-
2011-08-28
ئۇيغۇر قىز - خانىملىرىغا نەسىھەتلەر - [ئۇيغۇرلار]
ئۇيغۇر قىز - خانىملىرىغا نەسىھەتلەر
بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان
بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر.
ھۆرمەتلىك سىڭلىم! سىز ئىسلام تەلىماتلىرىنى
ئۆزىڭىزگە يېتەكچى، شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە
ئەمەل قىلماي تۇرۇپ، نىشان قىلغان غايىڭىزغا يىتەلمەيسىز ۋە ئالىي ئورنىڭىز ۋە يۇقىرى
مەرتىۋىڭىزنى ساقلاپ قالالمايسىز. ئىسلام دىنى بولسا سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتكە تولغان مۇھەببەتنى ئورنىتىشقا، بارلىق رەزىللىكلەردىن ساقلاشقا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلالايدۇ.
-
2011-08-28
نېمە ئۇچۇن قىز-خانىملار چېچىنى يۆگەشكە - [ئۇيغۇرلار]
سوئال:نېمە ئۇچۇن قىز-خانىملار چېچىنى يۆگەيدۇ؟ چاچنى يۆگەشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئەگەر ئاياللار چېچىنى يۆگىمىسىچۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاپ:بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا بولسۇن. ئاياللارنىڭ چېچىنى يۆگىشى ئاللاھنىڭ ئەمرى بولۇپ، ئاللاھنىڭ سۆزىگە خىلاپلىق ۋە ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىش، مۇسلىمە ئاياللار ئۇچۇن دۇرۇس بولمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئاياللارغا ھىجابنى پەرز قىلىشى ناھايتى كاتتا بىر ھېكمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاياللارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، ئىپپىتى ۋە شان-شەرىپىنى ئىنسانىي بۆرىلەرنىڭ مەززىلىك بىر لوقما غىزاسىغا ئايلىنىپ قىلىشىدىن مۇھاپىزەت قىلىش ئۇچۇندۇر. بۇ ئىلاھى ھېكمەت ئوچۇق يۇرگەن ئاياللاردا يوق بولۇپ، ئۇلار شەيتانى بۆرىلەرنى ئۆز ئاغزى بىلەن خالىغانچە ئۆزىدىن بەھرىلىنىشكە چاقىرغانلىق بولىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزلىرى بۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدۇ: «بۇنداق قىلغاندا (يەنى ھىجابلانغاندا) ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 59-ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنىڭ بىر قىسمى].
-
2011-08-27
لۇتپۇللا مۇتەللىپ قوللانغان ئىسىم ۋە تەخەللۇسلار - [ئۇيغۇرلار]
لۇتپۇللا مۇتەللىپ قوللانغان ئىسىم ۋە تەخەللۇسلار
ئوتيۈرەك شائىر ،ئىنقىلابىي جەڭچى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۇققۇز يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يىزىپ ، كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئاشۇ مىراسلىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىيەتىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ .
-
2011-08-21
ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچىش بايرىمى - [ئۇيغۇرلار]
ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچىش بايرىمى
(فېلىيەتۇن)بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا بارلىق دوختۇر - سېستىرالارغا جىددىي يىغىن ئېچىلدى .
_ ئالدىمىزدا دۆلەت بايرىمى ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيتى كېلىۋاتىدۇ ، _ دېدى دوختۇرخانا باشلىقى كۆزئەينەك ئاستىدىكى كۆزلىرىنى كۆپچىلىككە تەكشى بىر قېتىم يۈگۈرتۈپ چىقىپ .
_ شۇڭا بۈگۈن دۆلەت بايرىمى ۋە روزى ھېيت جەريانىدىكى پەۋقۇلئاددە ئەھۋالغا قارىتا ھازىر بۇ يىغىننى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز ، ھەممەيلەن قۇلىقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار!
بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيى بولغاچقا ، ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار روزا تۇتتى ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار گەرچە روزا تۇتمىغان بولسىمۇ ، بىراق جامائەت پىكرىنىڭ ئەيىپلىشىدىن قورقۇپ قانغۇچە ھاراق ئىچەلمەي ، ئىچى بەكمۇ تىتىلداپ كەتتى . ھازىر ھاۋا سالقىن ، شۇڭا ئۇلار روزى ھېيت كىرىشى بىلەن مەسچىتتىن يېنىپلا موتسىكىلىت ، ھارۋا ، تېراكتور ۋە ماشنىلارنى بۇلۇشىغا ھەيدەپ ، ئۆيمۇ - ئۆي ، رېستۇرانمۇ - رېستۇران ھېيىتلاشنى باشلايدۇ . ھېيىتلاش دىگىنىمىز قېرىلارغا نىسبەتەن ئورۇق - تۇغقان ، ئەل - ئاغىينىلەرنىڭ بىر داستىخانغا جەم بۇلۇشۇپ ساڭزا يىيىشىنى كۆرسەتسە ، ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارغا نىسبەتەن بىر ئاي جەريانىدا تۇتۇپ كەتكەن خومارى بېسىققۇچە ھاراق ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ. -
2011-08-19
ئۇيغۇرلاردىكى ياغاچ قۇلۇپ _ لوك - [ئۇيغۇرلار]
ئۇيغۇرلاردىكى ياغاچ قۇلۇپ _ لوك
گۈلنار ئابلىمىت (ئارچا)
لوك _ پارىس تىلىدا قۇلۇپ دېگەن مەنىدە بولۇپ،ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن ياسىغان ياغاچ قۇلۇپنى لوك دەپ ئاتاپ كەلگەن. ئۇ چاغدىكى ئىشىكلەرنى ھازىرقىغا ئوخشاش ياغاچتىن قېلىن شال تىلدۇرۇپ، ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ئاساسەن تۈرلۈك نەقىشلەرنى ئويۇپ ياسىغان. بىر تالمۇ پولات مىخ ئىشلىتىلمەيمۇ يەنە شۇنداقمۇستەھكەم، بىجىرىم بولغان. سول تەرەپتە كېشەكنىڭ ئاستى - ئۈستىدە ئۈلگۈجەكبولۇپ، ئىچىدىن دەم بىلەن تاقايدىغان بىر بەلدەم بولىدۇ، بەلدەمنىڭ قېلىنلىقى شالنىڭ قېلىنلىقىدىن پەرقلىق ھالدا بولۇپ تومراق تىلدۇرىلىدۇ. ئۇخلىغان چاغدا بىر دانە دەم بىلەن تاقاپ ياتىدۇ، دەم بەلدەم بىلەن يەرگە تېرىلىدىغان بولۇپ ئۇزۇنلۇقى يەر بىلەن بەلدەمنىڭ ئارلىقىغا تىرەلسە 45گرادۇسلۇق بۇلۇڭ شەكىللەندۈرۈلگەن ئاساستا ياسىلىدۇ، كېچىدە ئىشىكنى ئۆي ئىچىدىن تاقاشقىلا ئىشلىتىلىدۇ، باشقا چاغدا ئىشىكنىڭ ئارقىسىغا قويۇپ قوپيىدۇ. سىرتقا چىققاندا بولسا ئىشىكنى لوك بىلەن تاقاپ قويسا ھەر قانداق ئادەم ئاچالمايدۇ.
لوكنىڭ ئورنىتىلىشى:
ئۆي سالغاندا ئىشىك يېپىلىدىغان تەرىپىگە (ئوڭ تەرەپكە) تامدىن كامار قويۇلىدۇ، كامارنىڭ ئىچىگە لوكنى ئورنىتىۋېتىپ تام ئېتىلىدۇ. لوك ئورنىتىلغاندىن كېيىن قويۇلغان كامار ئەر كىشىنىڭ قولى پاتقۇدەكچوڭلۇقتا بولىدۇ.
لوك قۇرۇلمىسى:
لوكنىڭ ئومۇمى قۇرۇلمىسى لوك تەگلىكى، تاقاق، ئاچقۇچ ۋە لوك ئۈستى (قاپقىقى) دىن شەكىللەنگەن بولىدۇ -
2011-08-15
ئۇيغۇر شەيتان بىلەن سۆھبەت ! - [ئۇيغۇرلار]
ئۇيغۇر شەيتان بىلەن سۆھبەت
مەن ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىش ئۈچۈن ،مەلۇم كۇرستا بىر مەزگىل ئوقۇدۇم. بۇ يەردە ئوخشىمىغان ياشتىكى ۋە ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ھەرخىل كىشىلەر ئوقاتتى.ئۇلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ،ئوقۇش مەقسەتلىرىمۇ ھەرخىل ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقىمۇ ھەرخىل ئېدى. مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ ھەرخىل ئىدىيە قاتلىمىدىكى كىشىلەر توپلانقان يەر بولۇپ،مەدەنىيەت قارىشى جەھەتتە،مەلۇم سۈركىلىش،مۇنازىرىلەردىنمۇ خالى دىگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن،بۇ يەردە خىزمەتچىلەر، خىزمەت كۈتىۋاتقانلار،ئۆسمۈر بالىلار، قارىلار،موللىلار،يازغۇچىلار،سودىگەرلەر،ئۈگىنىشكە ھېرىسمەن دىھقانلار...
-
ئوغۇللار قىزلار بىلەن يۈرگەندىن كېيىن دائىم دەيدىغان گەپلەر
1. سىز بىلەن تونۇشىشتىن بۇرۇن مۇكاپات ئالاتتىم، مانا ئەمدى نەچچە پەندىن ئۆتەلمىگىلى تاسلا قالدىم...
2. ئەگەر مەندە بىر ئالما بولسا، ئۇنى سىزگە بېرىمەن؛ ئەگەر مەندە ئىككى ئالما بولسا، ئەڭ چوڭىنى سىزگە بېرىمەن... (كىم بىلىدۇ، تېخى...)
3. سىز بىلەن تونۇشىشتىن بۇرۇن مەن ھېچقانداق قىز بىلەن يۈرۈپ باقمىغان... (ئەمەلىيەتتە ...)
4. سىز ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا مەندىن ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋالسىز، لېكىن مەن ... بوتۇلكىدىن... (تازىمۇ بىر ساراڭ ئاداش ئوخشايدۇ، بۇ !) -
قىزلارنىڭ كالتە يوپكىسىغا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىكىرى
مەلۇم ئالىي مەكتەپتىكى قىزلاردا قىسقا يوپكا كىيىش بەكلا مودا بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرىنىڭكىدىن بىرىنىڭكى قىسقىكەن.مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇنى كۆرۈپ ئېشىپ كېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، بۇنى چەكلەش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ..بۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە غۇلغۇلا بولۇپ كېتىپتۇ، ئەتىسى مەكتەپ مۇدىرى نۇرغۇن ئىنكاس تاپشۇرۇۋاپتۇ