تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللار قايسى مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدۇ

ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە ، ئاياللار تۆۋەندىكى بىر قانچە مەزگىلدە چاي ئىچسە بولمايدىكەن . بولمىسا، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدىكەن .

ھەيز مەزگىلى ئاياللار ھەيز ئارقىلىق بىر قىسىم تۆمۈر ماددىسىنى يوقىتىدۇ . شۇڭا ، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول يېمەكلىكلەر ، مەسىلەن ، پالەك ، ئالما ، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك . چاي تەركىبىدە ٪30- ٪50 تاننىك كىسلاتاسى بولۇپ ، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ تۆمۈرنى سۈمۈرۈپ پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ، ئۈچەيدە ئاسانلا ئوزۇقلۇق بوتقىسىدىكى تۆمۈر ياكى قان تولۇقلاش دورىسىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر بىلەن بىرىكىپ ، تاش شەكىللەندۈرۈپ چۆكمە پەيدا قىلىدۇ.

ئىككىقات مەزگىلى قېنىق دەملەنگەن چاي تەركىبىدىكى كوففېئننىڭ قويۇقلۇقى ٪10گە يېتىدۇ . بۇ ئىككىقات ئاياللارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىشى ۋە يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىىپ ، كۆڭلى ئېلىشىشنى كۈچەيتېۋىتىدۇ ھەمدە يۈرەك ، بۆرىكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ ، ئىككىقات مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ ئانا ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز .

بوشىنىش مەزگىلى بوشىنىشتىن ئىلگىرى چاينى بەك كۆپ ئىچسە كوففېننىڭ روھلاندۇرۇش رولىنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ . ناۋادا بوشىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيقۇ يېتەرلىىك بولمىسا ماغدۇرسىزلىنىش ، تولغاق كۈچەيمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن تۇغۇتى قىيىنلىشىدۇ .

ئېمىتىش مەزگىلى ئېمىتىش مەزگىلىدە چاينى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ . چۈنكى ، بۇمەزگىلدە چاينى كۆپ ئىچسە ، چايدىكى يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى تاننىك كىسلاتاسى شىلىمشىق پەردە تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىپ ،سۈت بېزىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تىزگىنلەپ ، سۈتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن چاي تەركىبىدىكى كوففېئىن سۈت ئارقىلىق بوۋاق تېنىگە كىرىپ ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

ھەيز كېسىلىش مەزگىلى ئاياللار تەخمىنەن 45 ياشلار ئەتراپىدا ھەيز كېسىلىش مەزگىلىگە كىرىشكە باشلايدۇ . ھەيزى كېسىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا باش قېيىش ، ماغدۇرسىزلىنىشتىن باشقا ، يەنە يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىش ، ئاسان ھاياجانلىنىش ، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق ، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ئەگەر چاينى كۆپ ئىچسە ، يۇقىرىقى ئالامەتلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ . بۇ ھەيز كېسىلىش مەزگىلىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈشكە تېخىمۇ پايدىسىز

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز