•  

     

  •  (پوۋېست)
     
    مۇندەرىجە

     
    1. «نەزەر خوجىكام ئەمدى كەلمەيدۇ»
    2. «غۇلجا» ئىسىمنى ئىككى قېتىم ئاڭلاش
    3. دادىسىدىن ئۆگەنگەن يوللار
    4. «قۇرۇق پاراڭ»
    5. پەننى مەكتەپكە كىرىش
    6. ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق جەمئىيەتكە تونۇلۇش
    7. كىيىملىرى بىلەن ياتقان يەنە بىر كۈن
    8. ئۆزەمدىن باشلايمەن
    9. ئۆگىنىشتىن چىقىرىلغان خۇلاسە
    10. ئائىلىۋى سۆھبەت

  • ئەخمەتجان قاسىمى

  • ئەسەت سۇلايمان

    7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ 10-ئەسىرگىچە ئىسلام دېنى بىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبى بۆلكىگە تارقالغان. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بىزنىڭ خەلقىمىز ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ ئىسلام دېنىنى قوبۇل قىلغان سۇلتان سۇتۇق بوغراخان ئىسىملىك پادىشاھنىڭ قەبرىسى ھازىرغىچە يۇرتىمىزدا ساقلانماقتا. شۇندىن ئېتىبارەن بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىسلام دېنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يۇرتىمىز بىلەن ئەرەپ ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى مەدەنيەت ئالاقىللىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغان. شۇندىن كېيىن ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلام دېنىغا دائىر دېنى دەستۇرلاردىن بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايتى كۆپ ئەرەپچە سۆز-ئاتالغۇلار كىرىپ ئۆزلەشكەن.

  • ئابدۇقەييۇم مىجىت

     

    « مىراس ــــ ئۆلگەنلەردىن قالغان مال ـ مۈلۈك » ياكى « ئۆلگەنلەردىن كېيىنكىلەرگە قالغان ئىلمىي، ئەدەبىي، مەدەنىي، كەسپىي ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئائىت نەرسە » بولۇپ، مىراسقا ئىگە بولۇش « مۈلۈك ۋارىسلىقى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىراس قالدۇرۇش ۋە مۈلۈك ۋارىسلىقى ئىنسانلاردا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ پەيدا بولىشىغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ناتۇرال ( ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان ) ئىگلىك شەكلىدىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ ئازدۇر ـ كۆپتۇر ئېشىنچا مەهسۇلاتلارغا ئىگە بولغان. ئائىلە شەكىللىنىپ كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ئىپتىدائىي ئۇمۇمىي مۈلۈكچىلىك شەكلىدىن تەدرىجىي هالدا پەقەت ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئېهتىياجىنى قامداش يۈزىسىدىنلا ئېلىپ بېرىلىدىغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك شەكلىگە قاراپ تەرەققىي قىلغان. مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىچىدە بىرەر كىشى ئۆلۈپ قالسا ئۇنىڭ هايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئۇنىڭ بىرەر پەرزەنتى ياكى بىرەر يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش زۆرۈرىيتى پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆلگۈچى قالدۇرغان مال ـ مۈلۈكلەرنى باشقىلارنىڭ ئىگىدارلىقىغا قانداق ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇنى قانداق تەقسىملەش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئەل ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن مۇئەييەن ئورتاق تونۇش، چۈشەنچىلەر ، قائىدە ـ يۇسۇن ۋە ئادەت ـ ئۇدۇملار شەكىللىنىشكە باشلىغان. « ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى بولغان ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدە: « ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا نىكاھلىنىش مەنئىي قىلىنغان. ئۆلگەندىن كېيىنكى مىراس ئۇرۇق ئىچىدە قالغان. ئۇنىڭغا شۇ ئۇرۇقنىڭ ئەزالىرى ۋارىسلىق قىلغان. » ئىنسانلار هەر خىل شەكىلدىكى ۋارىسلىق تۈزۈملىرىنى بېشىدىن كەچۈردى . ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت مۇهىتى ۋە ئەنئەنىسىدىكى مەنپەئەت چۈشەنچىسى ۋە قىممە ئېڭى ( تۇيغۇسى ) ئوخشاش بولمىغاچقا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ

  •  

    چاپان، كۆڭلەك ، ئاياغ– ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيىمى بىر قەدەر ئاددى ، ئازادە ، ئاساسلىقى يەكتەك ، تون، پەشمەت، نىمچە، كۆڭلەك، پوتا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلار تاش كىيىمنى بىردەك چاپان (tfapan) دەپ ئاتايدۇ. ئەرەنچە كىيىملەر كۆپرەك قوي تېرىسىدىن، يۇڭدىن، يىپەك ۋە پاختا رەختتىن تىكىلىدۇ. رەڭگى قارا، ئاق، كۆك رەختلەردىن كۆك، كۈلرەڭ، ئاق، قارا قاتارلىق تۈرلۈك تاۋار-دۇردۇنلاردىن كەڭ-تار ھالدىكى زىغزىغلارنىڭ ۋە گىئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. 

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | UYGHURBIZ بلوگى