جاۋاھىرات خانىم-قىزلارغا نېمە ئاتا قىلىدۇ؟
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
(سۈرەتلەرگە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر فوتوگىرافلىرىمىز تارتقان ئۇيغۇر تويلۇق سۈرەتلىرى ئىشلىتىلدى)
1 . قىممەت باھالىق جاۋاھىرات ( ئۈنچە - مەرۋايىت ) تاقايدىغان خانىم-قىزلار قازان بېشىدا ئاز يۈرۈيدۇ .
چۈنكى جاۋاھىرات تاقايدىغان خانىم-قىزلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاللىبۇرۇن مۇستەققىل بولۇپ بولغان بولۇپ ئۇلارنىڭ قازان بېشىدا يۈرۈپ تاماق ئېتىشى ئاساسەن بىھاجەت .
2 . جاۋاھىرات تاقايدىغان خانىم-قىزلار لاتاپەتلىك ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كېلىدۇ .
جاۋاھىرات تاقاپ ، ئۆزىنى تۈزەپ يۈرۈيدىغان خانىم -قىزلار ئۆزىگە ناھايىتى ئىشىنىدۇ . ھەتتاكى نەرسە-كېرەكلەرنى ئېلىش-بېرىش قاتارلىق ئۇششاق ئىشلاردىمۇ قىلچە بىخەستىلىك قىلمايدۇ . ئۇلار جاۋاھىراتلارنى سۇرۇنغا ماسلاشتۇرۇپ تاقاپ ئۆز سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى ، سېھرى كۈچى ، لاتاپىتى دەل جاۋاھىراتتىن كېلىدۇ .
3 . جاۋاھىرات تاقايدىغان خانىم-قىزلارنىڭ كۆزى سۆزلەيدۇ .
جاۋاھىرات ئاتا قىلغان ئىشەنچ ، گۈزەللىك ، سالاپەت ، لاتاپەت ۋە سېھرى كۈچنىڭ تەسىرىدىن جاۋاھىرات تاقاپ يۈرۈيدىغان خانىم -قىزلارنىڭ كۆزلىرى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولىدۇ ، كۆزلىرى سۆزلەپ تۇرىدۇ.
4 . جاۋاھىرات تاقايدىغان خانىم-قىزلارنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسى يۇقىرى.
ئاددەتتىكى قىزلار پاراڭلاشسا گىرىم بۇيۇملىرى ، داڭلىق ماركا .... قاتارلىق تۇتامى يوق پاراڭلارنى قىلىشىپ ئولتۇرىدۇ . جاۋاھىرات تاقايدىغان خانىم - قىزلارنىڭ پاراڭ تېمىسى بولسا پۇل تېپىش ۋە پۇل خەجلەش . ئۇلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاتا-ئانىسىغىمۇ يۆلەنمەيدۇ ، ئۆز ئالدىغا پۇل تېپىپ ئۆزى ياقتۇرغان جاۋاھىراتلانى سېتىۋالىدۇ .
5 . جاۋاھىرات تاقايدىغان خانىم-قىزلار ئۆزىنى سۆيىدۇ .
جاۋاھىرات تاقايدىغان خانىم-قىزلار ئۆز سالاپىتىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ ، ئائىلە ئاياللىرىغا ئوخشاش ئۆزىنى تاشلىۋەتمەيدۇ . يېڭى دەۋىرنىڭ خانىم-قىزلىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار ئۆزىنى ئاسرايدۇ ، ئۆزىگە كۆيۈنىدۇ .
مەنبە : 百度经验 تورى
2016-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى