• ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىرلەردىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ياشاپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا،موڭغۇلىيە يايلاقلىرى ۋە شىنجاڭ رايونىدا شانلىق ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ،ئىنسانىيەت تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قالدۇردى.بۇ تۆھپىلەر ھازىرمۇ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە مەنبەلىك ئورنى بىلەن راۋاجلىنىپ مۇكەممەللەشمەكتە.ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئالەمگە مەشھۇر ئەجداد ئالىملىرىمىز كۆز يۇمۇپ بولمايدىغان ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تونۇتقان بولسا،تەبىئىي پەن ساھەسىدىمۇ نامسىز ئالىملار تەرىپىدىن يارىتىلغان كەشپىياتلار دۇنيانىڭ ئۇيغۇرنى تونۇشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈردى.بۇنىڭدا گەۋدىلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

  • 1934-يىلى شىنجاڭنىڭ ئاھالە نۇپۇسى 4 مليۇن بۇلۇپ، ئۇيغۇرلار 60 پىرسەنتىنى ئىگەللەيتى. شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار گەرچە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلسىمۇ ، ۋاھالەنكى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار 缠头 { چەنتۇ } دىگەن بىھۆرمەت سۆز بىلەن ئاتلاتتى. بۇ نام چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدىكى 缠回  { چەنخۇي} دىگەن نامدىن كەلگەن.
    << جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما >> قۇرلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي { 1943-يىللىرى} شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە باپ كىلدىغان مۇۋاپىق خەنزۇچە نام بىرىش ئۈچۈن ، بىر قېتىم يىغىن ئېچىلدى. يىغىنغا : بورھان شەھىدى ، جاڭ يىۋۇ ، خې يۈجۇ ، شۈليەن ، كاڭ بىڭلىڭ ، ۋاڭ لىشى ،ۋاڭ يەنلىڭ ،چېڭ دوڭبەي ، گو شىلىڭ ،لاڭ داۋخېڭ ، سۈي جېمېي ، قاتارلىقلار ۋە ھەرقايسى مىللەتلەردىن بولغان ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار قاتناشتى . ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلاردىن قاتناشقانلارمۇ ئاز ئەمەس { ئەپسۇسلىنارلىقى قاتناشقانلارنىڭ ئسمى يىللارنىڭ ئۈتىشى بىلەن ئىسمدىن كۈتۈرلىپ كىتپتۇ }

  • تاماكا بۇلۇتىنىڭ تەركىبىدە چوشقا قېنى بار !  

    چوشقا قېنى تاماكىنىڭ بۇلۇتىغا قوشۇشتىن ئىلگىرىلا ئىسلام دىنى پەتىۋا كومىتىتى ئاللىقاچان تاماكىنى ھارام دەپ قارىغان .لېكىن چوشقا قىزىل قان ئاقسىلى يەنە قايسى سانائەتلەرگە ئىشلىتەر ؟چوشقا قىزىل قان ئاقسىلى ئەمەلىيەتتە 185تىن ئارتۇق مەھسۇلاتقا ئىشلىتىلىدىكەن .بۇنىڭ ئىچىدىكى تاماكا
    توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى مەلۇماتنى كۆرۈپ باقايلى. ئاۋۇستىرالىيەنىڭ (كۈندىلىك پوچتا گىزىتى)Daily Mail Reporter بىر گىزىتىدە :  سىمون چاپمان ئىسىملىك بىر پىروففىسسور دىنى ساھەگە چوشقا چوشقا قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ سىگارتنىڭ (قاپلىق تاماكا) سۈزگۈچىدە بايقالغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش  
    بەرگەن .بۇ پىراففىسسورنىڭ دىيىشىچە بارلىق بۇلۇتلۇق تاماكىلارنىڭ بۇلۇتىدا چوشقا قېنىدىن ئايرىۋېلىنغان قىزىل قان ئاقسىلى بار ئىكەن .بۇ پىراففىسسورنىڭ دىيىشىچە چوشقا قىزىل قان ئاقسىلى يەنە تاماكىدىن باشقا 185دىن ئاتۇق سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىغا قاتنىشىدىكەن  

  • ئىسلام دىنى ئىتتپاقلىقنى تەششەبۇس قىلىدۇ، بىراق مۇسۇلمانلار نېمىشقا ئىتتپاقلىشالمايدۇ؟
    1. ھازىرقى زاماندىكى ئىسلام ئەللىرى ئۆز ئارا جېدەللىشىش،پارچىلىنىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتىدۇ، بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.ئەمما بۇ پەقەتلا بىر تارىخى باسقۇچ بولۇپ،ئۇنى ھەر قانداق بىر مىللەت مۇشۇ تارىخى باسقۇچ جەرىيانىدا ئوخشاشلا باشتىن كەچۈرىدۇ، شۇڭا، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈ مۇشۇ ھالەتتە قېلىپ قالىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۆز ئارا جېدەللىشىش ۋە مالمانچىلىق قىلىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئاخىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت مۇقىمسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇسۇلمان ئەللىرى كېلەچەكتە ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇسۇلمان جامەئەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نەتىجىلىك ھەمكارلىشىش سېستىمىسىنى بەرپا قىلالايدۇ.

  • بىر خەنزۇ قىزنى ئىسلامغا دەۋەت قىلسام، ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ئىدى، ئەمدى قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىشىم كىرەك؟

    2004-5- 21

    جاۋاب:

    مۇسۇلمان كىشى نەگىلا بارمىسۇن مەشئەلدەك نۇر ياندۇرۇپ تۇرۇشى ئىسلامنىڭ تەلىپى، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى، سىز بىر كىشىلىك مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيتىڭىزنى ئادا قىلىپسىز، بارىكاللاھ!

    ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى سىزدەك مەجبۇرىيىتىنى تونۇپ، باشقىلارنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغان بولسا، ئىسلام مەدەنىيىتى خىلى كىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولاتتى. باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتى ئىچىدە ئىرىپ تۈگەپ كەتمەي، ئۆزىمىزگە خاس ئىسلامچە مەدەنىيەتنى باشقىلارغا سىڭدۈرگەن بولار ئىدۇق. ئەپسۇسكى نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچى قىرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ دىنىنى ياخشى بىلمىلگەنلىكى ئۈچۈن، يات مەدەنىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپتىن ئۇيغۇرلىقىغا خاس مەدەنىيىتىنى يوقاتماقتا!

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟
    سىز ۋە بىزگە مەلۇمكى ھاياتنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ قىممەتلىك ھايات جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ئاتا-بۇۋىلىرىمىز ناھايىتى ئىخچام قىلىپ:«ھېكىمەتلىك نەسىھەتكە يېقىن قۇلاق مەڭگۈ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرالايدۇ» دەپ ئېيتىقان.
    دەرۋەقە،كىشى پايدىلىق نەسىھەتلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچىرشىپ تۇرسا،ھاياتىنى گۈزەل مەنالار خەزىنىسىدە سەير قىلدۇرالايدۇ.بۇ خىل سەير ئىنساننىڭ ھاياتىقا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش دەرىسخانىسى بولۇپ،بۇ خىل دەرىسخاننىڭ كۆپلەپ تەسىس قىلىنىشى ئىنسانىيەت،شۇنداقلا جەمىئيەت تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.مەن خەلىقىمىزنىڭ ئۆز مەنىۋىيەت ئالىمىگە تۇلىمۇ ماس بولغان ھېكىمەتلىك نەسىھەتلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچىرشىش ئىستىكىگە ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەتى تېگەر دېگەن مەقسەتتە،قولىڭىزدىكى «قىزلارغا 100نەسىھەت»دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چېقتىم.كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ھېكىمەتلەر زامانىمىز قىزلىرنىڭ ئۆز-ئۆزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىدە ،ئۆز قىممىتىنى بىلىپ يېتىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ

  • ناماز ئوقۇسىڭىز جەزمەن كۈرۈڭ

  • ئوغۇزنامە داستانى


    مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن!


    «ئوغۇزنامە» دىن


    تورغا يوللىغۇچىنىڭ ئىلاۋىسى: سۈيۈملۈك تورداشلىرىم، “ئوغۇزنامە” داستانى بىز ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ بۈيۈك قەھرىمانلىق ئىپوسلىرنىڭ بىرى بولۇپ، قۇيۇق رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بۇ داستانغا ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ بۈيۈك خاقانى بولغان ئوغۇزنىڭ تۇغۇلۇش، چوڭ بولۇش، كۈرەش قىلىش، جاھاننى بوي سۇندۇرۇش تارىخى نەپىس ھىكەيەتلەر، تولىمۇ گۈزەل تىللار بىلەن، ئوبىرازلىق بايان قىلىنغان. ئۆزىنى غورورى دۇرۇس ئۇيغۇرمەن دەپ ھىسابلىغان ھەربىر دوستىمىزنىڭ بۇ داستاننى تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئالىملار ئېيتىدۇ، رىۋايەت تۇقۇلما بولغان بىلەن ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنغان فولىكلور مەنبەلىرى ھەرگىز توقۇلما ئەمەس، ئۇ شۇ رىۋايەت تەۋە بولغان مىللەتنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنىنى ئەكىس ئەتتۈرگۈچىدۇر

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | UYGHURBIZ بلوگى