A-A+

ئېلىمىز بۇ كان ئارقىلىق 2 مىليارد قەرزنى قايتۇرغان

2017-يىل 19-ئاپرېل جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 100 قېتىم

شىنجاڭدا 60 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ياقۇت ئازگىلى بار. 68 خىل ياقۇت ساقلاغلىق، ئەڭ ئېغىرى 30 نەچچە توننا كېلىدۇ.
«گېئولوگىيەلىك قېزىلما بايلىق مۇزېيى»، «ياقۇت ئازگىلى» دەپ ئاتالغان كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق خاڭ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى 50 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، بايلىقى مول.
كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق خاڭنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 60 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خاڭ ھېسابلىنىدۇ.

سۈرەتتە: ياقۇت ئازگىلىنىڭ ئابىدە چۈشەندۈرۈلۈشى 

猎豹截图20170419203525كۆكتوقاي «ياقۇت ئازگىلى» ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى بايقالغان، ئەينى چاغدا كۆپىنچە خاڭنىڭ سىرتىنى قېزىش ئارقىلىق تۇرمالىن، بېرىل قاتارلىق ياقۇتلار قېزىپ چىقىلغان. 50-يىللاردا دۆلەت خاڭ رايۇنىنىڭ ئىچىدىن لىتىي، بېرىللىي، مولبىدىن، رۇبىدىي، سېزىىي،گافىنىي، ئۇران، تورىي قاتارلىق 70 نەچچە خىل ئاز ئۇچرايدىغان كان بايلىقلىرىنى بايقاپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق كان تۈرى قاتارىغا كىرگۈزگەن. كان ئىشچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 مىڭدىن ئارتۇق بولغان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ بۇنىڭغا قاتناشقان.

سۈرەت: نەق مەيداننى قېزىش كۆرۈنۈشى

猎豹截图20170419203659 بۇ «گۆھەر ئازگىلى» دا يەنە لەنشى دېڭىز ئۈنچە مەرۋايىت تاش كانى، رۇخسارىگۈل تېشى، ئانار تاش، نېلۇپەر تېشى قاتارلىق 86 خىل مىنېرال ماددىلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارغا مەلۇم بولغان پايدىلىق مىنېراللار تۈرى 60 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ.

سۈرەت: ھەر خىل ياقۇتلاردىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرى

猎豹截图20170419203742 بۇ «گۆھەر ئازگىلى» دىن 16 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كۆك گۆھەر، 17 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى سېرىق قاشتېشى، 60  كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى تانتال-نئوبىي يەككە كرىستال كېنى، 500 كىلوگرام ئېغىر كىرىستال پارچىسى، 12 توننا ئېغىرلىقتىكى ئانار تېشى، 30 توننا ئېغىرلىقتىكى بېرىل كىرىستال قاتارلىقلار قېزىۋېلىنغان.

猎豹截图20170419203822

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى ئېلىمىز جوڭگۇ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ قالغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلىمىزدىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە 5 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى تاشقى قەرزنى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان، جوڭگۇ كۆكتوقاي «ياقۇت ئازگىلى»دىكى ئاز ئۇچرايدىغان كان مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق قەرزنى تۆلىگەن، جەمئي قايتۇرۇلغان قەرز 2 مىليارد يۈەندىن كۆپ بولغان.

سۈرەت: گۆھەر ئازگىلىنىڭ ئاستىغا سۇ يىغىلىپ قالغان كۆرۈنۈش

猎豹截图20170419203905

ياپونىيەنىڭمۇ 3-نومۇرلۇق خاڭغا قىزىقىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ قىيىنچىلىق مەزگىلدە بىر جىڭ ئاشلىققا بىر جىڭ داشقال ئالماشتۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى، داشقالنىڭ ئارىسىغا تېخى ئىنسانلار بايقىمىغان ھەم تاۋلاشقا ئامال بولمىغان مەلۇم مېتاللار بار بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

سۈرەت: گۆھەر ئازگىلىنىڭ قىش پەسلىدىكى كۆرۈنۈشى

猎豹截图20170419204106

بۇ «گۆھەر ئازگىلى» نىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن تۆھپىسىنى ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، جۇڭگونىڭ «ئىككى بومبا بىر سۈنئىي ھەمراھ » مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، گۆھەر ئازگال تەمىنلىگەن لىتىي، بېرىللىي، تانتال، نىئوبىي، سېزىىي قاتارلىقلارغا تايانغان.

猎豹截图20170419204204

بۇ خاڭنىڭ دائىرىسى غايەت چوڭ بولۇپ، رۇدىلارنى ئۈسكۈنە  ئارقىلىق توشۇماستىن بىۋاسىتە ماشىنىدا توشۇغان. ماشىنا تاغ ئايلانما تاشيولى ئارقىلىق رۇدىلارنى توشۇغان. تاغ ئايلانما تاشيولى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ «گۆھەر ئازگىلى»دا ياراتقان مۆجىزىسى ھېسابلىنىدۇ.

猎豹截图20170419204250

يېقىندىن بۇيان، مەدەنىيەت ساياھەت قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەردىكى شىنجاڭ «گۆھەر ئازگىلى»نىڭ چۈمبىلى ئېچىپ تاشلاندى، گۆھەر ئازگال ئەمدى سىرلىق بولماي قالدى. «گۆھەر ئازگال»نى مەدەنىيەت كەسپىنى دۇنياغا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ «گۆھەر ئازگال»نىڭ  بايلىقى ۋە گۈزەللىكىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  مەنبە: ئالمىزار سالونى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ