بايلىق: توردا پۇل تاپقىڭىز بارمۇ؟ مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى توردا پۇل تىپىش توربىتى قىنى تىزىملىتىپ توردا پۇل تىپىشنى باشلاڭ.

  • 2011-11-26

    تاماكا بۇلۇتىنىڭ تەركىبىدە چوشقا قېنى بار ! - [باشقا مەزمۇنلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/176900522.html

    تاماكا بۇلۇتىنىڭ تەركىبىدە چوشقا قېنى بار !  

    چوشقا قېنى تاماكىنىڭ بۇلۇتىغا قوشۇشتىن ئىلگىرىلا ئىسلام دىنى پەتىۋا كومىتىتى ئاللىقاچان تاماكىنى ھارام دەپ قارىغان .لېكىن چوشقا قىزىل قان ئاقسىلى يەنە قايسى سانائەتلەرگە ئىشلىتەر ؟چوشقا قىزىل قان ئاقسىلى ئەمەلىيەتتە 185تىن ئارتۇق مەھسۇلاتقا ئىشلىتىلىدىكەن .بۇنىڭ ئىچىدىكى تاماكا
    توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى مەلۇماتنى كۆرۈپ باقايلى. ئاۋۇستىرالىيەنىڭ (كۈندىلىك پوچتا گىزىتى)Daily Mail Reporter بىر گىزىتىدە :  سىمون چاپمان ئىسىملىك بىر پىروففىسسور دىنى ساھەگە چوشقا چوشقا قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ سىگارتنىڭ (قاپلىق تاماكا) سۈزگۈچىدە بايقالغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش  
    بەرگەن .بۇ پىراففىسسورنىڭ دىيىشىچە بارلىق بۇلۇتلۇق تاماكىلارنىڭ بۇلۇتىدا چوشقا قېنىدىن ئايرىۋېلىنغان قىزىل قان ئاقسىلى بار ئىكەن .بۇ پىراففىسسورنىڭ دىيىشىچە چوشقا قىزىل قان ئاقسىلى يەنە تاماكىدىن باشقا 185دىن ئاتۇق سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىغا قاتنىشىدىكەن  
    چوشقا قىزىل قان ئاقسىلى تاماكىدىكى زىيانلىق خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ سۈزۈشتە ئەڭ ياخشى ماتىريال ئىكەن .دىنى ھىسياتى كۈچلۈك ئىسلام مۇرتلىرى ۋە يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى پىروففىسسورنىڭ بۇ <بايقىشىغا> يېقىندىن ئالاھىدە دىققەت قىلىۋېتىپتۇ .  لېكىن بۇ تەتقىقاتقا ھەر قايسى تاماكا شېركەتلىرى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمەپتۇ .ھەم تاماكا تەركىبىنى  تولۇق ئېلان قىلىشقىمۇ پاسىپ پوزۇتسىيەدەبولۇپتۇ .لېكىن گىرىتسىيەنىڭ بىر تاماكا شېركىتى تاماكىنىڭ بۇلۇتىغا چوشقا قىزىل قان ئاقسىلىنى ئىشلتىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىپتۇ .  پىروففىسسور بايانىدا بارلىق چوشقا يىمەيدىغان دىندىكىلەر يەنى ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنىدىكىلەر  بۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى .

    تاماكىنى ھارام دېسە چېكىۋەرگەنتىڭلار، ئەمدى تەركىبىدە چوشقا قېنى بار دېسە يەنە قانچىلىكىڭلار تاشلايسىلەر شۇ نىجىسنى. بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەزىز تەننى قەدىرلەپ تاماكىدەك نىجىستىن يېراق بولىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.   

    مەنبە:  guhar.biz


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى