بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2011-11-26

    مۇسۇلمانلار نېمىشقا ئىتتپاقلىشالمايدۇ؟ - [ئۇيغۇرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/176898860.html

    ئىسلام دىنى ئىتتپاقلىقنى تەششەبۇس قىلىدۇ، بىراق مۇسۇلمانلار نېمىشقا ئىتتپاقلىشالمايدۇ؟
    1. ھازىرقى زاماندىكى ئىسلام ئەللىرى ئۆز ئارا جېدەللىشىش،پارچىلىنىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتىدۇ، بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.ئەمما بۇ پەقەتلا بىر تارىخى باسقۇچ بولۇپ،ئۇنى ھەر قانداق بىر مىللەت مۇشۇ تارىخى باسقۇچ جەرىيانىدا ئوخشاشلا باشتىن كەچۈرىدۇ، شۇڭا، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەڭگۈ مۇشۇ ھالەتتە قېلىپ قالىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۆز ئارا جېدەللىشىش ۋە مالمانچىلىق قىلىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئاخىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت مۇقىمسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مۇسۇلمان ئەللىرى كېلەچەكتە ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇسۇلمان جامەئەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نەتىجىلىك ھەمكارلىشىش سېستىمىسىنى بەرپا قىلالايدۇ.
    بۇ جەھەتتە مۇسۇلمانلار ئاللىقاچان ھەركەتلىنىشكە باشلىغان ھەمدە زور تىشچانلىق كۆرسەتكەن. مەسىلەن، بارلىق مۇسۇلمان ئەللىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىسلام ئەللىرى يىغىنى تەشكىلاتى بۇنىڭ روشەن مىسالىدۇر.گەرچە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك بولسىمۇ،ئەمما بۇتەشكىلات باشقا ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشتە ھەيدەكچىلىك رول ئوينىيالايدۇ،ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئىسلام تەلىماتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىش،ھەمكارلىشىش،باردى –كەلدى قىلىشىش ئىشلىرىنى يېققىن كېلەچەكتە جارى قىلدۇرالايدىقانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
    2.ئىسلام دىنى ئۆزىنىڭ تەلىماتلىرىدا ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى تەرغپ قىلىپ، بۆلىنىش، زىددىيەتلىشىشكە قارشى تۇرىدۇ .بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ‹‹ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار.››( سۈرە ئال ئىمران103-ئايەت) دېگەن ئايىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن:‹‹مۆمنىلەر بىر بىرىگە رەھىمدىل بولۇشتا،بىر–بىر بىلەن دوستلىشىشتا، بىر –بىرىگە ياردەمدە بولۇشتا ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن بەدىنىگە ئوخشايدۇ، ئىنسانىنڭ بىر ئەزاسى ئاغرسا بىر پۈتۈن بەدىنى بىئارام بولىدۇ ۋە قىزىيدۇ.››(بۇخارى رىۋايىتى). دېمەك،باشقىلارنىڭ ئەلەملىرىگە يار –يۆلەكتە بولۇش ۋە ئۇنى ئازايتىشقا تىرىشىش، مۇسۇلمان ئۈممىتىنى بىر پۈتۈن بەدەندەك دەپ قاراش ئىسلام دىنىنىڭ ئالىجاناپ روھىدۇر. ئىسلام دىنى ئىنسانلاردىكى ئەقىدە بىرلىكىنى قېرىنداشلىق بىرلىكى يۈكسەكلىكىدە قارايدۇ: ئالاھ تائالاھ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹مۆمىنلەر ھەقىقەتەن(دىندا) قېرىنداشلاردۇر.››(ھۇجۇرات سۈرىسى 10-ئايەت)
    پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارىلارنى بىر ئۈممەت قىلغان، شۇنىڭ ىلەن ئۇلار ھالاۋەت - مۇشاققەتتە خۇددى قېرىنداشلاردەك بىر-بىرىگە ياردەمدە بولغان. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتە ناھايتى كۆپ بايان قىلىنغان.
    3.ھازىرقى زاماندا، مۇسۇلمانلارنىڭ تىرقىلەرگە بۆلىنىشىگە سەرەبچى بولىدىغاب بىر مۇنچە تاشقى ئامىلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق سەۋەب،مۇستەملىكچىلەرنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىشىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇستەملىكچىلىكى ئاياغلاشغاندىن كېيىن، بىر مۇنچىلىغان مەسىلىلەر ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى. مەسىلەن،ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارا چېگىرا مەسىلىسى بۇنىڭ روشەن مىسالىدۇر. چەتئەل كۈچلىرى پارچىلاش ئارقىلىق باشقۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ،مۇستەملىكىدە قالغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىچى قىسىمىدا زىددىيەت پەيدا قىلدى. تېخىمۇ خەتەرلىكى،چەتئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى بۇ دۆلتنىڭ بايلىقلىرىنى زورلۇق بىلەن تالان-تاراج قىلىپ، ئۇلارنى كەمبەغەللىككە ۋە زاماننىڭ ئارقىدا قېلىشقا ئېلىپ باردى.شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار بۇگشنگە قەدەر ئۇنىڭ زىيىنىنى تارتىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىسلام ئەللىرى ھازىرغا قەدەر مۇستەملىكچىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن زىيان-زەخمەتنىڭ زەرەرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
    4.مۇسۇلمانلار مۇستەملىكچىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن مۇشكۈلاتلارنى بىر تەرەپ ىلشقا جان-جەھلى بىلەن كىرىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىسلام دىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ، ھەمكارلىشىشى تەلىماتلىرىغا ئېتىبار بېرەلمەي قالغان.
    ئەمما ئىسلام ئەللىرى ئۆزىنىڭ كۈچ- قۇۋۋىتىنى قايتىدىن تېپىشقا، بارلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ خەيرىيىتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرشىتىشكە تىرشماقتا.ھەر قانداق بىر ئىسلام دۆلىتىدىكى مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەلەملىرىگە يار يۆلەكتە بولماقتا ھەمدە ئۇلارنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ تەركىبى قىسىمى دەپ قارىماقتا. بۇ ئىسلام ئەللىرىنىڭ قايتىدىن ئىتتىپاقلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ئاساس يارىتىپ بەردى.ئۇلارنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد ،مەدەنىيەت ۋە جەمىئىيەت ئامانلىقى ساھەسىدە ئۆز-ئارا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى،پىكىر ئالماشتۇرۇسى ناھايتىمۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئامانلىقىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
    دوكتۇر مەھمۇد ھەمدى زەقزۇقنىڭ ‹‹ئىسلام دىنىغا بولغان خاتا چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋالايلى›› ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى.
    تەرجىمان: ئادىل ھاجى كېرەم


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى