A-A+

كەھرىۋانى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش

2017-يىل 15-ئىيۇن جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 167 قېتىم

ئەخەت ئىمىن

436457568

كۆزىتىش. كەھرىۋا يۇمشاق سۈزۈك بولۇپ، كەھرىۋانى ئوخشىمىغان يۆنىلىشتە كۆزەتكەندە ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى كەھرىۋالار ئىچىدە ئۇششاق ھاشارات ياكى ئۆسۈملۈك پارچىلىرى بولىدۇ. تەقلىد قىلىپ ياسالغان ساختا كەھرىۋا ناھايىتى سۈزۈك ياكى بەكلا تۇتۇق بولىدۇ، رەڭگىمۇ تەبىئىي ئەمەستەك سېزىم بېرىدۇ. تەقلىد قىلىپ ياسالغان ساختا كەھرىۋا ئىچىدىكى شار كۆپۈكچىلىرى بېسىلىش تەسىرىدىن ئۇزۇنچاق بولۇپ قالىدۇ، تەبىئىي كەھرىۋادىكى شار كۆپۈكچىلەر دۈگىلەك بولىدۇ.

سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش. كەھرىۋانىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى.08 1 بولۇپ، قولىڭىزغا ئالسىڭىز ناھايىتى يەڭگىل بىلىنىدۇ، تويۇنغان تۇز سۈيىدە لەيلەيدۇ. تەقلىد قىلىپ ياسالغان ساختا كەھرىۋانىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى تويۇنغان تۇز سۈيىنىڭكىدىن يۇقىرى بولغاچقا، تۇز سۈيىدە لەيلىمەي چۆكىدۇ.

432564367

قىزىتىش ياكى قىزىق يىڭنە بىلەن سىناش. چاقماق بىلەن كەھرىۋانى قىزىتقاندا كەھرىۋادىن دېۋىرقاي يېلىمىنىڭ پۇرىقى چىقىپ كەھرىۋانىڭ رەڭگى قارىدايدۇ. يىڭنىنى قىزىتىپ كەھرىۋاغا سانجىپ قىزىقىدا يىڭنىنى تارتىۋالسىڭىز يىڭنىدىن قارا ئىس چىقىپ دېۋىرقاي يېلىمىنىڭ پۇرىقى چىقىدۇ. ئەگەر يىڭنىدىن ئاق ئىس چىقىپ يالتىراقنىڭ سېسىق پۇرىقى چىقسا، بۇ تەقلىد قىلىپ ياسالغان ساختا كەھرىۋادۇر. يەنە يىڭنىنى تارتىۋالغاندا يىڭنە ئۇچىدا ئېرىپ يىڭنىگە چاپلىشىپ قېتىپ قالغان بولسا، بۇمۇ تەقلىد قىلىپ ياسالغان كەھرىۋادۇر. بۇ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى تەجرىبە بولۇپ، بۇنى سىز كەھرىۋانى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن قىلىشقا بولمايدۇ.

ئاۋازىدىن سىناش. كەھرىۋا مارجاننى قولىڭىزغا ئېلىپ بوش ئۇۋۇلاپ مىدىرلاتسىڭىز كەھرىۋادىن بىرخىل ئادەمنى غەش قىلىدىغان ئاۋاز چىقىدۇ. ئەگەر يالتىراقتىن ياسالغان ساختا كەھرىۋا بولسا ئاۋازى بىرقەدەر زىل چىقىدۇ.

قاتتىقلىقىنى سىناش. يىڭنە بىلەن كەھرىۋانى سىزغاندا، ناھايىتى ئۇششاق تالقانسىمان ئۇۋاقلار چىقىدۇ. ئەگەر قاتتىقلىقى ئوخشاش بولمىغان يالتىراق ياكى باشقا ماددا بولسا ئۇنى يىڭنە بىلەن سىزالمايسىز ياكى يىڭنە كەھرىۋاغا چاپلىشىپ قالغاندەك سېزىم بېرىدۇ، ھەتتا يىڭنە كەھرىۋاغا سانجىلىپ قالىدۇ.

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى 

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ