-
2011-07-18
10 كويلۇق قــــــىـــــز - [مۇھەببەت]
10 كويلۇق قــــــىـــــز
بالام بۇغدايلارنى خامانغا ئەكەپ قويغىلى ئۇزۇن بولدى،پاتراق تىپىتەيلى،بولمىسا يامغۇردا قالسا بىر يىللىق يەيدىغىنىمىز تۈگەيدۇ،ئەمما بۇرۇنقىدەك جاپا تارتساقمۇ تۆمۈر كوڭكىلارغا سالماي يۇمشۇتۇپ،خۇدانىڭ شامىلىدا سورۇپ يەيلى،زىيانسىز كۈچلۈك بولىدۇ،،،،، ---ماقۇل-دادا يىڭى بىر ئۇسۇل تاپتىم،10كويدىن پۇل بىرىپ ماۋۇ دىبادا ئويناۋاتقانلارنى دەسسەتسەك بۇغدايلار تىز يۇمشايىتتى،.. --ياق بالام،پاسىقىنىڭ مەينەتنىڭ ئايقى خامانغا تەگسە بەركەت قاچىدۇ،خىزىر نەزەر قىلمايدۇ،بۇنداق ئاشنى يىگىلى بولمايدۇ،،،،، --دادا دىگىنىڭ توغىرا،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
********************************************************************************************************
6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەزىزانە قەشقەرگە كەلدىم،28-چىسلا كەسپى سالاھىيەت ئىمتىھانى بىرىدىغان ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن،قەشقەرگە 20نەپەر ئىمتىھانغا قاتناشقۇچى بىللە كەلگەن ئىدۇق،ياتاققا جايلاشتۇق،ئاندىن تاماق يەپ بولۇپ سەگدىگىلى چىقتۇق،جىق ئادەم باريەردە گەپمۇ جىق بولىدىكەن،قەشقەرلىق بىر باشلىقمىز بولىدىغان،يەكەنگەكەلگەندە خىلى چىقىشىپ قالغان ئىدۇق،ئۇ كۈتىۋاكىمەن دەپ ئۇنىمىساق ئۇنىماي 6-7مىزنى باشلاپ ماڭدى،ئەگەشتۇق،چۈنكى (بىز مۇھىم ئىشمىز بولسىمۇ ناخشا-مۇزىكا-ئۇسۇل دىسە جاننى ئاتايمىز)مىڭىپ (ئوۋچى)دىباغا كىردۇق.(سىلەر مىنى بۇنداق يەردە پوق يەمدىغاندۇ دەپ قالغانسىلەر،بەلكىم،،تەكشۈرمىگەن كىشىنىڭ پىكىر بىرىش ھوقۇقى يوق،شۇڭا كۆرۈپ باقاي دەپ)بۇ كۈنى كىچىلىك پائالىيەتكەن،ئىشك ئالدىغا كەلسەك 8-10 قىز تۇرۇپتۇ،شۇنداق چىرايلىق،كىچىك قىزلار ئىكەن، بىز مىڭىشىمىزغا قىزلاردىىن بىرى مىنى تۈيۈقسىزلا تارتتى،----ئاكا،سىزمۇ دىباغا كىرەمسىز؟-- -ھە .. ئەمىسە بىزنىمۇ ئەكىرسىڭىزچۇ؟ نىمە دىيىشمىنى بىلەلمەي،ھەم ئۇشتۇمتۇت بۇنداق گەپنى ئاڭلىغىنمغا ياخوش بولۇشنى ياخاپا بولۇشنى بىلمەي تۇرسام ئۇ قىز يەنە گەپ باشلىدى، -پەقەت 10 كويلا بەلەت ئالىدۇ،چىداڭە،بىز نى ئەكىرىپ قويسىڭىز سىز بىلەن بىللە تانسا-ئۇسۇل ئوينىشىپ بىرىمىز،زىرىكىپ قالمايمىز، بۈگۈن كىچىچە ئاچىدۇ،تازا ئوينايمىز،بولۇڭە باشلاپ بولدى مۇزىكىنى،ئاران چوڭلاردىن سوراپ چىققاندا،ۋاقىتنى ھارام قىلمايلى،ماقۇل دەڭە ئاكا،، مەن ماقۇل بولدۇم،بىز كىردۇق،بىللە كەلگەنلەر باشقا قىزلارنى ئەكىرىپ بوپتىكەن،جايلاشتۇق،دىمىسىمۇ شوخ قىزلاركەن مۇزىكا چىقىپ بولغىچە ئولتۇرالماي ئەرلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تارتىپ سورۇننى جانلاندۇردى،باشقا گەپنى دىمەيلا قوياي،ئوينىغان ئۇسۇلىدىن،مىللى پۇراقنىڭ ئەسىرىمۇ يوق،خۇددى بۇرۇنلاردا خامانغا قاتىدىغان خامان كالىسىنىڭ ئۆزى،<دىسكو> دىيىشى بىلەنلا ئىش باشقىچە،قىزلارنىڭ بىلىدە سۆڭەك يوقمىكىن دەپ قالدىم،خۇددى كالاڭ بولۇپ قالغان ئىشەك ھارۋىسىنىڭ چاقى،بىرەر سائەتتىن كىين يىنىپ ياتاققا كەلدىم،ئۇيقۇم قاچتى،نۇزۇگۇم ماڭا كۆرۈندى،مەن ئۇنىڭغا قارىيالمىدىم،،،
-
2011-07-18
100%لىك سۆيگۈ مەكتۇپى سالام خەتنى مۇنداق يازغۇلۇق - [مۇھەببەت]
100%لىك سۆيگۈ مەكتۇپى سالام خەتنى مۇنداق يازغۇلۇق
قېنى يىگىتلەر سانلىق رەقەم 1دىن 100گىچە پايدىلىنىپ ، سۆيگۈنۈڭلارغا سۆيگۈ خېتى يېزىپ باققانمۇ ؟ قىزلار سىلەرمۇ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش 1دىن 100 گىچە سانلىق رەقەمدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان سۆيگۈ مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ باققانمۇ؟ ئەگەر يېزىپ باقمىغان ياكى تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسىڭىز ، نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى بىر يىگىتنىڭ جانانىغا يازغان 100 % لىك سۆيگۈ مەكتۇبىدا بولسۇن.......... سۆيۈملۇك جانان! سىزنى بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالدىم . ئىشىنىڭكى ئىككىنچى بىرسىگە قارىمايمەن . بۇ مېنىڭ ئۈچ كېچە-كۈندۇز ئويلۇنۇپ بەرگەن ۋەدەم . چۈنكى سىزنىڭ كەينىڭىزدىن تۆت قېتىم ئوغۇرلىقچە مېڭىپ ، كىشىنى رام قىلدىغان بەش ئەزايىڭىزغا مەپتۇن بولۇپ ، ئالتە قېتىم ھوشۇمدىن كەتتىم . يۈرىكىم ھەر دەقىقىدە يەتتىدىن سەككىزگىچە سوقىدۇ . ئارىلاپ -ئارىلاپ نەپسىم توققۇز سىكونىت توختاپ قالىدۇ . ئەگەر مەن ئون نۇمۇرغا لايىق بولسام ، سىزنىڭ ئون بىردىن كۆپكە ئېرىشىشڭىزدە گەپ يوق . ئاز بولغاندىمۇ ئون ئىككىگە لايىقسىز . مەن ئون ئۈچ رەقىمىگە ئۆچ ، ئون تۆتنى بىرەي دېدىميۇ ، ئەقىللىق كاللىڭىز ۋە لاتاپىتىڭىزنى ئويلاپ ئون بەش ، ئون ئالتىگىمۇ رايىم بارماي ئون يەتتىنى بېرىشنى قارار قىلدىم