-
2011-11-27
<< ئۇيغۇرلارغا خەنزۇچە 维吾尔 نامىنى بېرىش >> توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن خاتىرە - [ئۇيغۇرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/177033864.html
1934-يىلى شىنجاڭنىڭ ئاھالە نۇپۇسى 4 مليۇن بۇلۇپ، ئۇيغۇرلار 60 پىرسەنتىنى ئىگەللەيتى. شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار گەرچە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلسىمۇ ، ۋاھالەنكى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار 缠头 { چەنتۇ } دىگەن بىھۆرمەت سۆز بىلەن ئاتلاتتى. بۇ نام چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدىكى 缠回 { چەنخۇي} دىگەن نامدىن كەلگەن.
<< جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشما >> قۇرلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي { 1943-يىللىرى} شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە باپ كىلدىغان مۇۋاپىق خەنزۇچە نام بىرىش ئۈچۈن ، بىر قېتىم يىغىن ئېچىلدى. يىغىنغا : بورھان شەھىدى ، جاڭ يىۋۇ ، خې يۈجۇ ، شۈليەن ، كاڭ بىڭلىڭ ، ۋاڭ لىشى ،ۋاڭ يەنلىڭ ،چېڭ دوڭبەي ، گو شىلىڭ ،لاڭ داۋخېڭ ، سۈي جېمېي ، قاتارلىقلار ۋە ھەرقايسى مىللەتلەردىن بولغان ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار قاتناشتى . ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلاردىن قاتناشقانلارمۇ ئاز ئەمەس { ئەپسۇسلىنارلىقى قاتناشقانلارنىڭ ئسمى يىللارنىڭ ئۈتىشى بىلەن ئىسمدىن كۈتۈرلىپ كىتپتۇ } . يىغىندا يولداشلار : ئۇيغۇرلار { 维吾尔 } ئەسلى << Uyghur >> دەپ ئاتلىشى لازىم ئىدى. لېكىن سوڭ سۇلالىسىدىن بۇيانقى تارىخ نامىلەردە 回纥، 回纥، 畏吾尔 دەپ ئاتلىپ كەلگەن. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە 缠回{ چەنخۇي} دەپ ئاتلىپ ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. شۇڭا ھۆرمەتلەش يۈزسىدىن مۇۋاپىق نام بىرىش { تەرجمە نام } كىرەك دىگەن مۇھاكىمىلەر بولدى. يىغندا بەزىلەر ئەسلىدىكى Uyghur سۈزنى خەنزۇچە 威武儿 دىگەن خەتلەر بىلەن ئپادىلەشنى ئوتتۇرغا قويدى. شۇ ۋاقىتتا يىغىنغا قاتناشقان شۇ لىيەن :威武儿 { ۋىي ۋۇئېر } دىگەن خەتلەرنى قوللىنىشقىمۇ بولدۇ . بۇ مۇشۇ مىللەتنىڭ << ئالىي جاناپ، جاسارەتلىك ۋە تەڭرىنىڭ ئامراق پەرزەنتى >> ئىكەنلىكىنى بىلدۇردۇ ، ئۇنىڭدىن كۈرە 维吾尔{ۋىي ۋۇئېر} دىگەن خەتلەر بىلەن ئىپادىلسەك تېخىمۇ ياخشى ، بۇ ھالدا { 维 } ۋېي _ ھىمايە قىلىش ، {吾} ۋۇ _ بىز ، ئېر { 尔 } _ باشقا مىللەتلەر دىگەن مەنىنى ئۇقتۇردۇ . يەنى ئۇ بىزنىڭ چوڭ ئائىلدىكى _ شىنجاڭدىكى بارىلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ، ئىناق مۇناسىۋىتى ، ئىتپاقلىشىپ بىرلىكتە شىنجاڭنى قۇرۇش ، شىنجاڭنى قوغداش ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇپ ، جۇڭگۇنى ئازاد قىلىش مەنىسىنى بىلدۇردۇ ، دىگەن تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى. كىيىن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق : 维吾尔{ۋىي ۋۇئېر} دىگەن ئۈچ خەت ھەم شىنجاڭدىكى بارىلىق مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكى ، تىنىچلىقتا بىللە ئۈتۈش ، ئۆز-ئارا يارىدەم قىلىش ، بىرلىكتە شىنجاڭنى قۇرۇش ، بىردەك ئىتپاقلىشىپ جاھانگىرلىكنى يۇقتىپ ، جۇڭگۇنى ئازاد قىلىشتەك مەناغا ئىگە ، ھەم بۇنۇڭدا ھەرگىزمۇ چوڭ مىللەتچىلىك شاۋ نىزمى ۋە تار يەرلىك مىللەتچىلىك تۈسى يوق . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سۆز مۇۋاپىق بۇلدۇ ، دىگەن پىكىر بىرلىككە كېلىندى . شۇنىڭ9 بىلەن كۆپچىلىك بىردەك Uyghur نامنى خەنزۇچە 维吾尔{ۋىي ۋۇئېر} خەتلىرى بىلەن ئىپادىلەشكە قۇشۇلدى، بۇ ھەم ھازىرغىچە قوللىنىپ كېلىنمەكتە .
收藏到:Del.icio.us