-
2012-03-04
ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى - [ئۇيغۇرلار]
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئولتۇراق ئۆيلىرى، ئادەتتە ئۆگزىسى تۈز، تۆت چاسا كېسەك، ياغاچ قۇرۇلمىلىق بولىدۇ. تەبىئى شارائىت تۈپەيلىدىن، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالى شىنجاڭ ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە شەكلىدە سەل پەرق بار. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، ھۆل-يىغىن مىقداى ئاز بولغاچقا، ئۆي قۇرۇلمىسىدا تورۇسقا ئاز مىقداردا ياغاچ ئىشلەتكەندىن سىرت، تۆت تامنىڭ ھەممىسىگىلا كىسەك ئىشلىتىپ، تورۇسقا تۈڭلۈك چىقىرىلىدۇ
-
2012-03-03
ئۇيغۇرۇم جان ئۇيغۇرۇم - [ئۇيغۇرلار]
ئۇيغۇر بىز
ئۇزاق يىللىق تارىخنى، بېسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز،
ئەجىرلەردىن گۈل كۆرۈپ، شەرەپ قۇچقان ئۇيغۇر بىز،
كۆز يەتمىگەن تاغلارغا، ئىزلار سالغان ئۇيغۇر بىز،
تەن - تېنىدە ئۇيغۇرنىڭ، قېنى ئاققان ئۇيغۇر بىز،
سادىر ھەمدە لۇتپۇلنىڭ، ئەۋلادى شۇ ئۇيغۇر بىز.يەلكىمىزنى تال كەبى، ئەگسىمۇ جۇت – بورانلار،
مەنزىللەرنى ھەر ۋاقىت، توسسىمۇ تاش – قىيانلار،
ئەجىرىمىزنى شام كەبى، ئۆچۈرۈپ ئۆتسە شاماللار،
ياخشى ئىشنى يوق قىلىپ، دوق قىلسىمۇ يامانلار،
كۈلكە بىلەن ئاچچىقنى، تېتىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر بىز -
2012-02-26
كىشىلىك ھاياتتىكى ئادەمنى ئەڭ پۇشايمانغا (پۇشايماندا) قالدۇرىدىغان 25 ئىش - [باشقا مەزمۇنلار]
كىشىلىك ھاياتتىكى ئادەمنى ئەڭ پۇشايمانغا (پۇشايماندا) قالدۇرىدىغان 25 ئىش
ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمىسى
تەرجىمە قىلغۇچى: ھۆرىيەت ئىسمايىل
تەھرىر: ي. م. ئىلقۇتتەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، قانداق بىر ئىش سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بىر كىشىنى، جان ئۈزۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بىر جاننى ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالدۇرالايدۇ؟ ئەگەر سەكرات ئالدىدىكى ئادەم بالدۇرراق ھېس قىلالىغان بولسا ئىدى، بەلكى ئۇنىڭ تۇرمۇشى، ئۇنىڭ ھاياتى باشقىچە بىر خىل بولار ئىدى. يېقىندا «جان ئۈزۈش ئالدىدا پۇشايمان قىلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟» دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە خەتچە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تورداشلارنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى، كىچىككىنە بىر خەتچە قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە تۈمەن مىڭلىغان كىشىلەرنى ئويغا سېلىپ قويدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى، ئامېرىكىلىق سەكرات ئالدىدىكى ئادەملەرگە كۆيۈمچانلىق يەتكۈزگۈچى سېستىرا بوران مەير(博朗尼•迈尔) بولۇپ، ئۇ ئەسىرىدە جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئادەملەرنىڭ ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان 5 تۈرلۈك ئىشى توغرىسىدا توختالغان. بۇ بەش تۈرلۈك ئىشنىڭ ئىچىدە «ئەگەر ئەينى ۋاقتىدا قەيسەرلىك بىلەن ئۆزۈم ياقتۇرغان تۇرمۇشنى تاللىۋالغان بولسام…» دېگەن سۆز بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، «ئەگەر دەسلەپتە زېھنىمنى خىزمەتكىلا قارىتىپ قويمىغان بولسام، پەرزەنتلىرىمنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدىكى خوشاللىقنى، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىمنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنۈشىنى قولدىن بېرىپ قويمىغان بولسام…»، «ئەگەر دەسلەپتە ئۇزاق مەزگىل غەزەپلىنىشىمنى ۋە پاسسىپ كەيپىياتىمنى بوغىۋالماي، قەيسەرلىك بىلەن ئۆزۈمنىڭ تەسىراتىمنى ئىپادىلىيەلىگەن بولسام…»، «ئەگەر شۇ ۋاقىتتا خىزمەت ھەلەكچىلىكىدىلا بولۇپ كەتمەي، دوستلىرىم بىلەن پات–پات ئالاقىلىشىپ تۇرغان بولسام…»، «ئەگەر شۇ چاغدا ئۆزۈمنى <غىلاپ بەندىسى> قىلىۋالمىغان بولسام، باشقىلار ئالدىدا بېكىنىۋالمىغان بولسام، تېخىمۇ خوشالراق ياشاشقا ئىنتىلگەن بولسام…» قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى پۇشايمىنىغا ئايلانغان.
-
2012-02-26
تىلسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى تەبرىكلەيمىز! - [ئىسلام]
-
2012-02-25
ئۇيغۇرتىلىم ئەلۋىدا! - [ئۇيغۇرلار]
-
2012-02-25
دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى - [ئۇيغۇرلار]
ب د ت پەن – مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO ) نىڭ بېكىتىشى بىلەن ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى 2000 – يىلدىن باشلاپ ‹‹ دۇنيا ئانا تىل كۈنى ›› دەپ قۇتلانماقتا. ئېلىمىز جۇڭگودىمۇ بۇ كۈن تۈرلۈك شەكىلدە مول مەزمۇنلۇق خاتىرلەنمەكتە. باشقىچە ئېيتقاندا، بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىل سۈپىتىدە ئەزىزلەيدىغان كىشىلەر ( يەنى ئۇيغۇرلار ) ئۈچۈن << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >> دۇر! نۆۋەتتىكى يازمىمىز دەل << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >> شەنىگە بېغىشلانغان.
تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسى، مىللىي مەۋجۇدلۇقىنىڭ زۆرۈر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى. دۇنيادىكى بارچە تىللار ئوخشاش گۈزەل ۋە بۈيۈك ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھەر مىللەت ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلى ئەڭ مۇقەددەستۇر! -
2012-01-28
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ «ئىز» ناملىق رومانى ھەققىدە - [ئۇيغۇرلار]
-
2011-12-11
ئۇيغۇرلاردىكى شەرمىي-ھايا ئىسراپچىلىقى (ئەختەم ئۇمەر) - [ئۇيغۇرلار]
ئۇيغۇرلاردىكى شەرمىي-ھايا ئىسراپچىلىقى
ئەختەم ئۆمەر
چۇقۇم ئۇقۇپ ئىنكاسىڭىزدا كۆز قارشىڭىزنى يېزىڭ
شەرمىي-ھايا ـ بىر جەمئىيەتنىڭ نازۇك پوستى، بىر مىللەتنىڭ ئېسىل ئەڭگۈشتەرى. ئۇ ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك لىباس، ئۇ ھەرقاندق ئىنساندا تەلتۆكۈس بولۇشى كېرەك بولغان گۆھەر! بۇ يەردە بىز ئاساسلىقى قىز-ئاياللار ھەققىدىلا توختىلىمىز. چۈنكى ھەممە ئائىلىدە قىز-ئاياللار بار، قىز-ئاياللار مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى تۇغقۇچى ۋە يېتىشتۈرگۈچىدۇر!