قىممەتلىك ‹‹ئالماس›› تۇخۇم
بىر يۈرۈش ئۆيگە يارايدىغان، 910 تال ئالماس قويۇلغان ئەڭ قىممەت «تۇخۇم»
تېڭشۈن تورى 29-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەشەم بۇيۇملار تور بېكىتى VeryFirstTo ۋە لوندون ئۈنچە-مەرۋايىت سودىگىرى مارتىن جېففىرىس بىرلىكتە ھەشەمەتلىك ئاق ئالتۇن ئالماستىن ياسالغان پاسخا بايرىمىلىق رەڭلىك تۇخۇمنى بازارغا سالغان. پاسخا بايرىمىلىق بۇ رەڭلىك تۇخۇمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەتتىكى شاكىلات شارچىدەك بار، باھاسى نەچچە مىڭ ھەسسە. ئۇنىڭ باھاسى 215 مىڭ فوندسىتېرلىڭ (تەخمىنەن 1 مىليون 860 مىڭ يۈەن) بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى بىر يۈرۈش ئادەتتىكى ئۆينىڭ باھاسىغا باراۋەر.
بۇ «تۇخۇم» 18K ئاق ئالتۇندىن ياسالغان، ئەتراپىغا 910 تال ئالماس قويۇلغان بولۇپ، قۇتىدەك ئاچقىلى بولىدۇ، ئىچىدە ئىككى 18Kلىق ئالتۇن رامكا بار.
بۇ ھەشەمەتلىك تۇخۇمنى ھەشەم بۇيۇملار تور بېكىتى VeryFirstTo بىلەن لوندون ئۈنچە-مەرۋايىت سودىگىرى مارتىن جېففىرىس بىرلىكتە ئېلان قىلغان، كۆپ خىل رەڭلىكى بار، ئاق ئالتۇن ئالماس تۇخۇمدىن باشقا، يەنە قىزىل ياقۇت تۇخۇم ۋە كۆك ياقۇت تۇخۇممۇ بار.
VeryFirstTo تور بېكىتى قۇرغۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ چىرايلىق زىننەت بۇيۇمى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭغا يەنە بىر تال ئالتۇن زەنجىر قوشۇلغان بولۇپ، ئۇنى دەرھاللا ۋالىلداپ تۇرىدىغان بىر تال ئاسما زەنجىرگە ئايلاندۇرىدىكەن، ھەقىقىي ئالىي دەرىجىلىك زىننەت بۇيۇمى ئىكەن.
ئۇ تولۇقلاپ: «مەن ئىنتايىن مودا ئۇسۇلدا بىر تال تۇخۇمنى ئىپادىلەشكە تىرىشتىم. چۈنكى تۇخۇم ناھايىتى قىممەتلىك نەرسە، ئۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى. بىزنىڭ لايىھەمىز ئۇنى ھاياتلىق، ئىناقلىق، تىنچلىق، مۇھەببەت قاتارلىقلارنىڭ سىمۋولى قىلىپ ئىپادىلىدى» دېدى.