داۋالاش يۈرىكى زەئىپلەشكەنلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلمىگەن بىلەن ، ھەرىكەتتىكى چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن .
داۋامىنى ئوقۇش»
ۋاقتى:2010-12-04
0
ئىچىمىك
بىر كىشىنىڭ ئوغلى ئىچىملىككە بەكلا بېرىلىپ كېتىپتۇ . ئەتىدىن كەچكىچە ئىچىدىكەن ۋە ھېچكىمگە ئاراملىق بەرمەيدىكەن . دادىسى ئۇنى يېتىلەپ شەيخۇل رەئىس(ئىبنى سىنا)نىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپتۇ ۋە ؛سېنى ھەكىملەرنىڭ ھەكىمى دەپ تەرىپلىشىدۇ ، مۇشۇ ئوغلۇمنى داۋالاپ ، توغرا يولغا سېلىپ بەرسەڭ دەپتۇ .
نىمە كېسىلى بار ؟ سوراپتۇ ئىبنى سىنا ــ ئىچىملىككە بېرىلىپ كەتتى ، ئۇنى بۇ يولدىن ھەر قانچە قىلىپمۇ توسۇيالمىدىم دەپتۇ ھېلىقى كىشى .
ئىبنى سىنا ئىلگىرى مۇنداق كېسەلنى داۋالاپ باقمىغان ئىكەن . داۋامىنى ئوقۇش»
ۋاقتى:2010-12-04
0
ئامرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا ياشانغان ئەرلەرنىڭ تېنىدىكى ئۇرۇقدان ھورمۇنىنىڭ بەك كۆپ بولۇشى يۈرەك كېسىلى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى بولۇش خەۋپىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدىكەن .
گېرمانىيە فىرانكفورد ئۇنۋىرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلار چاشقان ئۈستىدە 10 يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق غول ھۈجەيرىدىن ئادەمنىڭ قۇلاق قۇلۇلىسى نۋىماۋ ھۈجەيرىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھۈجەيرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ ، ئاڭلاش سېزىمىنى يوقاتقانلارنى داۋالاپ ساقايتىشتا مۇھىم بىر قەدەم باسقان . داۋامىنى ئوقۇش»
ۋاقتى:2010-12-04
0
ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئۇچقۇچىلار يىغلىيالمايدىكەن. چۈنكى يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغاچقا، كۆزىدىن ياش چىقمايدىكەن.
خامىلىيۇننىڭ تىلى ئۆزىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.
نورمال ئادەمنىڭ كۆز مۇسكۇلى بىر كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭدىن 15 مىڭ قېتىمغىچە لىپىلدايدىكەن.
ئامرىكىلىقلار چىش كولىغۇچنى دائىم ئىشلىتىدىكەن.
بەزى ھاشاراتلارنىڭ بېشى يوق ھالەتتىمۇ بىر يىل ياشىيالايدىكەن.
داۋىنچى ‹مونالىزا› نىڭ لېۋىنى سىزىشقىمۇ 12 يىل سەرپ قىلغانىكەن.
ئەينەك سۇنغاندا ، ئەينەك سۇنۇقلىرىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 3000مىلغا يېتىدىكەن . داۋامىنى ئوقۇش»
ۋاقتى:2010-12-04
0
بۆرەك
بۈگۈنكى تىببىي ئۇچۇرلار
بەزى ئەرلەر ئۆزىنى چىڭداش ئۈچۈن بۆرەك كاۋىپى يېيىشكە ئامراق . ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارىغاندا ، بۆرەك كېسىلى بار ياكى بۆرەك ئىقتىدارى تازا نورمال بولمىغانلار ھايۋان بۆرىكىنى يېسە بولمايدىكەن . چۈنكى بۇنداق كىشىلەر يىمەكلىك ماددىسىدىكى ئېغىر مىتال ماددىسىنى ياخشى چىقىرالمىغاچقا ھەم ھايۋانات بۆرىكىنى كۆپ يېگەچكە ، خولىستىرىن كۆپىيىپ بۆرەكنىڭ يۈكىنى زىيادە ئېغىرلاشتۇرىۋېتىپ زىيان يەتكۈزىدىكەن .
زەنجىۋىل ئاشقازان ، تال قاتارلىقلارغا پايدىلىق بولۇپ ، بۇزۇلۇپ قالغىنىدا توكسىن پەيدا قىلىدىكەن . ئۇنى يېسە ئېغىر بولغاندا ، جىگەر ياكى ئاشقازان راكىنى پەيدا بولۇپ قالدىكەن . داۋامىنى ئوقۇش»
ۋاقتى:2010-12-04
0
ئىرسىيەت ئاتا – ئانىدىكى گېن ئالاھىدىلىكىنىڭ بالىلارغا مىراس قالىدغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، شۇڭا ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئارىسىدا ئوخشاشلىق مەۋجۇد بولىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئالىملار يەنە بىر تۈركۈم ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكىنى بايقىدى .
نەۋرىلەرنىڭ جىنسىنى بوۋىسى بەلگىلەيدۇ ؛
ئالىملار تا ھازىرغا قەدەر << ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئاتا بەلگىلەيدۇ ، يەنى بۇ ئاتىنىڭ ئۇرۇقى تەركىبىدىكى y بويالغۇچى تەنچىنىڭ ئەھۋالىغا باغلىق>> دەپ كەلگەن ئىدى . يېقىندا يەكۈنلىگەن يەنە بىر ىل قاراش بۇ قاراشقا جەڭ ئېلان قىلدى . ئەنەىلىيەلىك مۇتەخەسسىس گراتلى ياۋروپا بىلەن ئامرىكىدىكى 900 دىن كۆپرەك جەمەتنى تەكشۈردى ، تەكشۈرۈلگەن ئادەم 550 مىڭدىن ئاشتى . ئاخىرىدا بالىنىڭ جىنسىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ئاتىنىڭ ئاتىسىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدى . گەپنى ئېنىقراق قىلغاندا ، نەۋرىلەرنىڭ جىنسىنى بېكىتىش ھوقۇقى بوۋىلارنىڭ ئىلكىدە ئىكەن .
ۋاقتى:2010-12-04
0
تەتقىقاتچىلار ئەيدىز ۋىرۇسىنى گېن ئارقىلىق تىزگىنلىدى .
شىنخۇا ئاگىنتلىقى : سىنگاپور شەھىرى ، 4 ئىيۇل تېلىگراممىسى : سىنگاپوردىكى << بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىت >> بۈەۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى ؛ ئامرىكىلىق تەتقىقاتچىلار گېن تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ، چاشقاننىڭ تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزگىنلىدى . بۇ بايقاش ئەيدىز كىسىلىنى داۋاملىق كۆپىيىشتىن توسۇيدىغان يېڭى يول تېپىشىمىزغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن .
ئامرىكا جەنۇبىي كالفورنىيە ئۇنۋېرسىتى فىروفىسسورى كاننون مۇنداق دېدى : بىز بىر خىل < كۇتتېر > دەپ ئاتىلىدىغان فېرمىنت ئارقىىق ، يېتىلگەن قان ئىشلىگۈچى ھۈجەيرىدىكى CCR5 بەلگىلىك ئاقسىل گېنىنى ئۆچۈردۇق ، شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل گېن پىشىپ يېتىلىپ بۆلۈنگەن چاغدا CCR5 بەلەىلىك ئاقسىل قايتا شەكىللەنمىدى . ئەمەلىيەتتە CCR5 بەلگىلىك ئاقسىل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم تېنىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئەڭ چوڭ < گۇماشتا>
ۋاقتى:2010-12-04
0
جاۋارىش جالىنۇس
سۇمبۇل ، لاچىندانە، قوۋزاقدارچىن ، دارچىن ، خولىنجان ، قەلەمپۇر ، سەئدى كۇفى ، زەنجىۋىل ، ئۇد بىلسان ، قارىمۇچ ، پىل پىل ، تاتلىق قۇستە ، ئاسارۇن ، ھەببۇلئاس ، قەسبۇزەرىرە ، زەپەرنىڭ ھەر بىرىدىن 22گرام ، مەستىكى رۇمى 28گرام، ئاق قەنت 380گرام، ھەسەل 800گرام .
مۇشۇ تەركىبتىكى دورىنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ ، قەنتنى ھەسەلدە قىيام قىلىپ ، ئاندىن تالقاننى ئاز – ئازدىن سېلىپ مەجۈن قىلىنىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: يەللەرنى ئازايتىش ، ھەممە ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش ، بەل ئاغرىقىنى پەسەيتىش، قەۋزىيەتنى تۈگىتىش، قورساقنى ئاچۇرۇش، بەلغەم ىارەكتىرلىك يۆتەلنى تۈگىتىش، سوغۇقتىن ئىچى سۈرۈشنى داۋالاش، بۆرەك ۋە دوۋساقنى ئارتۇق نەرسىلەردىن تازىلاش، يەل خارەكتىرلىك بوۋاسىرنى يوقىتىش ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيەتلىرى بار.
بۇ دورىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قوشۇق دورا 100گرام ئەرقى بەدىيان بىلەن ئىچىلىدۇ.
ۋاقتى:2010-12-04
0
پىلە غوزىسى
بۇ پىلە پەرۋانىسىنىڭ غوزىسى بولۇپ ، تېبابەتتە ئەۋرىشىم نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىشتە پىلە غوزىسىنى تازىلاپ ، قۇرتىنى ئېلىۋېتىپ ، قىرقىپ ئىشلىتىلىدۇ.
خىمىيىلىك تەركىبى: ئۈجمە يۇپۇرمىقىدا بېقىلغان پىلە غوزىسىنىڭ تەركىبىدە سۇ ، كۈل ماددىسى ، %91 ئاقسىل ۋە تالالىق ماددىلار بار.
پارماكولوگىيەلىك تەسىرى : پىلە غوزىسىنىڭ ئۆت ئىشقارىنى ئىشلەپچىقىرىش رولى بار.
تەبىئىتى: خام پىلە غوزىسى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى : يۈرەك ، مېڭە ، باھ ۋە ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، ئاغرىق پەسەيتىش، بەدەننى سەمرىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرۈش، مالىخۇلىيا ، سەرئى، يۆتەل ، زىققە، كۆز جاراھەتلىرى ۋە كۆز ياشاڭغۇراش قاتارلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ. داۋامىنى ئوقۇش»
ۋاقتى:2010-12-04
0
بۇنىڭدىن ئون نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ئاسۇرىيە( ئاسىيانىڭ غەربىدىكى بىر دۆلەت)لىكلەر ئوپراتسىيە قىلغاندا ناركوز دورىسىنى ئىشلەتكەن ، قەدىمقى مىسىرلىقلار بولسا قاپىقىغا سۈرمە تارتىشنى بىلگەن . ئەمدى بىز ئۇقۇرمەنلەرگە قەدىمجى ئەجدادلارنىڭ ئەڭ < زامانىۋى> كەشپىياتلىرىدىن بىر نەچچىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق :
يىڭنە سانچىپ ۋە داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ كەشپ قىلىنغىنىغىمۇ 4700يىل بولدى .
جوڭگۇلۇق تېۋىپلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 2700-يىللاردىلا يىڭنە سانچىپ ۋە داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا باشلىغان ، ئۇلار شۇ چاغدىلا بەدەننىڭ مەلۇم بۆلىكىگە يىڭنە سانچىپ داۋالىغاندا ئاغرىقنى توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئىپتىدائىي تاش يىڭنىنى مېتال يىڭنىگە تەرەققىي قىلدۇرغان ، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى تا بۈگۈنگە قەدەر تاشلىنىپ قالغىنى يوق ، بەلكى تەرەققى قىلىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى .( گېزىت خەۋىرىدە ئۇ تېۋىپلارنىڭ بۇ ئۇسۇلنى ئۆزلىرى ئىختىرا قىلغانلىقى ياكى قوبۇل قىلغانلىقى ئېيتىلمىغان ، مىنىڭچە بۇ ئىزدىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە).
لەگلەكنىڭ تارىخىمۇ 3000يىلغا يېتىپ قالدى . داۋامىنى ئوقۇش»
ۋاقتى:2010-12-03
2
بىرىنچىسى: قان خىلىتى غالىپلىقىنىڭ بەلگىلىرى: باش ئېغىر بولۇش، كۆپ كېرىلىش، كۆپ ئەسنەش، مۈگىدەش، ئۇيقۇ كۆپىيىپ كېتىش، گالۋاڭ بولۇپ قېلىش ،ئېغىز تەمى تاتلىق بولۇش، تىلى قىزىل رەڭلىك بولۇش، ئەزالىرىغا مۇدۇرچاقلار كۆپ چىقىش، پۈتۈن ئەزالىرىدا ئېغىرلىق پەيدا بولۇش، ئەزالىرى پۈرۈلۈپ قالغاندەك ھېس قىلىش قاتارلىقلار…
ئىككىنچىسى: بەلغەم خىلىتى غالىپلىقىنىڭ بەلگىلىرى: تېرە رەڭگى ئاق بولۇش، مۇسكۇللار بوشاپ كېتىش ۋە سۇستلىشىش، تۇتقاندا سۇغۇق بىلىنىش، كۆپ تۈكۈرۈش، ئېغىزدىن شۆلگەي ئېقىش، ئۇسسىماسلىق، ھەزىم خىزمىتى ناچارلىشىش، خام كېكىرىپ قېلىش، ئۇيقۇ كۆپ بولۇش ، پىكىر بۇزۇلۇش قاتارلىقلار…. داۋامىنى ئوقۇش»