A-A+

9000 يىللىق قەدىمى تاش ئۆي بايقالدى

2016-يىل 8-سېنتەبىر غەلىتە تاش باھا يوقكەن زىيارەت: 215 قېتىم

ئاۋسترالىيە ئارخېئولوگلىرى 9000 يىللىق قەدىمىي تاش ئۆينى بايقىدى

20160907060313810

جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- سېنتەبر خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى

ئاۋسترالىيە تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارخېئولوگلار ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىي قىسىمىغا جايلاشقان دەمپىر تاقىم ئارىلىدا ئاۋسترالىيە بۇيىچە ئەڭ قەدىمىي تاش ئۆينى بايقىغان بولۇپ، يېقىندا ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ بايقاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان، ئۇلار كېيىنكى نەچچە ئاي ئىچىدە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تاش ئۆيلەر 8-9 مىڭ يىللىق تارىخقا ئېگە ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ئەڭ قەدىمىي تاش ئۆي دەمپىر تاقىم ئارىلىدىكى روسمېرىي ئارىلىدا بايقالغان. غەربىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى ماكدونالد 6- سېنتەبر مۇنداق دېگەن: ئۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ چوڭ، ئۆز پېتىچە ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي مىراسلارنىڭ بىرى، ئۇ غايەت زور ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت قىممىتىگە ئېگە.

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ