UYGHUR QA BILOG MAN BUBILOG ARKILIK MILITIMNI  TUNUT MAK QI       SIZ  BUBILOG ARKILIK  NUR GUN LIGAN BILIM LAR GA  IGA BULAY SIZ  

بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2012-03-30

    ئۇيغۇر ئوغلى —— نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوۋ - [ئۇيغۇرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/uyhurbiz-logs/201782532.html

    تۇرسۇن ئەرشىدىن
     
    ئۇيغۇر ئوغلى —— نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوۋ
     (پوۋېست)
     
    مۇندەرىجە
     
    1. «نەزەر خوجىكام ئەمدى كەلمەيدۇ»
    2. «غۇلجا» ئىسىمنى ئىككى قېتىم ئاڭلاش
    3. دادىسىدىن ئۆگەنگەن يوللار
    4. «قۇرۇق پاراڭ»
    5. پەننى مەكتەپكە كىرىش
    6. ئەدەبىيات - سەنئەت ئارقىلىق جەمئىيەتكە تونۇلۇش
    7. كىيىملىرى بىلەن ياتقان يەنە بىر كۈن
    8. ئۆزەمدىن باشلايمەن
    9. ئۆگىنىشتىن چىقىرىلغان خۇلاسە
    10. ئائىلىۋى سۆھبەت
    11. يەتتە سۇ تارانچىلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى
    12. كاللىغا كىرىۋالغان خىيال
    13. ئۈچ چىكىم ناسۋال
    14. قەشقەرىيە ئەھلىگە قىلىنغان سۆز
    15. تېڭىرقاپ قېلىش
    16. يەتتە سۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى
    17. يەتتە سۇدىكى شۆھرەتلىك قەلەمكەش
    18. «تارانچى» ، «ئۇيغۇر» ھەققىدە مۇنازىرە
    19. ھۆكۈمەتنىڭ قۇدرىتى، ھاكىمىيەتنىڭ قۇدرىتى، ھوقۇقنىڭ قۇدرىتى
    20. ھارۋىكەش
    21. مۆكۈنۈپ ياشاش
    22. ئۈستىدە گۈل ئېچىلغان ئىككى قەبرە
    23. «قەلەمنى توختاتماڭ!»
    24. ئۇستاز
    25. خاتىمە

     
     
     «نەزەر خوجىكام ئەمدى كەلمەيدۇ"

         1952 - يىلى ئاخىرقى كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئەتىگەندىلا پارقىراپ چىققان قۇياش ئىلى دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلۇق دولقۇنلىرىنى جىمىرلىتىشقا باشلىغانىدى. بۇنداق ئوچۇق ھاۋادا كېمىچىنىڭ ئوقىتىمۇ ياخشى بولاتتى. شۇڭا ئەتىگەندىلا كېمىنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە ئات ھارۋا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە قۇرۇغان بېدە، بەزىلىرىگە بۇغداي، بەزىلىرىگە قوناق، بەزىلىرىگە بولسا قوراي بېسىلغانىدى. ئۇلاردىن باشقا يەنە بىر توپ كالا - قويلارنى ھەيدەپ كەلگەن بىر نەچچەيلەنمۇ بار ئىدى.
         يەنە نېمىگە ساقلايمىز، ھەيدىمەمسەن كېمەڭنى، - ئالدىراتتى كېمىگە ئەڭ باشتا چىققان، مال بازىرىغا ئېلىپ ماڭغان قويلارنىڭ ئېگىسى، - بازار تارقاپ كەتسە بۇلارنى دەڭگە ھەيدەپ يۈرمەي يەنە. بازارغا كېچىكىپ زىيان تارتسام ئۇ زىياننى سەن تۆلەپ بەرمەيدىغانسەن؟
         - راست، ئەمدى بولدى، ھەيدە، - دېدى يەنە بىرىمۇ، - ئادەممۇ، ئات ھارۋىلىرىمۇ توشۇپ كەتتىغۇ كېمەڭگە. نىمانداق دەريا كۆرمىگەندەك سۇدىن كۆزۈڭنى ئۈزەلمەيسەن، بول تېز ھەيدە!
         - ئالدىرىماڭلار، - دېدى ئېڭىكىنى كېمە پالىقىنىڭ دەستىگە قويۇپ، ئىككى پۇتىنى ئالماپ، شارىلداپ ئېقىۋاتقان سۇغا قاراپ تۇرغان كېمىچى سۇ يۈزىدىن كۆزىنى ئېلىپ، - ئاۋۇ ھارۋا يېتىپ كەلسۇن، - ئۇ شۇنداق دېگەچ يەنە ئېڭىكىنى بىلەن ئەگرى - بۈگرى توپىلىق ھارۋا يولىنى ئىشارە قىلدى. ھەممەيلەن كېمىچىنىڭ ئېڭىكى بىلەن ئىشارە قىلغان تەرەپكە قاراشتى. راست دېگەندەك سېرىق توپىلىق ھارۋا يولىدا قويۇق توپا - چاڭ كۆتۈرۈپ بىر ئاتلىق كۆتەك ھارۋا كېلىۋاتاتتى. ئۇ ھارۋىنىڭ ئۈستى بورا بىلەن ئايلاندۇرۇپ يېپىلغان بولۇپ، يىراقتىن خۇددى ساغۇچ بۆشۈكتەك كۆرۈنەتتى.
         - ۋاي - ۋۇي ئۇ ھارۋا قاچان كېلىپ بولىدۇ، بۇنداق شار - شار توپىدا، - غودۇرىدى بىرى قولىنى سايىۋەن قىلىپ، يىراقتا چايقىلىپ - چايقىلىپ، ناھايىتى ئاستا كېلىۋاتقان ھارۋىغا قاراپ.
         - شۇ ئەمەسمۇ، دەۋاتقان گېپىنى قاراڭلار بۇنىڭ ! ئۇ بۇ يەرگە كەلگۈچە كۈن چۈش بولمامدۇ، بىزنى بىكارچى دەپ ئويلاۋاتامسەن - يە؟! ئىشىمىز چېچىمىزدىن تولا جۇمۇ بىزنىڭ ... سودىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ نېمە قىلماقچىدىڭ...
         - كېمىچى بولغاندىكىن، ھەممىنى بىراقلا ئۆتكۈزىمەن دېمەي، يېنىك - يېنىك ماڭمامسەن، كۆردۈڭمۇ، ئەنە ئاۋۇ سىم ئارقىنىڭمۇ لەگلەكنىڭ تارازىسىدەك تىرىسسىدە بولۇپ كەتكىنىنى ... ئەگەر دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا «تارس» قىلسا ئىشنى ئوخشىتىدۇ.
         - ھوي، ئەتىگەندىلا ئېغىزىڭنى ئۈششۈتمىسەڭچۇ، ئېغىزىڭدىن سائەت چىقىپ كەتمىسۇن - يەنە، - دېدى بىرى دەريا ئۈستىدە كېمىنى تۇتۇپ تۇرغان بېلەكتەك توملۇقتىكى سىم ئارقانغا قاراپ. ئۇنىڭغا يوغان تۆمۈر غالتەك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ تۆمۈر غالتەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرمەك قىلىپ باغلانغان يەنە شۇنداق بېلەكتەك توم سىم ئارقاننىڭ يەنە بىر ئۇچى كېمىنىڭ گىرۋىگىدىكى يوغان تۆمۈر قوزۇققا باغلانغانىدى. بۇ كېمە ئىككى يوغان قولۋاقنى كەڭ ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئۈستىگە بىر غىرىچتەك كەڭلىكتىكى تاختايلار بىر - بىرىگە جىپسىلاشتۇرۇپ ياتقۇزۇلۇپ ياسالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستى ناھايىتى كەڭ ھەم مەزمۇت بولۇپ، بىر نەچچە ھارۋا، قىرىق - ئەللىك ئادەم بەھوزۇر پاتاتتى. بىراق شۇنچىلا يوغان مەخلۇق، شۇنچىلا ئات - ھارۋىلار، مال - ۋارانلار بىلەن ئادەملەر چۈشكەن بۇ كېمە دەريانىڭ ئۇ  قىرغىقى بىلەن بۇ قىرغىقىنى تۇتاشتۇرۇپ تارتىلغان ئەشۇ سىم ئارقان ئارقىلىق ئىككى قىرغاق ئارىلىقىدا قاتناپ تۇراتتى.  بىر تەرىپى قىرغاققا چىڭ چاپلىشىپ تۇرغان بولسىمۇ، كۈچلۈك دەريا دولقۇنىدا توختىماي  چايقىلىپ تۇرغان كېمىگە چۈشكەن ئادەملەر ھېلىقى كىشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ۋەھىمىگە چۈشتى. بىرلىرى ئىچىدە دۇرۇد ئوقۇشقا باشلىدى. بىرلىرى قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا ئەشۇ توغرا تارتىلغان سىم ئارقان ئۈزۈلۈپ كېتىپ كېمىدىكى ئات - كالا، ئادەم - بالىلارنىڭ دەرياغا غەرق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆزلىرى ئالا - چەكمەن بولۇپ كەتتى.
          - بوپتۇ، بىر ئاز تەخىر قىلايلى، - دېدى بىرى كېمىدىكىلەرنىڭ كەيپىياتىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىققاندىن كېيىن، - «ئالدىراقسانلىق شەيتاننىڭ ئىشى» دېگەن گەپ بار، بۇ ئالەمدە رىسقىڭلار بولسا بازارغىمۇ ئۇلىشىسىلەر، ئاۋۇ ھارۋا يېتىپ كەلسۇن، قارىغاندا ئۇمۇ بىزنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى پەملىگەن ئوخشايدۇ. قاراڭلار ئەمدى ئۇ ھارۋىكەش ئاتنى بولۇشىچە قامچىلاۋاتىدۇ، - قوشۇپ قويدى. دوغلاق كەلگەن - بۇرتىنى پاكىز ئالغان بىر ئادەم، چىپەرقۇت چاپىنىنىڭ مەيدە يانچۇقىغا قىستۇرۇۋالغان قەلىمىنىڭ پارقىراق توپچىسىنى سىيلاپ قويۇپ.
         كېمىدىكى ئادەملەر بىردىنلا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بازارغا ئالدىرىغان ھارۋىكەشلەر، مالچىلار قەلەم قىستۇرۇۋالغان ئادەمنڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئەۋزەيلەشكە باشلىدى.
         - ئەپەندى بولسا كېرەك - بۇ؟! ئەپەندى دېگەنلەرنىڭ كۈنى ئۆتسىلا بولدى، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتۈۋېرىدۇ، شۇڭا ئالدىرىمايدۇ!
         - بىز دېگەن ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلىدىغان تۇرساق، بالا - ۋاقىلىرىمىز بىزنىڭ مۇشۇ قوراي - چارۋىلىرىمىزغا، بۇغداي، قوناقلىرىمىزغا، كالا، قويلىرىمىزغا قاراشلىق تۇرسا، «بېگىمنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق" دېگەن شۇ - دە!...
         - بولدى، بولدى، غەلۋە قىلماڭلار، ئۇ ھارۋا ئەنە يېتىپ كەلدى! - ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ كېمىدىكىلەرگە قول شىلتىدى بىرى. ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىشىپلا دېگۈدەك ھېلىقى بورا مەپىلىك  ھارۋا جالداقلاپ كېمىگە چىقتى. ئۇنىڭ كېمىگە چىقىشى بىلەن كېمە تېخىمۇ چايقالدى، ئېگىز - پەس داۋالغۇدى. بىراق بۇنىڭغا ھېچكىم پەرۋا قىلىپمۇ قويمىدى. شۇنداقلا قارا تەرگە چۈمگەن ئاتنىڭ ھالسىراپ، ئېغىزىدىن كۆپۈك چىقىرىپ، پۇشقۇرۇپ شالىنى چېچىشلىرىغىمۇ ئېرەن قىلمىدى. ئۇلار پەقەت ھېلىقى ھارۋىنىڭ ئاخىرى كېمىگە چىققانلىقى ھەم ھارۋا شوتىسىدا ئىككى پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغان ياش ھارۋىكەشنىڭ مەپە ئىچىگە تېز كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇپ، ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشكەنلىكى ھەم ھاسىراپ پىشانىسىدىكى تەرلەرنى قامچا تۇتۇپ قاسماقلىشىپ كەتكەن قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتكىنىچە، خۇددى ئۆزىنىڭ ئېتىغا ئوخشاش چىلىق - چىلىق تەرگە چىلانغان يۈزىنى كېمىچىگە بۇراپ:
         - ئۇستام، چاپسان، چاپسان، - دېگىنىگىلا دىققەت قىلدى. ئۇنىڭ كېمىچىگە كېمىنى نېرىقى قىرغاققا تېز ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىلغان ئۆتۈنۈشى ناھايىتى جىددىي ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ ئۆتۈنۈشى كېمىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولغانىدى، شۇڭا ھەممەيلەن ئىچىدە خۇشال بولۇشتى. ئۇنىڭ جىددىي ئەلپازىنى كۆرگەن كېمىچىمۇ جىددىيلەشتى. ئۇ ئىتتىك ھەرىكەتكە كەلدى. ئۇنىڭ بايقى بوشاڭلىقى، ھورۇن قىياپىتى ئاللىقاياقلارغا غايىب بولغانىدى. ئۇ پالاق دەستىسىگە يۆگەلگەن ئارغامچىنى تېز بوشىتىپ، يوغان لىمنى يالپاقداپ ياسالغان ئېغىر پالاقنى كۈچ بىلەن ئىتتىردى. بەش - ئالتە يۈكلۈك ھارۋا، ئون نەچچە قوي، تۆت - بەش كالا، يىگىرمىگە يېقىن ئادەمنى باسقان بۇ غايەت زور كېمە ئەشۇ بىر كېمىچىنىڭ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇش بىلەن قىرغاققا «گۆلدۈر» قىلىپ تېگىپ تىتىرەپ كەتتى - دە، ئېغىر دەم ئالغاندەك رۇسلىنىپ قىرغاقتىن ناھايىتى تەستە ئايرىلدى. توغرىسىغا تارتىلغان سىم ئارغامچىغا چېتىلغان تۆمۈر غالتەكمۇ يېنىك غىرىلداپ كېمە بىلەن تەڭ قىرغاقتىن ئايرىلىپ غىرقىراپ كەتتى.
         - پاھ، شۇنچىۋالا ھەشەم - دەرەمنى ھەيدەپ كېتىۋاتقىنىنى قارا، ئاجايىپ - ھە؟! - دېدى بىر ياش بالا. بۇ ئۇنىڭ بۇنداق كېمىگە تۇنجى قېتىم چىقىشى بولسا كېرەك. ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ ھەيران بولغان ھالدا، - ئەشۇ بىرلا ئادەم شۇنچە كۆپ يۈكنى پەي ياستۇقنى يۆتكىگەندەك ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ! ...
         - بۇلار قانچىلىك ئىش ئىدى؟ - دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى يەنە بىرى، - بۇ كېمە بارغۇ، كوڭكىلارنىمۇ توشۇيدۇ، كوڭكىلارنى! مۇشۇ كېمىچى ئەخمەت ئەپەندىملەر بىلەن چۈشكەن كوڭكىكلارنىمۇ ئۇ قىرغاقتىن بۇ قىرغاققا، بۇ قىرغاقتىن ئۇ قىرغاققا ئۆتكۈزگەن راست، شۇنداق قىلغان ... بۇ. گەپ - سۆزلەرنىڭ ئۆزى توغرىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەن كېمىچى قولىنى پالاقتىن سەل بوشىتىپ، گىدەيگەندەك گەۋدىسىنى ئازراق كۆتۈرۈپ قويدى.
         كېمە نېرىقى قىرغاققا قاراپ تېز سۈرئەتتە غۇيۇلداپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى. ئەمدى ھەممىنىڭ كۆزى بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان، ئۆزلىرى تەشنا ھەم تەقەززا بولۇۋاتقان قىرغاققا تىكىلگەنىدى. توساتتىن ھەممىنى پاراكەندە قىلغان بىر ئىش يۈز بەردى. ئۈستى بورا بىلەن مەپە قىلىنغان ھارۋىدىن يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. ھارۋىكەش ھارۋىسىنىڭ شوتىسىغا ئىرغىپ چىقتى - دە، مەپىنىڭ ئىچىگە قارىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە چىت ياغلىقىنى كۆزىگىچە چۈشۈرۈپ چىگىۋالغان ئايال يوتقانغا ئوراپ قويۇلغان كالتە ساقاللىق ئادەمنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ بۇقۇلداپ يىغلاپ ئولتۇراتتى.
         - نېمە؟ بولالمىدى؟ جان ئۈزدى؟ .... - ئارقا - ئارقىدىن سورىدى ھارۋىكەش.
         - كىم ... كىم جان ئۈزدى؟ - پەقەت شۇ چاغدىلا بورا مەپىلىك ھارۋىغا دىققەت قىلغان كۆپچىلىك تۇشمۇ تۇشتىن سوراپ، سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار شۇنداق دېيىشكىنىچە ھارۋىنىڭ ئالدى - ئارقىسىدىن بويۇنداپ، مەپە ئىچىگە قارىشاتتى.
         نەزەر خوجا؟ نەزەر خوجىكام؟
         - «بىرلىك مەكتەپ» نى قۇرغان نەزەر خوجىكاممۇ؟ - ھېلىقى قەلەم قىستۇرۇۋالغان ئادەم چايان چېقىۋالغاندەك چۆچۈگەن ھالدا ئالدىراپ سورىدى. ئاندىن ئۇ ھارۋىنىڭ شوتىسىغا ئېسىلىپ چىقىپ، مەپىنىڭ ئىچىگە كىردى، - ھوي مەن تۆنۈگۈنلا كۆرگەن ئىدىمغۇ؟! - ئۇ تېخىچە نەزەر خوجىنىڭ بۇ يەردە، كېمىنىڭ ئۈستىدە، يەنە كېلىپ بورا مەپىلىك كۆتەك ھارۋىنىڭ ئىچىدە ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغانلىقىغا ھېچ ئىشىنەلمەيۋاتاتتى.
         - تۆنۈگۈن بىر ئوبدان تۇراتتى. كېچە بۇرنى قاناپ زادى توختىمىدى، ئاخىر بولالماي تاڭ سەھەردىلا شەھەرگە دوختۇرغا ئېلىپ مېڭىۋېدۇق ...
         نەزەر خوجىكام، ئەخمەت ئەپەندىملەر ئالايىتەن چىقىپ يوقلىغان ھېلىقى ئادەم ئەشۇ ھارۋىدا ئىكەن، ئاغرىقكەن ... ھازىر جان ئۈزۈپتۇ ... - بېدە باسقان باشقا بىر ھارۋىكەش مالچى دوستىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.
         - نېمە دەيسەنوي، راستما؟ - مالچى قويلىرىنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، ھارۋا ئارقىسىدىكى بويۇندىشىپ تۇرغان ئادەملەرنىڭ توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ ھارۋىغا چىقتى - دە، چىرايى داكىدەك ئاقىرىپ كەتكەن، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان ھالدا ياتقان نەزەر خوجىنىڭ چىرايىغا بىر پەس تىكىلىپ تۇردى - دە، ئاندىن ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپ كېمىچىگە قاراپ ئاچچىق ۋارقىرىدى:
         - ھوي، ئاڭلىمىدىڭمۇ، نەزەر خوجىكام تېخى بايىلا مۇشۇ ھارۋىدا جان ئۈزۈپتۇ ... ھە، تېخى بايىلا، بولۇمسىزلىقىمىزنى قارا، نەزەر خوجىكام ھېلىلا ھاياتكەن، يېنىمىزدا تۇرسىمۇ سەزمەپتىمىز، كېمەڭنى توختات، ئارقىمىزغا يانىمىز.
         كېمىچى ھېلىلا «بازارغا ئالدىرايمىز» دەپ قاخشىغان بۇ ئادەمنڭ ئەمدى «كېمىنى كەينىگە قايتۇر!» دەپ ۋارقىراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كېمە پالاقلىرىنى تۇتقىنىچە تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى كېمە يېڭى قىرغاققا يېقىنلىشىشقا ئازلا قالغان ئىدى.
         - بولدى، كەينىگە قايتۇر، بازار دېگەندىن كەچتىم، نەزەر خوجىكامنى تېزدىن يەرلىككە قويمىساق بولمايدۇ!
         - بولدى، كەينىگە قايتۇر، شەھەر قېچىپ كەتمەيدۇ. ئەمما نەزەر خوجىكام ئەمدى كەلمەيدۇ، تېز بول، كەينىگە قايتۇر!
         - ھە، قايتايلى.
         - ھەممىمىز قايتىمىز، نەزەر خوجىكامنى ئۇزىتىمىز!
         كېمىچى كۆپچىلىكنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپلا، ئۇلارنىڭ بىردەمدىلا مىسكىنلىك، ھەسرەتلىك، ئالاقىزادىلىك ئەكس ئېتىپ تۇرغان چىرايلىرىغا، تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىغا، ھەيرانلىقتا چوڭ ئېچىلغان مەيۈس ھەم ياشلىق كۆزلىرىگە قارىدى، ھېچكىمدە شەھەرگە كىرىش خىيالىنىڭ قالمىغانلىقىنى چۈشەندى - دە، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، پالاقلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇپ، كېمىنى بايا كەلگەن قىرغاققا توغرىلىدى - دە شۇ ياققا يۈرۈپ كەتتى. كېمىچىنىڭ چىڭقىلىپ قىزىرىپ كەتكەن چىرايى، تىرەجەپ تۇرغان پۇتلىرى، كۆپۈپ چىققان گۈرەن تومۇرلىرىغا قاراپ ئۇلۇغ ئېقىندا ئۇنىڭ كېمىنى قايتۇرۇشقا چامى يەتمەيۋاتقانلىقىنى دەرھال بايقىغان مالچى بىلەن ئوتۇنچى يۈگۈرۈپ كېلىپ پالاققا چىڭ يېپىشتى. ئۇنىڭغىچە باشقىلارمۇ ياردەم قىلىشقا باشلىدى.
          ئۈستىگە ئېغىر يۈك ئارتىلغان كېمە، ئۆزىنىڭ كېلەڭسىز گەۋدىسىنىڭ قاتتىق سېلكىنىپ دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالغىنىغا نارازى بولغاندەك خېلىغىچە چايقىلىپ بىر ئىزىدا تۇرۇپ قالدى، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ قىقاس - چۇقانلىرىنى ھەم كۈچىشى بىلەن يەنە كەلگەن قىرغاققا قاراپ خېلى كۈچىگەندىن كېيىنلا قىرغاق تامان سىلجىپ تېز - تېز يۈرۈپ كەتتى.
       

    « غۇلجا » ئىسمىنى ئىككى قېتىم ئاڭلاش
     
         شاۋغۇن - سۈرەنلىك ئىلى دەرياسىنىڭ ئۈستىدە ۋاپات بولغان ئەشۇ ئادەم ئەسلىدە 1887 - يىلى چاررۇسىيە تەۋەلىكىدىكى يەتتە سۇ گوبېرناتورلىقىغا قاراشلىق غالجات يېزىسىدا تۇغۇلغانىدى. بۇ شۇ چاغدا بەشيۈز تۈتۈنلۈك كىچىككىنە بىر يېزا ئىدى. بىراق ئاشۇ كىچىككىنە يېزىدا بىر يىلى چوڭ چاتاق چىققانىدى. بىر كۈنى پۈتۈن يېزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ ئاھالىسى قولىغا تاياق - توقماقلارنى، ئارا - گۈرجەكلەرنى، ھەتتا پالتا - نەيزىلەرنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىقتى. يېزىنىڭ تار كوچىلىرىغا خۇددى قىياندەك يامراپ كېلىۋاتقان خەلق توپى شۇ قېتىم پۈتۈن يېزىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بەئەينى توختام سۇدەك جىمجىت تۇرغان تىپ - تىنچ يېزا بىردىنلا «ئۇر، چاق، ۋەيران قىل» دېگەن دەھشەتلىك ئاۋازلارغا تولدى. ھەممىنى دەھشەت باستى، ھەممەيلەن ۋەھىمىگە ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالدى.
         بۇ نەزەر خوجىنىڭ تېخى ئەمدىلا يەتتە - سەككىز ياشلارغا كىرگەن، بالىلىقىنىڭ مەسۇم مەزگىلىدە تۇرغان ۋاقتى ئىدى.
         - پاھ، پاھ، نېمە دېگەن جىق ئادەم بۇ؟ - نەزەر خوجا يېزا ئاسمىنىنى خۇددى گۆلدۈرمامىدەك تىتىرىپ ۋارقىرىشىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تەييار بولغان چېيىغىمۇ قارىماي يۈگۈرگەن پېتى تالاغا چىقتى - دە، ئىشىك ئالدىدا ھەيرانلىقتا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.
         ئۇ ئىلگىرى بۇنچىۋالا جىق ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ پەقەت مەھەللىنىڭ باش تەرىپىگە سېلىنغان يوغان تونۇردا نۆۋەتلىشىپ نان ياقىدىغان ئاياللارنى، كەچلىرى شۇ تونۇر بوشاپ قالغاندا، تېخى ھارارىتى كەتمىگەن ئىسسىق تونۇر ئەتراپىغا يىغىلىۋېلىپ، ھېكايە، چۆچەكلەرنى ئېيتىشىدىغان «ئاغىنىلىرى» نىلا كۆرگەن ئىدى. راست، ئۇ دادىسى بىلەن ئېتىز - ئېرىقلارغا باراتتى، ئۇ يەردىمۇ چوڭلار، بالىلار بار ئىدى، بىراق ئۇلارنىڭ سانىمۇ كۆپ بولسا ئون - يىگىرمىدىن ئاشمايتتى. ھە، دۇرۇس، ئۇ يەنە بىر قېتىم دادىسىغا ئەگىشىپ مەسچىتكە بارغاندا، شۇ يەردىمۇ خېلى نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆرگەن. ئەمما نان ياققان ئاياللارنى، «ئاغىينىلىرى»نى، مەسچىتتە كۆرگەن ئادەملىرىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندىمۇ ئۇلارنىڭ كۆپلىكى بۈگۈنكى ئادەملەرگە يەتمەيتتى. ئەمەلىيەتتە، نەزەر شۇ چاغدا جامائەتنىڭ ئىككى ئېغىز ئۆيچىلىك كېلىدىغان مەسچىتتە تۆت قۇر سەپ تۈزگەنلىكىگە ھەيران بولغان ئىدى. ئۇنىڭ مەسۇم قەلبىدە مەسچىتكە بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت - ئېھتىرامى شۇ چاغلاردا باشلانغان ئىدى.
         - ھاي، نەزەر! ئۆيگە قايتىپ كىر، غەۋغاغا ئارىلاشقۇچى بولما!! - قورۇدا ئاپىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان نەزەر ئاپىسىنىڭ يۈگۈرۈپ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى، كېلىپ قولىدىن يېتىلەپ ئۆيگە ئەكىرىپ كېتىدىغانلىقىنى پەملىدى - دە، ئالدىدىكى توپقا قاراپ ئوقتەك يۈگۈدى. ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچە توپنىڭ ئەڭ ئالدىغا  يېتىپ باردى. ئۇ توپنى ماتا كۆينەكلىرىنىڭ يەڭلىرىنى جەينىكىگىچە تۈرۈۋەتكەن، مەيدىسى ئوچۇق، بېشىدىكى رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن قىزىل بۆكىنى بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قىيسايتىپ كىيىۋالغان، ياماق چۈشكەن قارا ئىشتىنىنىڭ پۇشقاقلىرىنىمۇ تۈرۈۋالغان، يالاڭغىداق پۇتلىرىغا لاي چاپلاشقان، قاپقارا قاشلىرى تۈرۈلگەن بىر ئادەم باشلاپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قولىدا ھېچنەرسە يوق ئىدى. ئۇ تۇرۇپ - تۇرۇپلا كۆپچىلىككە قاراپ چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتلىرىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ:

        
    - سې سە بولۇسنى يوقىتايلى!
         - ئەيسا بايدىن ھەققىمىزنى ئۈندۈرۈۋالايلى!
         دەپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرايتتى. ئاندىن غەزەپلەنگەن، خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرىلەردەك ئالغا ئېتىلىپ كېتىپ بارغان خەلق توپىمۇ قولىدىكى تاياق - توقماق، ئارا - گۈرجەك، پالتىلىرىنى ھاۋاغا كۆتۈرۈپ:
         - سې سە بولۇسنى يوقىتايلى!
         - ئەيسا بايدىن ھەققىمىزنى ئۈندۈرۈۋالايلى!!
         دەپ جەھلى بىلەن ۋارقىرايتتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى تولىمۇ دەھشەتلىك بولۇپ، ئەلپازى بەئەينى قىياننىڭ ئۆزىلا ئىدى. نەزەر خوجا ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن تىتىرەپ كەتتى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ «سې سە بولۇسنى يوقىتايلى! ... ئەيسا بايدىن ھەققىمىزنى ئۈندۈرۈۋالايلى!» دېگەن گېپىدىن بەكلا قورقۇپ، يۈرىكى ئېغىزىغا تىقىلىپلا قالدى. ئۇ سې سە بولۇسنىڭ كىملىكىنى، ئەيسا باينىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتى... بىراق ئۇلار نەزەر خوجىنىڭ بالىلىق قەلبىدە تولىمۇ ئاجايىپ، تولىمۇ مۆتىۋەر، ئۇلۇغ ھەم ئالىيجاناپ كىشىلەر ئىدى. سەۋەبى ئۇ تۇغۇلۇپ ئەقلىگە كەلگەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ئاڭلىغان ئىسىم سې سە بولۇس بىلەن ئەيسا بايلارنىڭ ئىسمى ئىدى.
         - سې سە بولۇس بۈگۈن كۆپچىلىككە ۋەز ئېيتتى، كۆپچىلىككە چام بۆلۈپ بەرگۈدەك، ئۆستەڭ چاپىدىكەنمىز...
         - ئەيسا بايدىن يەنە ئىككى پۇت بۇغداي ئۆتنە ئېلىپ كەلدىم.
         - سې سە بولۇس خوجامبەردىنى شېرىكلىرى بىلەن تۇتۇپ سولاپتۇ.
         - ئەيسا باي ئوتاقچىلىرىنى قامچىلاپ چالا ئۆلۈك قىلىۋېتىپتۇ.
         - ...
         دادىسىنىڭ ئۆيدە پات - پات قىلىپ تۇرىدىغان ئەشۇنداق گەپلىرىدىن نەزەر خوجا سې سە بولۇس بىلەن ئەيسا باينى ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان، ھەممىگە قۇربى يېتىدىغان، ھەممە نېمىسى تەل، ھەممىگە باشپاناھلىق بېرىدىغان ئاجايىپ ئادەملەر سۈپىتىدە تونۇپ، قەلبىدىكى مۇقەددەس ئورۇنغا قويغانىدى...
         سې سە بولۇس ئەشۇ غالجات يېزىسىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ ھۆكۈمدارلىق قىلىپ كەلگەن سې سە بولۇس نەچچە يۈز دېسەنت (نەچچە مىڭ مو) ياخشى، ئۈنۈملۈك يەرلەرگە ئىگە ئىدى. ئۇ جايلارغا يەرسىز، يېرى ئاز دېھقانلارنى ئىشلىتەتتى. مىڭلىغان مال - چارۋىلىرىنى مالايلارغا باقتۇراتتى. ئۇنىڭغا ئىشلەيدىغان دېھقانلارغا، مالچىلارغا، مالايلارغا، بېقىندىلارغا ھەق بەرمەيتتى ياكى ناھايىتى ئاز ھەق بېرەتتى. ئۇلار ئاچ - يالىڭاچلىق، ئاچ - زېرىنلىق ئىچىدە يىغلاپ - قاخشاپ كۈن كەچۈرەتتى.
         سې سە بولۇس تولىمۇ زالىم، ئادالەتسىز ئىدى. ئۇ پەقەت ئۆز يېقىنلىرىنىڭ، يۇرتتا نامى، تەسىرى بار باي، بەگ، موللا، ئاخۇن، قازى، ئاقساقال، ئەللىك بېشى، پادىشاھ ئەمەلدارلىرىنىڭلا دېگىنىنى قىلىپ بېرەتتى. كەمبەغەللەرنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمايتتى. ئۇلار سەللە «غىڭ» قىلىپ قويسا قاتتىق جازالايتتى. سې سە بولۇسقا يەنە ئون ئۆيلۈك دېھقان ھەقسىز ئەمگەك قىلىپ بېرەتتى.
         ئەيسا بايمۇ شۇنداق ئىدى. ئۇنىڭ غالجاتتىكى قاشان دېگەن يېرىدىلا ئالتە يۈز دېسەنت يېرى بار بولۇپ، باشقا جايلاردىكى يەرلىرى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىدى. ئۇمۇ سې سە بولۇسقا ئوخشاش كەمبەغەل دېھقانلارنى، نامراتلارنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئەزگەندىن تەشقىرى يەنە ئون ئۆيلۈك دېھقاننى يىل بويى قۇل ئۇرنىدا ئۆزىگە ئىشلەشكە سالاتتى. غالجاتتىكى نۇرغۇن دېھقانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقسىز ئىشلەپ بېرىش بەدىلىگە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئازغىنە يېرىگە تېرىقچىلىق قىلىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ شۇ ئازغىنە يەردىن ئالغان ھوسۇلى كىيىم - كېچەك ئۇياقتا تۇرسۇن، قورساق بېقىشقىمۇ يەتمەي يەنە شۇ بايغا قەرزدار بولۇپ قالاتتى. ئەيسا باينىڭ مەدىكارلىرى كۈنىگگ ئون سەككىز - يىگىرمە سائەتلەپ ئىشلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ بەدىلىگگ ئېيىغا ئىككى سوم ھەق ئالاتتى. قىسقىسى غالجات خەلقىنىڭ قېنىنى سې سە بولۇس بىلەن ئەيسا بەگ ئىككىسى ھەم ئۇلارنىڭ ھەمتاۋاقلىرى شورايتتى. شۇڭا غالجات خەلقىنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى بارغانسېرى ئېشىپ كەتكەنىدى. نەتىجىدە 1906 - يىلى كۈزدە غالجات خەلقىنىڭ سەركەردىسى بولغان خوجامبەردى تالىيوف باشچىلىقىدا سې سە بولۇس بىلەن ئەيسا بەگكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەنىدى...
         نەزەر خوجا بايا كۆرگەن توپنى باشلاپ ماڭغان يالاڭغىداق كىشى خوجامبەردى تالىيوف ئىدى.
         خوجامبەردى تالىيوف غالجاتتا كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ ھەرگىز يەككە - يېگانە ھەرىكەت ئەمەس ئىدى. ئۇ چاغلاردا تارانچى يېزىلىرىدا چار پادىشاھ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ يېزىلاردىكى قول چوماقلىرى، گۇماشتىلىرى بولغان يەر، سۇ ئىگىلىرى چوڭ فېئوداللارغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت باشلانغانىدى. بۇنداق ھەرىكەتلەر بارغانسېرى يېزىلاردىكى كۆپچىلىك نامرات پۇقرالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، كەڭ - كۆلەملىك ئاممىۋى ھەرىكەتكە ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى. شۇ قېتىم غالجاتتا خوجامبەردى تالىيوف باشچىلىقىدىكى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭغا غالجاتتىكى 500 تۈتۈننىڭ 300 ى قاتناشقانىدى. شۇنىڭدىن ئىلگىرى خوجامبەردى تالىيوفنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنىڭ ئېشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ خەلقنى تەشكىللەپ پادىشاھ تۈزۈملىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن سې سە بولۇس ئۇنى نەچچە قېتىم تۇتۇپ سولىغان، كېيىن يەنە خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بول
    غانىدى...
         نەزەر خوجا ئەشۇ باشلامچى ئادەمنىڭ قورقۇمسىزلىقى، جاسارىتىگە ھەۋەسلىنىپ، ئۇلار بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ، توساتتىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ توپ ئىچىدە دادىسىنى كۆرۈپ قالغانىدى! ئۇ «دادا! دادا!» دەپ ۋارقىراشقا تەمشەلگەن چاغدا كىشىلەر ئۇنى نېرىغا سۈرۈپ تاشلىدى. ئۇلار ئەمدى شىددەت بىلەن يۈگۈرۈپ، ۋارقىراپ - جارقىراپ، بولۇس مەھكىمىسىگە قاراپ ئېتىلغانىدى. سىرتقا چىقىرىۋېتىلگەن نەزەر خوجا دادىسىنىڭ ئۆزىنى كۆرمەي قالغانلىقىنى بىلىپ توپ ئارقىسىدىن قالماي يۈگۈردى...
         بولۇس مەھكىمىسىگە بۆسۈپ كىرگەن توپ ئۇ يەردىن سې سە بولۇسنى تاپالمىدى. ئەيسا بايمۇ ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقتى. شۇنداق بولسىمۇ، دەرغەزەپ بولغان خەلق ئۇلارنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرىنى تېرە - پېرەن قىلىۋەتتى، تۇرالغۇلىرىنىمۇ ساق قويۇشمىدى، مال - ۋارانلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، دەپنە - دۇنيالىرىنىڭ بىت - چېتىنى چىقاردى. بىراق ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمىدى. نەدىندۇر «پاڭ - پۇڭ»، «تاڭ - تۇڭ» قىلىپ مىلتىقنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. توپ ئارىسىدىن «ۋايجان! ۋاي ئاللا!» دېگەن ئېچىنىشلىق نالە - پەرياد ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئۇلار ئوق تېگىپ يىقىلغانلارنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئارقىدىنلا توپ ئارىسىغا قوراللانغان ئەسكەرلەر يېرىپ كىرىپ، توپنى نەچچىگە بۆلۈۋەتتى. قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن تاياق - توقماق تۇتۇۋالغان پۇقرالار ئارىسىدا كەسكىن ئېلىشىش باشلاندى. بىر مۇنچىلىرى ئەسكەرلەرگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ قېچىشقا باشلىدى. بۇ قېچىش بېرىپ - بېرىپ ھەممىگە تارالدى. ھەيۋەت بىلەن دەۋرەپ كەتكەن خەلق قوشۇنى ئاقىۋەت پىتراپ قېچىشنىڭ كويىغا چۈشتى. توپ ئارىسىدىن دادىسىنى تاپالماي ھاسىراپ ئۈستى - بېشىدىن تەر قۇيۇلۇپ ئۆيگە قېچىپ كىرىپ كەلگەن نەزەر خوجا ئىشىك ئالدىدىلا دادىسى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. دادىسى ئاسقاقلاپ ئارانلا ماڭاتتى.
         - بول، چاپسان بول ئاپاڭنى چاقىر! - دېدى دادىسى نەزەر خوجىنى كۆرۈپلا بوش ۋارقىراپ. دادىسىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، پاقالچاقلىرىدىن قان توختىماي سىرغىپ چۈشمەكتە ئىدى...
         - غەۋغاغا قاتنىشىپ تويمىغاندەك، بالىنىمۇ ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان بۇنىڭ، - ئاتا - بالا ئىككىسىنىڭ بىللە يېتىپ كەلگەنلىكىدىن كۆڭلى جايىغا چۈشكەن ئايال ئېرىنىڭ پاقالچىقىنى تېڭىۋېتىپ ئېرىگە كايىدى.
         - غەۋغا كۆتۈرمىسەك خۇدىنى بىلمەيۋاتسا ئۇ خۇمپەرلەر. پادىشاھ ئەسكەرلىرى كېلىپ قالمىغان بولسا، ئۇ كىسپۇرۇچلارنىڭ جېنىنى جەھەننەمگە ئۇزىتاتتۇق. خەير بوپتۇ، كېلەر قېتىمقىسىدا قوراللىق چىقمىساق بولمايدىغانلىقىغا ئەمدى ئىشەندى ئۇلار. بۇ قېتىممۇ خۇددى غۇلجىدا كۆتۈرۈلگەندەك قوراللىق كۆتۈرۈلگەن بولسا، يەڭمەي قالمايتتۇق...
         دادىسىنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىلىۋاتقان گەپلىرى نەزەر خوجىنىڭ بارلىق قورقۇنچىسىنى يوقاتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىگە ئورناپ قالدى...
         شۇ قاتىملىق قوزغىلاڭ ئەشۇنداق ئوڭايلا مەغلۇپ بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ھەم يارىلاندى. خوجامبەردى تالىيوف يەنە قاماققا ئېلىندى. بىراق سې سە بولۇس بىلەن ئەيسا باي شۇنىڭدىن كېيىن باشقىچە يۇۋاشلاپ كەتتى. ھەتتا يەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى يەرسىز دېھقانلارغا، نامرات پۇقرالارغا، يېرى ئازلارغا بۆلۈپ بەردى. نەزەر خوجىنىڭ دادىسى پالاكەتتىن ئامان قالدى، ئۇنى بىرەر كىممۇ سۈرۈشتۈرمىدى، بەلكى سې سە بولۇس بىلەن ئەيسا باي نامراتلار قاتارىدا ئۇنىڭغىمۇ يەر، سۇ بۆلۈپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ سې سە بولۇس بىلەن ئەيسا باي دېھقانلار بىلەن ئىناق، چىقىشىپ ياشاشنىڭ يولىنى تۇتۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئامالسىزلىقتىن قىلىۋاتقان ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇلار يۇرتنىڭ بېشى بولغاچقا نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋەردار ئىدى. رۇسىيە تەرەپتە چوڭ غۇلغۇلىلار بولۇۋاتقانلىقىنى، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تازا ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بۇرنىنىڭ ئاستىدا بولۇۋاتقان ئىشلار تېخىمۇ كۆڭۈلسىز ئىدى.
         بولۇسلارغا، بايلارغا، كونا تۈزۈملەرگە، خۇراپىي ئۆرپ - ئادەتلەرگە قارشى «كالتە چاپانلىقلار» ھەرىكىتى ئەۋىج ئېلىۋاتاتتى. ئۇلار بايلاردىن، يەر، سۇ ئىگىلىرىدىن يەر - زېمىن تەلەپ قىلىشنىڭ سىرتىدا، يەنە ئىنسانىي ھوقۇق، باراۋەرلىك ھوقۇقى، ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىنىش ھوقۇقى، ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ھوقۇقى ... تەلەپ قىلىۋاتاتتى...
         - دېمىسىمۇ غەۋغا كۆتۈرمىسەڭ يۇۋاشلىمايدۇ بۇلار،- دېدى نەزەر خوجىنىڭ دادىسى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا پاراڭدىن - پاراڭ چىقىرىپ ئايالىغا. بۇ قوزغىلاڭ يۈز بەرگەننىڭ ئىككىنچى يىلىدىكى گەپ ئىدى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى خېلىلا ھاللىنىپ قالغان، نەزەر خوجىمۇ يېزىدىكى يېڭى ئېچىلغان مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىدى،- ئۆز ۋاقتىدا غۇلجىدىمۇ شۇنداق چوڭ غەۋغا كۆتۈرۈۋېدۇق، ئۇ يەردىكى «سې سە بولۇسلار» ئوردىسىنى بىزگە تاشلاپ بېرىپ بەدەر قاچقان، ھۆكۈمەت بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتكەن ئىدى...
         - بولدى قىلىڭە ئۇ گەپلەرنى،- ئېرىنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى ئايالى،- ھازىرقى مۇشۇ كۈنىمىزگىمۇ شۈكرى قىلايلى. خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن خېلى ھاللىنىپ قالدۇققۇ، تېرىيدىغان يېرىمىز بار، ساغىدىغان كالىمىز بار، قورۇ - جايمۇ ئۆزىمىزنىڭ، بالىمىز بولسا بىر ئوبدان ئوقۇۋاتىدۇ... قارىڭە، ئۇنىڭ خەت ئوقۇشلىرىغا! بۇنىڭدىن كېيىن خەت پۈتكۈزىمىز دەپ ئىمام، موللىلارنىڭ ئۆيلىرىگە توققۇز تازىم قىلىپ بېرىپ يۈرمەيدىغان بولىدىكەنمىز...
         - ھوي، شۇنداقمۇ، ما ئىشنى كۆرمەمدىغان،- شۇنىڭ بىلەن گەپنىڭ مەزمۇنى باشقا ياققا بۇرالدى،- خەت تونۇيدىغان بولۇپ كېتىپتىما؟ ھۇششەرە، مەن ئوغلۇمغا «نەزەر خوجا» دېگەن ئىسىمنى بىكار قويمىغاندە! بىزنىڭ خوجا ئەۋلادى ئىكەنلىكىمىزنى، ھەر نەرسىگە چوڭقۇر نەزەر سېلىپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم - دە بۇ! ھى ھى ھى!
         دادىسى ئوغلىنىڭ بېشىنى سىيلىغىنىچە پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى. ئاندىن يوغان چىنە تەخسىگە دۆۋلەپ سېلىنغان لەڭمەننى ئىشتىھا بىلەن يېيىشكە كىرىشتى.
         راست دېگەندەك شۇ تاپتا نەزەر خوجا دادىسىغا باشقىچە بىر تەرزدە نەزەر سېلىۋاتاتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى قېتىم چىققان «غۇلجا» دېگەن جاينىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىش ئىستىگىدە دادىسىغا ئالاھىدە نەزەر سېلىۋاتاتتى. چۈنكى نەزەر خوجا بىر قېتىم ھېلىقى چاغدىكى قوزغىلاڭدا يارىدار ياتقان چاغدا، يەنە بىر قېتىم ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولغاندا دادىسىنىڭ «غۇلجا» دېگەن سۆزنى مەغرۇرلۇق بىلەن ئېيتقانلىقىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغانىدى.
        

     
     
    دادىسىدىن ئۆگەنگەن يوللار
     
        
    نەزەر خوجا كىچىگىدە دادىسىدىن جىق نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنىدى. توغرا ئۇ دادىسىدىن پالانى نەرسىنى ئۆگىنەيچۇ دەپ ئۆگەنگەن ئەمەس، بەلكى ئاتىسىنىڭ ۋەسىيلىكىدە تۇرغان چاغدا ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا، سۆزلىگەن گەپلىرى، ئۆزىنى تۇتۇشلىرى، ھەتتا ئاچچىقى كەلگەندە كايىشلىرىدىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا پايدىسى تەگكەن نۇرغۇن ئىلىملەرنى ئۆگىنىۋالغانىدى.
         نەزەر خوجىنىڭ دادىسى ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ، قاتاڭغۇر كەلگەن چەبدەس ئادەم ئىدى. شۇڭا ھەممە ئىشقا يېتىشەتتى. بەش ۋاقىت نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىللە ئۆتەيتتى. ئەتىگەن تۇرۇپ چالا - پۇلا ناشتا قىلاتتى - دە، ئىشقا چىقىپ كەتسە چۈشتىمۇ كەلمەيتتى. ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ زېرىكمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن نەزەر خوجا دادىسىنى پەقەت كەچلىك تاماق ۋاقتىدىلا كۆرەتتى. ئانىسى بىردەممۇ تېنىم تاپمايدىغان ئىشچان، ئەقىللىق ئايال ئىدى. ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ ئېرىگە ناشتىلىق تەييارلاپ يولغا سالغاندىن كېيىن، ھويلا - ئاراملارنى سۈپۈرۈپ سۇ چاچاتتى. ئېغىللارنى تازىلايتتى، كالا، قويلارنى ساغاتتى، ئۇلارغا ئوت - چۆپ، يەم - خەشەك، سۇ بېرەتتى. مۇشۇ ئارىلىقتا نەزەر خوجىمۇ ئاتا - ئانىسىغا ئوخشاش ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ ئەمدى چۈشتىن بۇرۇنمۇ، چۈشتىن كېيىنمۇ ئوقۇيدىغان بولغانىدى. شۇڭا ئۇلار پەقەت كەچلىك تاماق ۋاقتىدا شىرە ئەتراپىغا جەم بولاتتى. بۇ چاغدا دادىسى نەزەر خوجىدىن ئوقۇش ئەھۋالى توغرىلىق سورايتتى. ئايالىدىن بولسا شۇ كۈنلۈك ئۆي مەشغۇلاتلىرىنى سۈرۈشتۈرەتتى. ئۆزىمۇ سىرتتا يولۇقتۇرغان يېڭى - يېڭى ئىشلار ھەققىدە ئانچە - مۇنچە سۆزلەپ قوياتتى. ئەمما نەزەر خوجا دادىسىدىن بىرەر سۇئال سوراپ قويسىلا بالادا قالاتتى. چۈنكى دادىسى ئۇنى تاكى «بولدى، چۈشەندىم!» دېگۈچە ئېزىپ، ئەزۋەيلەپ ئادەمنىڭ كاللىسىغا قۇياتتى. بولۇپمۇ دادىسى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەشنى بەك ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ھەقتە كېچە - كېچىلەپ سۆزلىسىمۇ ھاردىم، چارچىدىم، دېمەيتتى.
         - خوجامبەردىنى چىقىپتۇ دەيدىغۇ، راستما؟ - ئەنسىزلىك بىلەن سورىدى ئايالى ئېرىدىن.
         چىققىلى نەكەم،- جاۋاب بەردى دادىسى لىگەندىكى گۆشناننى توغرىغاچ،- ئۇنى ئوڭاي ئۇجۇقتۇرالمايدۇ، يىلتىزى چىڭ يەردە ئۇنىڭ.
         ئۇ چىقسىلا يۈرىكىم جىغىلدايدۇ مېنىڭ. ئۆتكەندە مەھەللىدىكى خوتۇنلارنىڭ ئېغىزىدىن شۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە بىر غەۋغا چىقارمىسا بولاتتى ئۇ، دەپ ئەنسىرەپ كەتتىم، خويمۇ تېنچ بولۇپ كېلىۋېدۇق...
         - ئۇ دېگەن كۆپنىڭ غېمىنى يەيدىغان ھەقىقى ئەركەك،- خوتۇنىنىڭ گېپىنى كەستى دادىسى.
         نەزەر خوجا دادىسىنىڭ «ئۇ دېگەن ھەقىقىي ئەركەك» دېگندە كۆزلىرىنىڭ يېنىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغانلىقىنى كۆرۈپ، «ئەركەك» سۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىگە ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ، «ھەقىقىي ئەركەك» تەك ياشاش ئىستىگى ئورناپ قالدى. شۇڭا كېيىنكى چاغلاردا ئۆزىمۇ جەمئىيەتنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىغا، ھاياتنىڭ دولقۇنلۇق قايناملىرىغا بۆسۈپ كىرگەن چاغدا «ئەركەك» سۆزىنىڭ ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەنىدى. شۇڭا ئۇ كېيىنكى چاغلاردا دادىسىدىن ئۆگەنگەن ئەشۇ «ئەركەك» سۆزىگە تېخىمۇ چوڭقۇر مەنا بېرىپ:
                                                 خەلق ئوغلى قورققاق ئەمەس ئەركەكتۇر،
                                                 ئەركەك ئولدۇر زالىملارنى سۈرمەكتۇر.
         دەپ يازغانىدى.
         - ھەي، ماڭا قارىسۇنا،- دېدى ئاپىسى پىيالىگە چاي قۇيۇپ ئېرىنىڭ ئالدىغا قويغاچ،- ئەركەك، چىشى دەپ ئولتۇرماي ئەمدى ئۇنداق غەۋغالارغا ئارىلاشمىسۇن، ئۆز يۇرتىمىزدا غەۋغا چىقىرىپ بۇ يۇرتلارغا قاڭقىپ كەتتۇق، بۇ يەردە تېنچ ياشارمىزمىكىن دېسەك، بۇ يەردىمۇ غەۋغاغا ئارىلىشىپ قويۇپ ھېلىقىدەك كۈننى كۆردۇق...
         - پىشانىمىزگە پۈتۈلگەننى كۆرمەي نېمە ئامال! پىشانىمىزگە غەۋغا پۈتۈلگەن بولسا غەۋغاغا ئارىلىشىمىز، پىشانىمىزگە رىسقىمىزنىڭ بۇ يەرلەرگە چېچېلغانلىقىنى پۈتكەن ئىكەن، شۇڭا بۇ يەردىكى رىسقىمىزنى يەۋاتىمىز، تەقدىردىن بىسوراق قىل تەۋرىمەيدۇ، ئۇنىڭغا نېمە ئىلاج؟!
         ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى گەپ شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈلۈپ، ھەر ئىككىلىسى جىمىپ قالدى. بىراق نەزەر خوجىنىڭ كۆڭلىگە بىر نەرسە كەلدى. ئۇ ئۆزى تۇغۇلغان بۇ يۇرتنىڭ «ئۆز يۇرت» ئەمەس، «ياقا يۇرت» ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىۋالغانىدى. «بۇ قانداقلارچە ‹ياقا يۇرت› بولۇپ قالىدۇ؟» بۇ سۇئاللار ئۇنىڭ خىيالىنى تېنچ قويماي ئاخىرى دادىسىدىن سوراشقا مەجبۇر قىلدى.
         - دادا بىز بۇ يەرلىك ئەمەسما؟- بالىسىنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالى ئاتا - ئانا ئىككەيلەنگە باشقىچە تەسىر قىلدى.
         - بىز بۇ يەرگە غۇلجىدىن كۆچۈپ كەلگەن،- ئالدىراپ جاۋاب بەردى ئاپىسى.
         نەزەر خوجا ئەمدى «غۇلجا» دېگەن ئىسىمنى يەنە ئاڭلاۋاتاتتى.
         - غۇلجىدىن؟ نېمە سەۋەبتىن كۆچۈپ كېلىۋېدىڭلار؟-

    سې سە بولۇسنى يوقىتايلى!
         - ئەيسا بايدىن ھەققىمىزنى ئۈندۈرۈۋالايلى!
         دەپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرايتتى. ئاندىن غەزەپلەنگەن، خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرىلەردەك ئالغا ئېتىلىپ كېتىپ بارغان خەلق توپىمۇ قولىدىكى تاياق - توقماق، ئارا - گۈرجەك، پالتىلىرىنى ھاۋاغا كۆتۈرۈپ:
         - سې سە بولۇسنى يوقىتايلى!
         - ئەيسا بايدىن ھەققىمىزنى ئۈندۈرۈۋالايلى!!
         دەپ جەھلى بىلەن ۋارقىرايتتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى تولىمۇ دەھشەتلىك بولۇپ، ئەلپازى بەئەينى قىياننىڭ ئۆزىلا ئىدى. نەزەر خوجا ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قورققىنىدىن تىتىرەپ كەتتى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ «سې سە بولۇسنى يوقىتايلى! ... ئەيسا بايدىن ھەققىمىزنى ئۈندۈرۈۋالايلى!» دېگەن گېپىدىن بەكلا قورقۇپ، يۈرىكى ئېغىزىغا تىقىلىپلا قالدى. ئۇ سې سە بولۇسنىڭ كىملىكىنى، ئەيسا باينىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتى... بىراق ئۇلار نەزەر خوجىنىڭ بالىلىق قەلبىدە تولىمۇ ئاجايىپ، تولىمۇ مۆتىۋەر، ئۇلۇغ ھەم ئالىيجاناپ كىشىلەر ئىدى. سەۋەبى ئۇ تۇغۇلۇپ ئەقلىگە كەلگەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ئاڭلىغان ئىسىم سې سە بولۇس بىلەن ئەيسا بايلارنىڭ ئىسمى ئىدى.
         - سې سە بولۇس بۈگۈن كۆپچىلىككە ۋەز ئېيتتى، كۆپچىلىككە چام بۆلۈپ بەرگۈدەك، ئۆستەڭ چاپىدىكەنمىز...
         - ئەيسا بايدىن يەنە ئىككى پۇت بۇغداي ئۆتنە ئېلىپ كەلدىم.
         - سې سە بولۇس خوجامبەردىنى شېرىكلىرى بىلەن تۇتۇپ سولاپتۇ.
         - ئەيسا باي ئوتاقچىلىرىنى قامچىلاپ چالا ئۆلۈك قىلىۋېتىپتۇ.
         - ...
         دادىسىنىڭ ئۆيدە پات - پات قىلىپ تۇرىدىغان ئەشۇنداق گەپلىرىدىن نەزەر خوجا سې سە بولۇس بىلەن ئەيسا باينى ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان، ھەممىگە قۇربى يېتىدىغان، ھەممە نېمىسى تەل، ھەممىگە باشپاناھلىق بېرىدىغان ئاجايىپ ئادەملەر سۈپىتىدە تونۇپ، قەلبىدىكى مۇقەددەس ئورۇنغا قويغانىدى...
         سې سە بولۇس ئەشۇ غالجات يېزىسىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئاتا - بوۋىسىدىن تارتىپ ھۆكۈمدارلىق قىلىپ كەلگەن سې سە بولۇس نەچچە يۈز دېسەنت (نەچچە مىڭ مو) ياخشى، ئۈنۈملۈك يەرلەرگە ئىگە ئىدى. ئۇ جايلارغا يەرسىز، يېرى ئاز دېھقانلارنى ئىشلىتەتتى. مىڭلىغان مال - چارۋىلىرىنى مالايلارغا باقتۇراتتى. ئۇنىڭغا ئىشلەيدىغان دېھقانلارغا، مالچىلارغا، مالايلارغا، بېقىندىلارغا ھەق بەرمەيتتى ياكى ناھايىتى ئاز ھەق بېرەتتى. ئۇلار ئاچ - يالىڭاچلىق، ئاچ - زېرىنلىق ئىچىدە يىغلاپ - قاخشاپ كۈن كەچۈرەتتى.
         سې سە بولۇس تولىمۇ زالىم، ئادالەتسىز ئىدى. ئۇ پەقەت ئۆز يېقىنلىرىنىڭ، يۇرتتا نامى، تەسىرى بار باي، بەگ، موللا، ئاخۇن، قازى، ئاقساقال، ئەللىك بېشى، پادىشاھ ئەمەلدارلىرىنىڭلا دېگىنىنى قىلىپ بېرەتتى. كەمبەغەللەرنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويمايتتى. ئۇلار سەللە «غىڭ» قىلىپ قويسا قاتتىق جازالايتتى. سې سە بولۇسقا يەنە ئون ئۆيلۈك دېھقان ھەقسىز ئەمگەك قىلىپ بېرەتتى.
         ئەيسا بايمۇ شۇنداق ئىدى. ئۇنىڭ غالجاتتىكى قاشان دېگەن يېرىدىلا ئالتە يۈز دېسەنت يېرى بار بولۇپ، باشقا جايلاردىكى يەرلىرى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىدى. ئۇمۇ سې سە بولۇسقا ئوخشاش كەمبەغەل دېھقانلارنى، نامراتلارنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ئەزگەندىن تەشقىرى يەنە ئون ئۆيلۈك دېھقاننى يىل بويى قۇل ئۇرنىدا ئۆزىگە ئىشلەشكە سالاتتى. غالجاتتىكى نۇرغۇن دېھقانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقسىز ئىشلەپ بېرىش بەدىلىگە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئازغىنە يېرىگە تېرىقچىلىق قىلىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ شۇ ئازغىنە يەردىن ئالغان ھوسۇلى كىيىم - كېچەك ئۇياقتا تۇرسۇن، قورساق بېقىشقىمۇ يەتمەي يەنە شۇ بايغا قەرزدار بولۇپ قالاتتى. ئەيسا باينىڭ مەدىكارلىرى كۈنىگگ ئون سەككىز - يىگىرمە سائەتلەپ ئىشلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ بەدىلىگگ ئېيىغا ئىككى سوم ھەق ئالاتتى. قىسقىسى غالجات خەلقىنىڭ قېنىنى سې سە بولۇس بىلەن ئەيسا بەگ ئىككىسى ھەم ئۇلارنىڭ ھەمتاۋاقلىرى شورايتتى. شۇڭا غالجات خەلقىنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى بارغانسېرى ئېشىپ كەتكەنىدى. نەتىجىدە 1906 - يىلى كۈزدە غالجات خەلقىنىڭ سەركەردىسى بولغان خوجامبەردى تالىيوف باشچىلىقىدا سې سە بولۇس بىلەن ئەيسا بەگكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەنىدى...
         نەزەر خوجا بايا كۆرگەن توپنى باشلاپ ماڭغان يالاڭغىداق كىشى خوجامبەردى تالىيوف ئىدى.
         خوجامبەردى تالىيوف غالجاتتا كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ ھەرگىز يەككە - يېگانە ھەرىكەت ئەمەس ئىدى. ئۇ چاغلاردا تارانچى يېزىلىرىدا چار پادىشاھ ھۆكۈمدارلىرىنىڭ يېزىلاردىكى قول چوماقلىرى، گۇماشتىلىرى بولغان يەر، سۇ ئىگىلىرى چوڭ فېئوداللارغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت باشلانغانىدى. بۇنداق ھەرىكەتلەر بارغانسېرى يېزىلاردىكى كۆپچىلىك نامرات پۇقرالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، كەڭ - كۆلەملىك ئاممىۋى ھەرىكەتكە ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى. شۇ قېتىم غالجاتتا خوجامبەردى تالىيوف باشچىلىقىدىكى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭغا غالجاتتىكى 500 تۈتۈننىڭ 300 ى قاتناشقانىدى. شۇنىڭدىن ئىلگىرى خوجامبەردى تالىيوفنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنىڭ ئېشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭ خەلقنى تەشكىللەپ پادىشاھ تۈزۈملىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن سې سە بولۇس ئۇنى نەچچە قېتىم تۇتۇپ سولىغان، كېيىن يەنە خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بول
    غانىدى...
         نەزەر خوجا ئەشۇ باشلامچى ئادەمنىڭ قورقۇمسىزلىقى، جاسارىتىگە ھەۋەسلىنىپ، ئۇلار بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ، توساتتىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى ئۇ توپ ئىچىدە دادىسىنى كۆرۈپ قالغانىدى! ئۇ «دادا! دادا!» دەپ ۋارقىراشقا تەمشەلگەن چاغدا كىشىلەر ئۇنى نېرىغا سۈرۈپ تاشلىدى. ئۇلار ئەمدى شىددەت بىلەن يۈگۈرۈپ، ۋارقىراپ - جارقىراپ، بولۇس مەھكىمىسىگە قاراپ ئېتىلغانىدى. سىرتقا چىقى
    分享到:

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى