-
2011-02-08
ئۇيغۇرلاردا سەت گەپ قىلىش مەدەنىيتى - [ئۇيغۇرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/103802918.html
ئۇيغۇر مىللىتمىز تىلدا باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنپ تۇردىغان تىلغا باي ، سۆزمەن ، تىل گۇزەللىكى كۇچلۇك مىللەت . ئانىمىز . دادىمىز . بوۋلىرىمىز يەنە شۇ بوۋىمىزنىڭ بوۋىسىمۇ تارىختىكى ئەڭ گۇزەل تىللارنى ئىشلىتىپ بىزگە سۇزلىشىش مەدەنىيتىنى ، ئۇز ئارا ھۇرمەتنى ، ئۇزئارا تەلىم تەربيە قىلىشنى ئۇگىتىپ ، مىراس قالدۇرۇپ كەلگەن . كىچىك ۋاقتىمىزدىمۇ سىلىق گەپ تاشنى يارار دەپ مەسەل ئۇگىنىپ كەلگەن .
بۇرۇن سەت گەپ ئەمەس ، چوڭلار ئالدىدا بىرەر ئىغىز قوپال ،ياكى سەنلەنگەن سۇز ئىشلەتسەكمۇ يۇزىمىزنى قارا تەر باسىدىغان ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرى ئىدۇق ، ھازىر شۇ ھارام سۇزلارنى چوڭلىرىمىز ، كچىكلىرىمىز بارمىقىمىزنى ئويناپ ئولتۇرۇپ سۇزلىشىپ كىتشكە يۇرۇش قىلدۇق ، بىر ۋاق كىچىك ۋاقتىمدا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئاكام بىلەن جىدەللىشىپ قىلپ ، نىمانداق قىلىدۇ ماۋۇ بىرنىمە ، دەپ ئاكامنى تىللىغىنىمنى بىلىمەن ، ئاغزىمغا جاققىدە قىلپ تەگكەن شۇ بىرشاپىلاق بىلەن كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكەن ئىدىم ،شۇ شاپىلاقنىڭ سەۋەبىدىن ئاكامغا ۋە چوڭلارنىڭ ئالدىدا بىرەر قىتىممۇ ئاغزىمدىن مايماق گەپ چىقىپ باقمىدى ،.
مەن بىز ھۇرمەت قىلدىغان يازغۇچى ، ئەدىبلىرمىزنىڭ ئەسەرلىردىنمۇ بىرەر ئىغىز سەت گەپ ، ھەلەق گەپ كۇرۇپ باقمىغان ئىدىم ، مۇشۇنداق ھارام سەت گەپلەرنى قەيەردىن چىقىرىپ داۋاتقىنىمىزغا بەكمۇ ئەقلىم ھەيران .... بەزىدە ، شۇ ئىغىزنىڭ ئىگىسى بولغان ئاكلىرمىزغا ، ھەدىلىرمىزگە ، ئانىلرىمىزغا ، دادىلىرمىزغا نىمىشقا قاتتىقراق بىرەر شاپىلاق تەگمىگەندۇ دەپ ئىچنىپ كىتىمەن ،،،،مەن يىگەن شۇ شاپىلاقنى ئۇلارمۇ يىگەن بولسا ياخشى ئىدى ،،،،" K: t3 B8 [. H2 M( |) a
ئوتكەندە ، نەۋرە ھەدەمنىڭ ئۇيىگە باردىم ، ئەمدى تىلى چىققان ئوغلىغا دىسكو ئويناتتى ، ئاندىن (بالام ماۋۇلارنى بىر تىللاپ بىرە )دىۋىدى ، شۇ سۇت پۇراپ تۇرغان سەبىي بالىنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپتىن تۇنجۇقۇپ كەتتىم ،شۇ ئۇياتسىز گەپلەردىن ئانىسى بولغۇچى كۇلۇپ تىلقىپ قالاتتى ، كىچىك بالىغا شۇنداق ئادەتنى ئۇگىتىپ ئۇزلىرى تاماشا قىلپ كۇلۇپ كىتەتتى ، ئورۇمدىن قوپۇپ ئاغزىغا بىرنى سالدىم ، ھەدەم چوڭ بولمىغان بولسا ئۇنىڭ ئاغزىغىمۇ ئۇرغۇم بار ئىدى .....................بەلكىم ، ماڭغا ئۇچرىغان بۇ ئىشلار سىزگىمۇ ئۇچرىدى ،،،،،9 \" v& J6 Q# g& t
تىخى ئاتا بالا بۇرۇن سەنلىشىپ پاراڭلاشسىمۇ بىزگە يىقىمسىز ئاڭلىناتتى، ھازىرقى ئاتا بالىلار خۇددى كەينى كوچىدىكى لۇكچەكلەردەك شۇ ئاھاڭ شۇ تەلللەپۇز دا ھىچبىر پەدىشەپ ،ھۇرمەت بولمىغان ئاساستا ئىتقادسىز ياۋايى ئادەملەردەك ئالاقە قىلشدىغان بولدۇق ، ئۇزبەكلەرنىڭ تىلىنى بەك يىقىملىق ، چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ دىيىشتۇق ، راس بەك گۇزەل تىللارنى ئىشىلتىپ ئالاقە قىلىدۇ ، شۇڭا سىزنىڭمۇ ئۇلارغا قوپال ئاھاڭدا سۇز ئىيتىشتىن ھىيقىپ قالسىز ، بىزنىڭ تىلىمىز ئەسلى تىخىمۇ گۇزەل ، يىقىملىق ئىدى . تىل گۇزەللكىمىزنى يوقتىپ قۇيىۋاتقان بىز ئۇيغۇرلار ئەتە ئۇگۇن يەنە نىمىلەرنى يوقاتمايمىز..
تىلفۇننى بىر ئاغنىمىز ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئالسا سىزنىڭ ئۇنىڭغا دىمەكچى بولغان گىپىڭىزمۇ سەل ئەدەپلىك ، ھۇرمەت ئاھاڭدا بولىدۇ ، تىلفۇننى ۋەي دەپ سوغۇق يىقىمسىز ئاۋاز ئالسا ، سىزنىڭ قارشى تەرەپكە بولغان ھۇرمتىڭىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . ئەمىليەتتە ، بىزنىڭ تىل مەدىنيىتىمىز بەكمۇ مۇھىم ، سىزنىڭ مۇھەببەت ، تۇرمۇش ، خىزمەت ۋە ھەر تەرەپتىكى تۇرمۇش يولىڭىزدا تىل ساپايىڭىز سىزنىڭ شۇ خىل تۇرمۇشتىكى ئورنىڭىزنى ھەم قانداق ئادەم ئىكەنلكىڭىزنى ئىنىق كۇرسىتىپ بىرىدۇ .
سىز ئالدىڭىزغا ئۇچرىغان بەزى نۇمۇسىسز ئادەملەرنى كۇرسىڭىز ، ئۇلارنى نومۇسسىز تىلدا چاقىرماڭ ، چۇنكى ، شۇ نومۇسسىز تىلنى شۇلاردەك نۇمۇسسىز ئادەملەر ئىشلەتكىنى ئۇچۇن بىز ئۇلارنى نومۇسسىز دەيمىز ، ئۇلار نومۇسسىز سىز ئەمەس ، شۇڭا ئۇزىڭىزنى نەسھەت قىلغۇچى تۇتقان سىز ھايۋانلارغا ھايۋان تىلدا ئەمەس ، ئادەم تىلدا سۇزلەڭ !
ئىشەك ھاڭرىسا ، بىرىپ ھاڭرىما دىمەيمىز ، شۇنداق دىگىمىز كەلسە ، بىزمۇ ئىشەكتەك ھاڭراپ ئۇلارغا ئالاقە يەتكۇزمەيمىز ، يا بىقىنىغا بىرنى سالىمىز ياكى ئۇزىمىزنىڭ تىلىدا ئىشەككە بۇيرۇق بىرىمىز،،،،،،،،ئىشەككە ھاڭراپ جاۋاب قايتۇرمايمىز ،،،،چۇنكى ،ئۇ دىگەن ھايۋان سىز ئادەمسىز!
تورلاردا ئىلان قىلىنۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ، ياكى چۇشۋاتقان ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسىنى بىز نورمال ئادەملەر يىزۋاتىدۇ دىيەلمەيمىز ، مەلۇم مەدىنيەت سەۋىيسى پەرىقلىق ئادەملەر يىزىۋاتىدۇ، بۇنى توغرا چۇشنىشكە بولىدۇ ، لكىن ، كۇپنچى تور يازغۇچىلىرمىز شۇ خىل يولدىن چىققان قىز ئوغۇللارنى تەنقىد قىلىمىز ، پاش قىلىمىز دەپ ، چوڭ كىچىك ئالدىدا شۇ خىل ئادەملەرگە ئوخشاش يىزىق ، ئوخشاش بۇزۇق تىلدا ئەسەر ئىلان قىلماقتا ،،،( F8 B5 I4 U: c- G& s
سىزنىڭ شۇ تەنقىد قىلۋاتقان ئادەمدىن نىمە پەرقىڭىز ؟ ئانىڭىز ھالال بەرگەن سۇت ، نان يىگەن ئاغزىڭىزدىن ئۇنداق ھاياسىز ، بىئەپ ، پەدىشەپ يوق سۇز جۇملىلەرنى قىلپ ئادەم تەربىيلەش ھەم ئەسەر يىزىش ئۆتۇپ كەتكەن ھاقارەت ، تىلىمغا ، دىنىمغا ، سىزگە ، ماڭغا ھاقارەت !
كوچىدا پاھىشە ئايالنى كۇرسىڭىز ، بالىڭىز نىمە ئادەم دىسە ،ھەرگىز ئۇنى (جالاپ ) دىمەيسىز ، پاھىشە دىيىشكىمۇ ئاغىزىڭىز بارمايدۇ ، چۇنكى سىز & T: n/ q5 p8 {+ E+ w: _
دىنى بار ، مىللىتى بار ، ئىتقادى ، يۇرىكى بار ئادەمسىز ،،،،،يولدىن چىققان ئايال بالام دەيسىز ،،،،،،،،،$ z2 n' A( U6 G
بەزىدە توردىكى بەزى ئادەملەرنىڭ يازغان نەرسىىنى كۇرۇپ ھەيران قالىمەن ، ئاغزىدىن چىققان گەپ تىمىسىدا تىللاۋاتقان ئادەمدىن ھىچقانداق پەرقى يوقتەكلا ، ئۇزىمۇ لۇكچەك ، بۇزۇق خوتۇنلارنىڭ ئاغزىدەك شۇ تىلدا بىر نىمىلەرنى يىزىپ ئەۋەتىدىكەن ، ئىنكاسچىلارنىڭ ئاغزى ئۇندىن سەت ،،،،،،،- l& z( O! u! u' X% l
ئاناڭلار ، داداڭلار سىلەر خاتالىق ئۇتكۇزسەڭلەر ، كىچىكڭلاردا شۇنداق سەت گەپ بىلەن تىللاپ تەربىيە قىلپ ئادەم قىلغانما ،،،؟~!
مەكتەپ يۇزى كۇرمىگەن چەت يىزىدىكى قاتتىق كۇن كۇرۋاتقان دىھقانلىرمىزدىنمۇ سىز شەھەر ئادەملىردىن تىپىلمايدىغان گۇزەل ئۇيغۇر تىلىنى ، ئەدەپ ئەخلاق ئۇقۇمىنى تاپالايسىز ، بۇ مەكتەپتە ئۇقۇش ئۇقۇماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز مەسلە !
بىزنىڭ مەھەللە تەرەپتە ، بىر ئەر كىشى بولدىغان ، ئۇزۇن ساقىلىغا ، سالماي كىيگەن ئاق دوپپىسىغا ، قاراپ ھەممە چوڭ كىچىك ھۇرمەت قىلاتتى ، لكىن ئاغزىدىن چىققان بىر ئىغىز بىلەن ئۇنىڭغا بولغان ھۇرمەت غەزەپكە ئايلاندى ، چاپان ئەپ بەرسە كەيمەيمەن دەيدۇ ئاۋۇ قانجۇق ، ئاغزىدىن چىققان بۇ جۇملە سۇز بىلەن كوچىدىكى تىلامچى ئىتتىنمۇ بەك قەدىرسىز بىر نەرسىدەك كۇرۇندى كۇزۇمگە ........دەۋاتقىنى كىمۇ بۇ نامەلۇم ، لكىن شۇ تۇرقىغا ياراشمىغان شۇ جۇملە سۇزدىن بىردىنلا بۇ كىشى كۇزۇمگە راستىنلا ئىت كۇرۇندى ،،،،تاشقى قىياپەت ، ھەم سىزنىڭ ئەمەل مەنىسپڭىز مەيلى قانچلىك ھۇرمەتكە سازاۋەر بولسۇن ، سىز مەيلى قىز ئوغۇلنى ھاياسىز سۇزلەر بىلەن تەربىيە قىلماڭ ، ھەم ئاغزىڭىزغا شۇ سۇزلەرنى ئالماڭ ، چۇنكى بىز ئۇيغۇر ، مۇسۇلمان ، بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرمىزمۇ جاھاندىكى ھەرقانداق پەسكەش گۇناھلارنى ھايالىق ، مەلۇم چەكلىمە ئىچىدىكى نەسھەت ھەم نىزاملار بىلەن بىزگە قالدرۇغان ،،،،،،،،،،،ھەرگىزمۇ ئاغزىنى بۇزۇپ ، ئادەم تىللاپ بىزگە دۇئا تەكبىرلەرنى قالدۇرمىغان ھەم بىزنى شۇ خىل يوسۇن بىلەن مۇسۇلمان بۇلۇشقا باشلىمىغان !' b4 ?+ _: W8 I l' y
مەيلى قانداق ئۇتكۇزگەن كىشىنى سىزلىيەلمسىڭىزمۇ ، ھەرگىز گۇناھ بولغان تىلدا ، سۇزدا تەسۋىرلىمەڭ ، ھەم كايىماڭ ! ئۇزىڭىزنىڭ بۇ قىلمىشىنى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى قىلمىش ئەتمىش دىمەڭ ، سىز ئەڭ چوڭ گۇناھ ئىش قىلۋاتقۇچى ئادەمسىز @!- F' F& e7 ~$ [# \$ ^. ~
مەنبە : مونا يازمىسى
收藏到:Del.icio.us
评论
بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ شۇنچىلىك تەسىرلەندىم . مەزمۇنى بەك ياخشىكەن ، ئەگەر رۇخسەت قىلسىڭىز مەنمۇ ئورتاقلاشسام .