• ساختا                   ئىپپەت

  •  ئاتۇش بىلەن پەيزىۋاتنىڭ چېگىراسىدا 5.8 بال يەر تەۋرىدى 

  • ئۇيغۇر كىمگە سېلىشتۇرۇلدى؟
    گۈلەن
    "ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ" مازۇلۇق خاتىرىمىزدە ئۇيغۇرنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە كىمگە ئوخشىغانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قەلىمىدە كىمگە ئوخشۇتۇلغانلىقى ۋە ئەمەلىيەتتە كىمگە ئوخشايدىغانلىقى... ھەققىدە ئويلىنىشلاردا بولدۇق. بىز مىللىتىمىزنى كىمنىڭ قانداق ئوخشىتىشىنى چەكلەش ھوقۇقىمىز يوق، ئەمما خەقنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلۇق بىلەن ئاتا-بوۋىمىزدىن قالغان ئۇيغۇرلۇقنى تاللاش ئەركىمىز بولۇشى كېرەك. قىلالايدىغىنىمىز، خەق بىزنى كىمگە ئوخشاتسا شۇنىڭغا ئوخشاشقا مايىل بولماسلىق، رىياللىقتىكى بىقوۋۇللۇقنى ئەجدادلارنىڭ سىماسىدىن ئىزدىمەسلىك، ئۇيغۇرنى ئىللەت ئەينىكىدە كۆزەتمەسلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە، كىشىلەر شەيئىلەرنى، ھادىسىلەرنى كۆزەتكەندە ۋە ئويلاشقاندا ئوخشىتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئادەتتە ئاز ئۇچرايدىغان شەيئى كۆپ ئۇچراديغان شەيئىگە، قىسمەن بىلىنگەن ھادىسە تولۇق بىلىنگەن ھادىسىگە ئوخشىتىلىدۇ. شۇڭا مەملىكىتىمىزدە مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ ئەرەبكە ئوخشىتىلىشى، مەسۇم يىگىت قىزلىرىمىزنىڭ تالىبانغا ئوخشىتىلىشى بىز ساقلىنالايدىغان ئىش ئەمەس. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى بۇنداق نامۇۋاپىق، توغرىسى خەتەرلىك ئوخشۇتۇشنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشى. توغرا، ئوخشۇتۇش بىزنى شەيئىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ، ئەمما ماھىيىتىمىز نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ كىملەرنىڭدۇر ئارزۇسىدىكى قىياپىتىمىز داۋاملىق تەشۋىق قىلىنىۋەرسە، ماھىيىتىمىز ئۇنتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن

  • ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى


    ئۇيغۇرلارنىڭ نان ھەققىدىكى چۈشەنچىسى باشقا ھارقانداق شەيئىي، ھادىسە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە قارىغاندا ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم مۇكەممەل. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرش پائالىيىتى، ئىجتىئامىي مۇناسىۋېتى، ئۆرپ- ئادىتى، مەدەنىيەت سىستېمىسى، ئىدىيىۋى ئېتىقادى، قىسقىسى پۈتكۈل مەۋجۇتلۇق شەكلى نان بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ۋاستىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناسىپ يېمەك- ئېچمەك، كىيىم- كېچەك، تۇرالغۇ جاي، ھۈنەر- سەنئەت، تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان.       ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىۋى ئېتىقادى نان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇيغۇرلار ئادەتتىكى نورمال كۈندىلىك تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرىدىمۇ، مېھماندارچىلىقتىمۇ، سەپەر، يول يۈرۈشلەردىمۇ ناندىن ئايرىلالمايدۇ. نان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق گەۋدىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.      نان تونۇردا بىۋاستە ئوتقا قاقلاپ پىشۇرىلىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلات بولۇپ، ئۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ئىگىللىگەنلىكىنىڭ

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر كەسىپ ئادەتلىرى

    بۆشۈك
    ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان،  يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەې ياسالغان ئالاھىدە بىر "كارۋات"نى تەييارلاې، ئۇنى "بۆشۈك" دەې ئاتىغان. بۆشۈك قەدىمدىن باشلاې ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك، تۈرك قاتارلىق تۈركي خەلقلەر ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بۆشۈكى قۇرۇلما جەھەتتىكى ېۇختىلىقى، ھۈنەر - سەنئەت جەھەتتىكى نەېىسلىكى، ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە گەۋدىلىنىې تۇرىدۇ.

    ئۇيغۇرلار بۆشۈكنى بىر خىل مۇقەددەس ئىرىملىق نەرسە قاتارىدا قەدىرلەيدۇ. شۇڭا، بوۋاقنى بۆشۈككە سىلىشتىن ئىلگىرى، "بۆشۈك تويي مۇراسىمى"  ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇراسىم بالا تۇغۇلۇې قىرىقى توشقىچە ئارىلىقتا بولىدۇ.

  • يۇرتلىرىمىزنىڭ مەنسىنى بىلەمسىز؟

    بۇرۇن بىرقانچە مۇنبەرگە يۇرتىمىز ناملىرى توغرۇلۇق خاتا مەزمۇنلار بىلەن تولغا ن بىر تەرجىمە تېما يوللانغانىكەن. يېقىندا ئۇ تېما باشقا بىر ئىسىمدا قايتا يوللۇنۇپتۇ. قارىغاندا بۇ تېما ئوقۇرمەنلەرگە بەك ياققان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شۇ خاتا تېمانى قايتا قايتا يو سوراپ باقسام، سىز ئۇيغۇرمۇ؟ ئۇيغۇرچە بىلەمسىز؟ ئاتا بوۋىڭىز ئۇيغۇرمىدى؟ ئاتا بوۋىڭىز ئۇيغۇر بوسا نىمىشكە سىز ئوز بوۋىلىرىڭىز قويغان ئىسىمنى خەقتىن سورايسىز؟

  • 10 كويلۇق قــــــىـــــز

    بالام بۇغدايلارنى خامانغا ئەكەپ قويغىلى ئۇزۇن بولدى،پاتراق تىپىتەيلى،بولمىسا يامغۇردا قالسا بىر يىللىق يەيدىغىنىمىز تۈگەيدۇ،ئەمما بۇرۇنقىدەك جاپا تارتساقمۇ تۆمۈر كوڭكىلارغا سالماي يۇمشۇتۇپ،خۇدانىڭ شامىلىدا سورۇپ يەيلى،زىيانسىز كۈچلۈك بولىدۇ،،،،، ---ماقۇل-دادا يىڭى بىر ئۇسۇل تاپتىم،10كويدىن پۇل بىرىپ ماۋۇ دىبادا ئويناۋاتقانلارنى دەسسەتسەك بۇغدايلار تىز يۇمشايىتتى،.. --ياق بالام،پاسىقىنىڭ مەينەتنىڭ ئايقى خامانغا تەگسە بەركەت قاچىدۇ،خىزىر نەزەر قىلمايدۇ،بۇنداق ئاشنى يىگىلى بولمايدۇ،،،،، --دادا دىگىنىڭ توغىرا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

    ********************************************************************************************************

     6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەزىزانە قەشقەرگە كەلدىم،28-چىسلا كەسپى سالاھىيەت ئىمتىھانى بىرىدىغان ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن،قەشقەرگە 20نەپەر ئىمتىھانغا قاتناشقۇچى بىللە كەلگەن ئىدۇق،ياتاققا جايلاشتۇق،ئاندىن تاماق يەپ بولۇپ سەگدىگىلى چىقتۇق،جىق ئادەم باريەردە گەپمۇ جىق بولىدىكەن،قەشقەرلىق بىر باشلىقمىز بولىدىغان،يەكەنگەكەلگەندە خىلى چىقىشىپ قالغان ئىدۇق،ئۇ كۈتىۋاكىمەن دەپ ئۇنىمىساق ئۇنىماي 6-7مىزنى باشلاپ ماڭدى،ئەگەشتۇق،چۈنكى (بىز مۇھىم ئىشمىز بولسىمۇ ناخشا-مۇزىكا-ئۇسۇل دىسە جاننى ئاتايمىز)مىڭىپ (ئوۋچى)دىباغا كىردۇق.(سىلەر مىنى بۇنداق يەردە پوق يەمدىغاندۇ دەپ قالغانسىلەر،بەلكىم،،تەكشۈرمىگەن كىشىنىڭ پىكىر بىرىش ھوقۇقى يوق،شۇڭا كۆرۈپ باقاي دەپ)بۇ كۈنى كىچىلىك پائالىيەتكەن،ئىشك ئالدىغا كەلسەك 8-10 قىز تۇرۇپتۇ،شۇنداق چىرايلىق،كىچىك قىزلار ئىكەن، بىز مىڭىشىمىزغا قىزلاردىىن بىرى مىنى تۈيۈقسىزلا تارتتى،----ئاكا،سىزمۇ دىباغا كىرەمسىز؟-- -ھە .. ئەمىسە بىزنىمۇ ئەكىرسىڭىزچۇ؟ نىمە دىيىشمىنى بىلەلمەي،ھەم ئۇشتۇمتۇت بۇنداق گەپنى ئاڭلىغىنمغا ياخوش بولۇشنى ياخاپا بولۇشنى بىلمەي تۇرسام ئۇ قىز يەنە گەپ باشلىدى، -پەقەت 10 كويلا بەلەت ئالىدۇ،چىداڭە،بىز نى ئەكىرىپ قويسىڭىز سىز بىلەن بىللە تانسا-ئۇسۇل ئوينىشىپ بىرىمىز،زىرىكىپ قالمايمىز، بۈگۈن كىچىچە ئاچىدۇ،تازا ئوينايمىز،بولۇڭە باشلاپ بولدى مۇزىكىنى،ئاران چوڭلاردىن سوراپ چىققاندا،ۋاقىتنى ھارام قىلمايلى،ماقۇل دەڭە ئاكا،، مەن ماقۇل بولدۇم،بىز كىردۇق،بىللە كەلگەنلەر باشقا قىزلارنى ئەكىرىپ بوپتىكەن،جايلاشتۇق،دىمىسىمۇ شوخ قىزلاركەن مۇزىكا چىقىپ بولغىچە ئولتۇرالماي ئەرلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تارتىپ سورۇننى جانلاندۇردى،باشقا گەپنى دىمەيلا قوياي،ئوينىغان ئۇسۇلىدىن،مىللى پۇراقنىڭ ئەسىرىمۇ يوق،خۇددى بۇرۇنلاردا خامانغا قاتىدىغان خامان كالىسىنىڭ ئۆزى،<دىسكو>             دىيىشى بىلەنلا ئىش باشقىچە،قىزلارنىڭ بىلىدە سۆڭەك يوقمىكىن دەپ قالدىم،خۇددى كالاڭ بولۇپ قالغان ئىشەك ھارۋىسىنىڭ چاقى،بىرەر سائەتتىن كىين يىنىپ ياتاققا كەلدىم،ئۇيقۇم قاچتى،نۇزۇگۇم ماڭا كۆرۈندى،مەن ئۇنىڭغا قارىيالمىدىم،،،

  •  

    ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە مۇقام پىشۋالىرى

     

    ئۇزاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.  ئەنە شۇ تارىخىي تۆھپىلىرىنىڭ يارقىن نەمۇنىسى __ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت.  ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى بۈيۈك بەدىئىي قامۇسى. 
    ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى بىباھا گۆھەر ، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ يارقىن ، ئەڭ كۈچلۈك ۋە خاراكتېرلىك مىللىي خۇسۇسىيەتنى ، مىللىي ئىستېتىك پىسخىلوگىيىسىنى نامايەن قىلدى

     

     

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | UYGHURBIZ بلوگى