ئەڭ كۆپ ئالماسقا ئېرىشكەن ئايال ئىمپىراتور
بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئۈستى-بېشىغا ئالماس زىبۇ-زىننەت تاقىۋالغان يېكاتېرىنا
ئىمپېراتور يېكاتېرىنا 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدە ياۋروپا ۋە ئاسىيادىن ئىبارەت 2 قىتئەگە كېڭەيگەن، زېمىن تەۋەلىكى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىمپېرىيەنىڭ بىردىنبىر ئايال پادىشاھى ئىدى. دۇنيادىكى ھەممە ئايال ئالماسنى ياخشى كۆرىدۇ دېگەندىمۇ ئۇنى دۇنيا بويىچە ئالماسقا ئەڭ ئامراق ئايال دەپ قاراشقا بولاتتى.
ئۇنىڭ ئالماسلىرى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ قويۇلغان. ئۇنىڭ 17-ئەسىرگە تەۋە بىر كىتابى بار بولۇپ، كىتابنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان مۇقاۋىسىغا 3071 دانە ئالماس قويۇلغان. بىر نەچچە ئەۋلاد خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ توختىماي يىغىشى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئالماس ئامبىرى قىممەت باھالىق ئالماسلار ئەڭ كۆپ يىغىلغان جايغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ئالماستىن 3ى بار ئىدى. سۈرەتتە، يېكاتېرىنا 2نىڭ خانلىق تاجى.
ئۇ ئالماسقا سەۋدايىلەرچە ئامراق بولۇپ، ھەر كۈنى قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاسونىمۇ يېڭىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئالماسلارنىڭ كېسىلىشى ۋە قويۇلۇشىغا بولغان تەلىپىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، رۇسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇستا ئالماس كەسكۈچىمۇ يېكاتېرىنا 2 دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن.
بىر دانە چوڭ ئالماس پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ھەيران قالدۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدىغان مۇشۇنداق پەيتتە بىر نەچچە دانە ئالماس قويۇلغان بۇيۇملار تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. يالتىراپ نۇر چېچىپ تۇرغان بۇ خان تاجىنى ئالماسلار جەمگاھى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئۇنى 1762-يىلى ئوردا ئۈنچە-مەرۋايىت ئۇستىسى يېكاتېرىناغا مەخسۇس ياساپ بەرگەن بولۇپ، ئۈستىدىكى 10 نەچچە دانە ئالماس ياۋروپادىكى بىر قانچە پادىشاھنىڭ تاجىدىن ئېلىۋېلىنغان. ئۇ ھۈنەرۋەن بۇ تاجغا 4936 دانە، ئېغىرلىقى 2858 كارات كېلىدىغان ئالماس قويغان بولۇپ، بۇ تاجنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 1907 گرام كېلەتتى.