-
2011-09-26
سالام-سائەتتىمۇ تەتۈرلۈك قىلامسىز؟ - [ئۇيغۇرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/163570324.html
سالاملىشىش بولسا بۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كەلگەن، گۈزەل ئەخلاق كاتىگورىيىسىدىكى بىرخىل ئۆرۈپ ئادىتىمىز بولۇپ، ھازىرمۇ كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشكەندە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تىنىچ ئامانلىق سورىشىدۇ. بىر بىرىگە بەخىت تىلىشىپ، ياخشى كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلىشىدۇ.
باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئۈنلۈك ئاۋازدا«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ، سالام بەرسەك، بۇنىڭ خاسىيىتى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، باشقىلار بىزنىڭ سالىمىمىزدىن بىرخىل سۆيۈنۈش تۇيغۇسىدا بولۇپ، بىزدىن رازى بولىدۇ ۋە ئۇ ئادەم بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە، ئۇلارغا مەيلى ئېھتىياجىمىز چۈشسۇن ياكى چۈشمىسۇن، ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنىمىز. ئوتتۇرىمىزدا بىر خىل يېقىنچىلىق كەيپىياتى بارلىققا كېلىدۇ. بۇ خىل كەيپىياتتىن سىزمۇ رازى بولۇسىز، شۇنداقلا مەنمۇ رازى بولىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى سالاملىشىش بىزنىڭ ئەخلاقىمىزنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىگىگە ھۆكۈم قىلىدىغان ئاساسلىق، شۇنداقلا ئەڭ دەسلەپكى ئۆلچەم بولۇپ، كىشىلەر بىزنىڭ سالام قىلىش ئادىتىمىزگە قاراپلا، بىزنىڭ ئەخلاقىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىگە، بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىگىمىزگە ھۆكۈم قىلالايدۇ.
دىمەك، سالام-سائەت كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىنتايىن موھىم تەرتىپلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، ئومۇمەن ھەرقانداق ئادەم ئۆزىدە ياخشى بولغان سالام قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك. ئەمما بىز جەمىيىتىمىزدىكى سالاملىشىش ئادىتىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش ئادىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، سالاملىشىش جەھەتتىمۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە، يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە زىت كېلىدىغان، تەتۈرلۈك تىپىدىكى سالاملىشىش ئادىتىدىن بىر قەدەر تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مۇنداق بىرنەچچە تۈرلۈك سالاملىشىش ئادىتىنى بايقىيالايمىز:
1. غۇلجىچە قىزغىنلىق. بۇ جەھەتتە غۇلجىلىقلار ئىنتايىن قىزغىن بولۇپ، كۆرۈشۈپلا بىردەمنىڭ ئىچىدە نىمىش قىلىۋاتقانلىقىڭ، رەڭگى روھىڭ، سالامەتلىك ئەھۋالىڭ، ئۇرۇق-تۇققان، جەددى-جەمەتىڭ ئىچىدىكى، يەتمىش پۇشتۇڭنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ئۈلگۈرىدۇ. ئەمما تۈزۈتۈشكە تىگىشلىك تەرىپى سىنىڭ سۆزلىشىڭگە پۇرسەت بەرمەيدۇ ھەم ئۆزى سورىغان سوئالنىڭ جاۋابى بىلەن كارى بولمايدۇ. ئادەمگە رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا سالام بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ.
2. تاما خاراكتىرىدىكى سالاملىشىش. بىر قىسىم كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئاۋال سالام بېرىشىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. ئاۋۋال باشقىلار سالام بەرمىسە ئۇلارمۇ سالام بەرمەيدۇ، باشقىلار سالام بەرگەندىن كېيىن ئاندىن سالام قىلىدۇ. ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئاۋۋال سالام قىلىشىنى تاما قىلىدۇ. تۇنۇش بىلىش تۈگۈل يېقىن كىشىلىرىگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بىرەر يېقىنى بىلەن سالاملاشماي ماڭغاندا نىمىشقا سالاملاشمايدىغانلىقىنى سورىسىڭىز، «ئەينە ئۇمۇ ماڭا سالام قىلمىدى» دەيدۇ.
3. ھاڭۋاقتىلىق تىپىدىكى سالاملىشىش. بىر قىسىم كىشىلەر سالاملىشىشقا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ. يېڭىدىن كۆرۈشكەن كىشىلەرگە سالام قىلىشقا ئېتىۋارسىزلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغاندىن باشقا، سىز سالام بەرسىڭىزمۇ، سالىمىڭىزنى ئىلىك ئالمايدۇ ياكى دىققەت قىلمايدۇ. تۈنۈگۈن گەپ قىلسىڭىز بۈگۈن «ھە» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. تاغدىن گەپ قىلسىڭىز باغدىن سۆزلەيدۇ. ھەمىشە مۇشۇنداق لايغەزەللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سالاملىشىش بولمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان تەرتىپتەك ھىچبىر ئەھمىيەتكە ئىگە بولمايدۇ. ھەتتا كۆرۈشمىگىلى نەچچە ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، خۇددى ھەر كۈنى كۆرۈشۈپ تۇرغاندەكلا گەپ قىلىۋېرىدۇ. سالام قىلمىساممۇ، باشقىلار مەندىن خاپا بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ. بۇنداق ئېرەڭسىزلىك تولىراق ساددا، تۈز مىجەزدىكى كىشىلەردە بولىدۇ.
4. ھاكاۋۇرلۇق تىپىدىكى سالاملىشىش. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولۇپ، بۇنداقلارغا سالام قىلسىڭىز، سالىمىڭىزنى ئىلىك ئالمايدۇ، كۆرۈشمەكچى بولۇپ قولىڭىزنى تەڭلىسىڭىز، گىدىيىپ تۇرۇپ، ئىرىنچەكلىك بىلەن قولىنىڭ ئۇچچىنى ئۇزىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق خوشياقماسلىق، ياراتماسلىق، كۆزگە ئىلماسلىق كەيپىياتىنى كۆرۈپ بىرئاز چېچىلغۇڭىز كېلىدۇ-يۇ، يەنە چېچىلالمايسىز. گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا بۇنداق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كۆرۈشمىگەن ياخشى. ئەمما ئىنسانچىلىقتا كۆرۈشمەيمەن دەپ كۆرۈشمىگىلى بولامدۇ؟
بۇنداق ھاكاۋۇرلۇق تولىراق، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردا، ئەسلى ھاكاۋۇرلاردا، بورۇن نامراتچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىپ، كېيىن باي بولغانلارنىڭ بىر قىسمىدا كۆرۈلىدۇ.
5. تارتىنچاقلىق تىپىدىكى سالاملىشىش. بۇخىل كىشىلەر كۆپىنچە ياۋاش كىشىلەر بولۇپ، باشقىلارنى كۆرگەندە ياۋاشلىقى، تارتىنچاقلىقى تۈپەيلى جىددىلىشىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا سالام بېرەلمەيدۇ. باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىمۇ .ئۈنىنى چىقارماي، باش، چىراي ئىپادىلىرى ئارقىلىق سالاملىشىدۇ. گەپ قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندىمۇ ئۇلاردىن قىلچە ئاۋاز چىقمايدۇ. تىمىقىنى تاتىلاپ ياكى گەدىنىنى قاشلاپ دىگەندەك ئۇششاق ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار دەل مۇشۇنداق ھەركەتلىرى بىلەن باشقىلارغا سەلبى تەسىر بېرىپ، باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنداقتا سالاملىشىشتا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە ئۆرۈپ ئادىتىمىزدىكى سالاملىشىشتىن ئىبارەت جەرياننى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟
1. مەيلى تونۇش كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا بولمىسۇن ياكى ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا بولمىسۇن ئۇلارغا سالام قىلىشقا سەل قارىماڭ. سالام قىلغاندا چوقۇم قىزغىن بولۇشقا، خۇشخۇي، ئوچۇق بولۇشقا، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا دىققەت قىلىڭ. چۈنكى ناتونۇش ئادەملەر بىلەن كۆرۈشكەندە ئەڭ دەسلەپكى 3- 4 سىكونت ۋاقىت ئىنتايىن موھىم بولۇپ، باشقىلار سىزنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتىكى ئىنكاسىڭىز ۋە پوزىتسىيىڭىزگە قاراپلا سىزگە باھا بېرىدۇ. يەنە كېلىپ مۇشۇ باھا بىر ئادەمگە نىسپەتەن ئەڭ ئاساسى باھا بولۇپ، ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا بولۇپمۇ ناتونۇش كىشىلەرگە نىسپەتەن دەسلەپكى 3-4 سىكونت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش ئىنتايىن موھىم.
2. باشقىلارغا سالام قىلغاندا، دىققەت قىلىڭ بۇ ئىنتايىن موھىم؛ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دىگەن سۆزنى چوقۇم ئوڭ قولىڭىزنى مەيدىڭىزگە ئېلىپ تۇرۇپ، ھەممە ئادەم ئاڭلىيالىغىدەك قىلىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا، كۈلۈپ تۇرۇپ دەڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ ئىش تۇتۇڭ.
3. باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە سالام قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلار بىلەن ئايرىلغاندىمۇ خوشلىشىپ مېڭىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. چۈنكى خوشلىشىشنىڭ ئۆزىمۇ سالام جۈملىسىدىندۇر.
4. باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇلاردىن سالام تاما قىلىپ قاراپ تۇرماي، چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن، ئاۋۋال سالام قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. سالامنى تالىشىپ قىلىڭ. ئەمما «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دىسە، سىزمۇ تەڭ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دىمەي، «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەڭ. چوقۇم باشقىلارنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئېلىڭ، ئولتۇرغان ھالەتتە بولسىڭىز چۇقۇم ئورنۇڭىزدىن تۇرۇڭ.
5. سالام قىلغاندا ھاكاۋۇرلۇق قىلىشتىن، ياكى باشقىلارغا شۇنداق تۇيغۇ بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى سىز باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغۇدەك ئۇنچىلىك يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئادەم ئەمەسسىز. بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەككى، ھەرقانداق ئىنساننى ئاللا ياراتقان، ئالەمدىكى جىمى مەخلۇقات، نەرسە-كېرەكلەردىن شۇ ئىنساننى ئۈستۈن ياراتقان بولۇپ، ئىنسانلار ئاللانىڭ يارالمىشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئەزىز بەندىلەردۇر، شۇڭا ئاللانىڭ بەندىلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىققا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يوغانچىلىق قىلىشقا ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق! ناۋادا سىز ئەشۇنداق ھاكاۋۇر ئادەمگە دۇچ كەلسىڭىز، بۇنداق ھاكاۋۇرلۇقنى شۇ ئادەمدىن بۇرۇنمۇ كۆرگەن بولسىڭىز، ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي يەنىلا سالام بېرىڭ. چۈنكى ھېلىقى ھاكاۋۇر ئادەم سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس. پەقەت سىزنى ياراتمايدىغان كىشى خالاس. ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاڭكى، ئەگەر سىز سالام بەرمىسىڭىز سىزدە سالام قەرزى قېپ قېلىپ، كېيىنچە بۇ توغرىدا گەپ بولۇنغاندا، سالام قىلمىدى دەپ گۇنانى سىزگە ئارتىدۇ، سىز ھۆزرە خالىق ئېيتقۇچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالىسىز. ئەگەر سالام-سائەتنى جايىدا قىلسىڭىز سىزدىكى سالام قەرزى ئادا بولۇپ ھۆزرە-خالىق ئېيتقۇچى ئورۇنغا ھېلىقى ھاكاۋۇر چۈشۈپ قالىدۇ.
6. سالامنى خالىس قىلىڭ. سالامنىڭ تىگىگە تاما يۇشۇرۇنمىسۇن. ھاجىتىڭىز چۈشكەندە سالام قىلىپ، ھاجىتىڭىز راۋا بولۇپ بولغاندىن كېيىن، قارىماي كېتىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلىپ سالماڭ. بۇمۇ كىشىلەر ئىناۋىتىدىكى رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك موھىم تەرەپلەرنىڭ بىرسى.
7. ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر ئىش، ناۋادا سىز دۈشمىنىڭىزگە توغرا كېلىپ قالسىڭىزمۇ تېگىشلىك سالامنى بېرىڭ، چۈنكى سىز جازالىغۇچى ئەمەس، ئىنساننى جازالاش ئاللانىڭ ئىلكىدىكى ئىش، بۇنىڭغا ئۇنىمىسىڭىز سىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى ھىچ بولمىغاندا دۈشمىنىڭىز بىلەن ئۇچراشقان ئەشۇ سورۇن سىز دۈشمەنلىشىدىغان سورۇن ئەمەس! شۇڭا تېگىشلىك سالامنى بېرىڭ. بوينىڭىزدىكى سالام قەرىزى ئادا بولۇدۇ.
8. باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ، كۆرۈشكەندە ياكى باشقىلارغا سالام قىلغاندا چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ سالام قىلىڭ. باشقىلار بىلەن كۆرىشىۋېتىپ باشقا ياققا قارايدىغان، قارشى تەرەپكە قارىماستىن باشقا ئادەملەر بىلەن گەپلىشىپ تۇرۇپ كۆرۈشىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلىپ سالماڭ. بىز ناماز-سالاتلاردا دائىم ئۇچرىتىمىز، شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى چىرايىدا ھىچقانداق ئىپادە يوق ھالدا قولىنى چىقىرىپلا تۇرىدۇ، باشقىلار ئۇنىڭ قولىنى خۇددى چامباشچىنىڭ ياغاچ ھەيكىلىنىڭ قولىنى تۇتۇپ قويغاندەك تۇتۇپ قويۇپلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا سىز، ھىچ بولمىغاندا كۆرۈشىۋاتقان ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىگىگە، چىرايىنىڭ قانداقلىقىغا بولسىمۇ دىققەت قىلىڭ. بۇمۇ يۈز-ئابرويىڭىزنى قوغداشتىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك موھىم تەرەپلەرنىڭ بىرسى.
9. باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ، كۆرۈشكەندە ئامال بار قوش قوللاپ كۆرۈشۈڭ. بىر قولىڭىزنى ئىشتىنىڭىزنىڭ يانچۇقىغا تىقىپ تۇرۇپ بىر قۇلىڭىزنى تەڭلەيدىغان، قولىڭىزنى ياغاچتەك قاتۇرۇپ تۇرۇپ كۆرۈشىدىغان ياكى قولىڭىزنى جانسىز ھالەتتە تەڭلەيدىغان قىلىقنى تاشلاپ، قارشى تەرەپ باش بارمىقىنىڭ بېغىشىنى چىڭ تۇتۇپ كۆرۈشۈڭ. بۇ ھەقتە خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ باش بارمىقىنىڭ سۆڭىكى يوقمىش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ باش بارمىقىنىڭ بېغىشىنى چىڭ تۇتۇپ كۆرۈشسە خىزىر ئەلەيھىسسالامنى بايقىۋالغىلى بولارمىش دەيدىغان رىۋايەت بار. سىز مەيلى رىۋايەتنىڭ راست ياكى يالغانلىقىدىن قەتئى نەزەر، قارشى تەرەپنىڭ باش بارمىقىنىڭ بېغىشىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ كۆرۈشسىڭىز، ئۇنىڭغا قىلغان ھۆرمىتىڭىز بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
سالام-سائەت جەريانىدا يۇقارقىلارغا ئەمەل قىلالىسىڭىزلا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ ئەقەللى قائىدىنى مۇئەپپەققىيەتلىك ئىگەللىيەلەيسىز، شۇنداقلا سالام-سائەت جەريانىدا ئۆز-ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز تومۇر-تومۇرلىرىڭىزدىن ئىپادىلىنىپ، ئاللا خالىسا يەتمەكچى بولغان مەقسىتىڭىزگە ئۇتۇقلۇق يېتەلەيسىز.
خوش، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»، بۇ ئاللانىڭ سالىمى. قېنى دوستۇم سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاللانىڭ سالىمىنى بەرمەي، ۋۇجۇدىڭىزدىكى تەتۈرلۈكنى قاچانغىچە داۋاملاشتۇرىسىز؟
历史上的今天:
ئۇيغۇر قىزى «چىن مودەن» ھەققىدە 2011-09-26ئۇيغۇر نانلىرى خەلقئارا بازارغا يۇزلەنمەكتە 2011-09-26
收藏到:Del.icio.us