• 30-يىللاردىكى باھادىر ئەزىمەت- ئابدۇنىياز كامال

    ئابدۇنىياز سىجاڭ ھەقىقەتەن رىۋايەتكە تولغان بىر شەخىس.

    بۇ  سۈرەتنى، 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى شىۋتسىيىلىك دىن تارقاتقۇچى ئېللا سۋېدبېرىگ (Ella Svedberg )ئىسىملىك ئايال يەكەندە تارتقانىكەن.
               
            مىنىۋالغان ئېتى ھەققىدىكى ھېكايىلەرمۇ ئاجايىپ،...   بۇھەقتە  <ئىگەرلىك ئات> ناملىق كىتابتا تەپسىلى بايانلار بار.....

    (رەسىم -ئازئۇچرايدىغان رەسىم بولغاچقا بويەرگە يۇللاپ قويدۇم.....ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ......)

  • شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنوم رايونى قىزىلسۇ ئوبلاستى  ئاقتۇ ناھىيىسى چىگرىسى پامىر ئىگىزلىكى ئويتاغ ۋە زەرەپشان دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىدىكى قاسراپ رايونىدا بىر تۈركۈم نوپوسى 6 مىڭ ئەتىراپىدىكى قىسمەن تۈركمەن تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغان  ئۆزلىرىنى تۈركمەن دەپ ئاتايدىغان ئەمما كىملىكلىرىگە  ئۇيغۇر ياكى قىرغىز دەپ يېزىلغان كىشىلەر توپى بار بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرىنى  1524 - يىلى  ھازىرقى تۈركمەنىستاندىن ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن  ئون نەچچە ئائىلىلىك تۈركمەن  ئاللاقۇل بەگ باشچىلىقىدا  ھازىرقى ئويتاغ ۋە قاسراپ رايونىغا ماكانلاشقان دەپ ئېيتىدىكەن

  • دۆلىتىمىزدىن ئامرىكىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قابىلىيىتىگە تايىنىپ مللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغانلار ناھايىتى كۆپ. ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئەركىن سىدىق ئاكىمىزمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىكىلەرنىڭ بىر. ئۇ ئامرىكىغا بارغاندىن كېيىن، ئۆز تىلىغا، ئۆز يۇرتىغا ناتۇنۇش بولغان بۇ يۇرتتا تىرىشىپ ئىشلەپ ئۆزىنىڭ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنىڭ يورۇق قىلدى. تۆۋەندە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ ئالدىىقى قېتىم يۇرتقا قايتقاندا شىنجاڭدا بولغان سۆھبەتلىرىنى دوستلار بىلەن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن تورغا يوللاپ قويدۇم.
    دوستلارنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ۋە ئامرىكىدىكى كۆرگەن بىلگەنلىرى بىلەن بىرلەشتۇرۈپ، بىز ياشلارنىڭ قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ ياخشى بولغان چىقىش يولىنى تاپالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. بۇ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى سىن فىلىمغا دىققەت قىلىڭ!! بۇ مەزمۇن ئىلقۇت بلوگىدىن كۆچۈرۈلگەن

  • گەرچە جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئەڭ چوڭ رايۇنىدا موڭغۇل ئېرقىغا تەۋە بولمىغان ‹‹ئورا كۆزلۈك›› ۋە ‹‹قاڭشارلىق›› ئاھالىلەرنىڭ ياشاۋاتقانلىقى نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگولۇقلار بۇ رىياللىقنى قەدىمكى چاغلاردىلا تونۇپ يەتكەن ھەمدە جۇڭگولۇق مۇتەخەسىسلەرمۇ بۇ ئاھالىلەر ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
    جۇڭگولۇق ئارخېئولوگلار شىنجاڭدىن يېڭىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ سۆڭەك ۋە مومىيالىرى ئۈستىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. ئەڭ بۇرۇنقى موميا ۋە سۆڭەكلەر، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى، لوپنۇرغا يېقىن كېلىدىغان ‹‹قەدىمكى قەبرىلەر جىلغىسى››(گۇمۇگۇ)دىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ يىل دەۋرى مۇندىن 3800 يىل ئىلگىرى دەپ قىياس قىلىنماقتا

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | UYGHURBIZ بلوگى