-
2011-10-17
ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى - [ئۇيغۇرلار]
ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ئابدۇكېرىم ئابلىز 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە تاماملاپ، 1987 - يىلى 9 - ئايدا سابىق شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى درامما فاكۇلتىتى ئاكتىيورلۇق كەسپىنىڭ بىرىنچى قارار تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە تەقسىم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 2007 -يىلغىچە ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2007 - يىلىدىن باشلاپ كىنو - فىلىم پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ ئىجادىيەت ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ. -
2011-10-01
ھۇنلار نەگە كەتتى؟ - [ئۇيغۇرلار]
ھۇنلار تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىركى 3-ئەسىردە باش كۆتۈرۈپ چىققان كۆچمەن چارۋىچى قۇۋم بولۇپ، ئەتىراپىدىكى قەبىلىلەرنى ئۈزلىكسىز سىڭدۈرۋېلىش ۋە قوشۇۋېلىش ئاساسىدا تېزلىكتە قۇدۇرەت تېپىپ، جۇڭگۇنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمەن چارۋىچى ئۇلۇسقا ئايلىنىپ، تۇنجى قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت ھاكىمىيىتىنى قۇرغان ھەم چىن، خەن سۇلالىلىرى زامانىدا غەربىي يۇرتتىكى نۇرغۇن ئەللەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان. ئەمما ،كېيىن تاشقى بېسىم ھەم ئىچكى نىزا سەۋەۋىدىن بارغانسېرى بۆلىنىپ ھەر تەرەپكە كۆچۈپ، خۇددى «يامرىغان كەلكۈندەك»ياۋروپا- ئاسىيا يايلىقىنىڭ تارىخ مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگۇ بىلەن غەرىبنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن
-
2011-09-26
ئۇيغۇر قىزى «چىن مودەن» ھەققىدە - [ئۇيغۇرلار]
تەخمىنەن مىلادى 1907-يىللىرى ، مەنچىڭ خاندانلىقى غەربى دىياردىكى يەرلىك ۋاڭلارنى چارلاپ كېلىشكە بىر باش مۇپەتتىش بېگى ئەۋەتىدۇ. ( بۇ ئەمەل ئەينى زاماندا «چىڭ چەي دارىن» دەپ ئاتىلاتتى ) ۋە قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇتنىڭ داغدۇغىلىق كۈتۈۋىلىشىغا ئېرىشىدۇ..
يالاقچى شامەخسۇت بۇ ئەمەلدارنى ئوردىدا بىرنەچچە كۈن مېھمان قىلىپ ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىدۇ بۇ توڭگۇز ئەمەلدار ئوردىدا ئويناپ زېرىكىپ ، شامەخسۇتقا يېزىغا بېرىش ئارزۇسىنى ئېيتىدۇ.
-
2011-09-26
سالام-سائەتتىمۇ تەتۈرلۈك قىلامسىز؟ - [ئۇيغۇرلار]
سالاملىشىش بولسا بۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن، گۈزەل ئەخلاق كاتىگورىيىسىدىكى بىرخىل ئۆرۈپ ئادىتىمىز بولۇپ، ھازىرمۇ كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشكەندە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تىنىچ ئامانلىق سورىشىدۇ. بىر بىرىگە بەخىت تىلىشىپ، ياخشى كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلىشىدۇ
-
2011-09-24
ئۇيغۇرچە-تۈركچە 500 سۆز ۋە جۈملىنى چۈشۈرىۋېلىڭ! - [ئۇيغۇرلار]
-
2011-09-23
ئاجايىپ ئادەم سۆڭىكى قۇراشتۇرمىلىرى - [باشقا مەزمۇنلار]
بۇ كەڭرى جاھاندا ئاجايىپ–غارايىپ ئىشلار تولۇپ ياتىدۇ ، بەزى كىشىلەر سۆڭەكلەردىن ئاجايىپ سەنئەت بۇيۇملىرىنى قۇراشتۇرۇپ ، كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلدى. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ئۇرۇش، ئەيدىز، نېفىت ، دىن ، قورال–ياراغ ، ‹‹11–سېنتەبىر›› ۋەقەسى... قاتارلىقلار تېما قىلىنغان بۇ قۇراشتۇرمىلارغا ئىشلىتىلگىنى ھەقىقىي ئادەم سۆڭىكىدۇر!
-
2011-09-21
پۇلسىز قىزنىڭ ئولىمى - [باشقا مەزمۇنلار]
پۇلسىز قىزنىڭ ئولىمىئەتىگەن يامغۇرنىڭ شاقىراپ چۈشكەن ئاۋازى بىلەن تەڭ قاباھاتلىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ رىئال دۇنياغا قايتىپ كەلدىم . ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات ناماز ئوقۇغاندىن كىيىن مەرھۇم دوستۇم ساچىدەنىڭ روھىغا ئاتاپ ئىككىركەت ناماز ئوقۇپ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلشىنى ئۇزاق تىلدىم . جەينىمازىن چۈشۇپ باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلاي دىسەممۇ بىراق كىچىدىن بېرىقى چۈش مىنى زادى ئارامىمدا قويمىدى
-
2011-09-09
ئۇيغۇردا پەرزەنت تەربىيىسى تەقەززاسى - [ئۇيغۇرلار]
-بىز نېمە ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىسىگە تەقەززا بولۇپ قالدۇق؟
ئابدۇۋەلى ئايۇپتەقەززالىق ئالامەتلىرى
ۋەتەنگە قايتقاندىن كېين ئادىتىم بويىچە كىتابخانىلارنى ئارىلىدىم. مەزمۇن نوقتىسىدىن ئويلاشقاندا كىتابخانىلاردا مۇۋەپپەقىيەتكە، ساغلاملىققا ۋە پەرزەنت تەربىيىسىگە دائىر كىتابلارنىڭ تۈرى باشقا تۈردىكى كىتابلاردىن جىق ئېدى. يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق يازغان "ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى"، "يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى " دېگەن كىتابلار پۈتۈنلەي سېتىلىپ تۈگىگەنىدى. بۇلارنى كۆرۈپ 2006- يىلى تۈركىيەدىن قايتىپ ئابدۇقادىر جالالىددىن مۇئەللىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەۋسىيسى ئېسىمگە كەلدى. شۇ چاغدا مۇئەللىم مېنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە كىتاب يېزىشىمنى تەۋسىيە قىلغانىدى. ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن يازغان خاتىرىلىرىمدىن ئەڭ كۆپ ئوقۇلغىنى ئامېرىكىدىكى پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى بۆلەك بولدى. "ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار" ئىچىدە ئاتا ئانىلاردىن ئەڭ كۆپ خەت تاپشۇرۇپ ئالغىنىم ئامېرىكىدىكى پەرزەنت تەربيىسى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىم بولدى. دېمەك، بىز پەرزەنت تەربىيىسىگە شۇ قەدەر مۇھتاج، شەيدا، تەقەززا بولدۇق. سەۋەب نېمە؟تەقەززالىق سەۋەبلىرى
بىرىنجى، ئائىلە قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش. 80- يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئائىلە قۇرۇلمىسىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بىرى، ئىككى ياكى ئۈچ پەرزەنتلىك ئائىلىلەر كۆپەيدى، يەنە بىرى، نەچچە ئەۋلاد بىرگە ياشايدىغان جەمەتلىك ئائىلىلەر ئاساسەن ئازايدى. مائارىپنىڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈلىشى ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلەر ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلدۇردى. ئائىلىلەردىكى پەرزەنت سانىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ئاتا- ئانىلاردا پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئىمكانىيىتى يارىتىلدى. "بارلىق تاپقان تەرگەن پەرزەنت ئۈچۈن" دەيدىغان ئاتا-ئانىلار ماددىي تۇرمۇشنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ كۆپەيدى.
ئىككىنجى، ياشاش شارائىتىدىكى ئۆزگىرىش. جوڭگۇنى قاپلىغان بازارلىشىش دولقۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش شارائىتىدا تۈپلۈك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. مەسىلەن، قەۋەتسىز ئۆيلەرنى چېقىپ تاشلاپ بىنالاشتۇرۇش ئەنەئەنىۋى مەھەللىلەرنى ۋە مەھەللىنى بىرلىك قىلغان جامائەتچىلىكنى يوقاتتى. نەتىجىدە مەھەللىنىڭ پەرزەنتلەرنى تەبىئى تۈزەيدىغان مەكتەپلىك رولى ئاجىزلاشتى. جامائەتچىلىكنىڭ يوقۇلىشى ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەشرەپلەر يوقالدى. بۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلەرنى سەنئەت، ئەقىل ۋە ئەخلاقتا نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان بۆشۈك بەربات بولدى.