ياقۇت دۆلىتى سىرلانكىغا نەزەر
سىرىلانكا بىر باي دۆلەت. بۇ يەردە مول ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقى بولۇپلا قالماستىن يەنە، ھەر مىنۇت توختىماي ئۆسۈپ تۇرىدىغان ساياھەت پېرىۋوت كىرىمى بار، يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ تۇرغان ياقۇت تېخىمۇ داڭلىق. ئۇنداقتا بىز ئۇلارنىڭ قۇملۇقتىن قانداق ئالتۇن ئىزدەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
راتناپۇرە سىرىلانكىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ كىچىك شەھەر تاغ بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ، يەر شەكلىدىن قارىغاندا خۇددى بىر ‹‹ئېچىلىڭ داستىخىنىم›› غا ئوخشايدۇ. كولومبودىن راتناپۇرەگە بېرىش يولىدا، تاغلاردىن ئەگىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ، يېقىن ئەتراپتا بولسا شاللىق ۋە قۇيۇق ئورمانلىق بار. كىشىلەر بۇ يەردىن ئۆتكەندە پاكار كەتكەن كەپىلەرنى كۆرىدۇ، ناۋادا ئۇنىڭ بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىشى بولسا بۇ يەرنى قىممەت باھالىق ياقۇت بىلەن باغلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇ يەر ھەقىقەتەن ھازىر ياقۇت كولاۋاتقان ياكى ئاللىقاچان تاشلىۋېتىلگەن يەر.
ياقۇت سودىسى بۇ شەھەرنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى، شۇنداقلا سىرىلاندىكىدىكى ئەڭ چوڭ ياقۇت سودىسى قىلىدىغان بازار ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئىچىدە ھەر خىل تۈرلىرى ئېنىق ئايرىلغان ياقۇت بازارلىرى بولۇپ، مەسىلەن، سىلىقلانمىغان ئالماس دېگەندەك… بۇ يەردە يەنىلا ئەڭ داڭلىقى كۆك ئالماس بىلەن قىزىل ئالماس بولۇپ، ئۇلار ياقۇت دۆلىتىدىكى پادىشاھ بىلەن خانىش ھېسابلىنىدۇ.
ياقۇت ئەسلىدىنلا بىر زىننەت بۇيۇمى، نېمىنى ياخشى كۆرسە، سېتىۋېلىپ تاقىۋالسىلا بولىدۇ. ئەپسۇس قىممەت باھالىق نەرسىلەرنىڭ ئالدىدا، ئادەملەر ھەمىشە ئاچكۆز كېلىدۇ، شۇنداق بولغاندا سېررالىئوندىكى ‹‹قان بىلەن بويالغان ياقۇت›› مەيدانغا كەلگەن. گەرچە بۇ دۆلەتنىڭ %90 زېمىنىدا ئالماس چىقىدىغان مەنبە تاش بولسىمۇ، سىرىلانكا يەنىلا ئاسىيادىكى ئىچكى ئۇرۇش ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان دۆلەت بولۇپ قالغان.
تىپتىنچ چايزارلىق، دېڭىز ساھىلىغا ئوخشاشلا، بۇ يەردە ياقۇت كەڭ تارقالغان بولغاچقا، سىرىلانكىدىكى ياقۇت بىلەن قالايمىقانچىلىق، قانلىق ۋەقەلەرنىڭ مۇناسىۋىتى يوق دېيەرلىك، چۈنكى سىز خالىغان يەردە تەلىيىڭىزنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
راتناپۇرەگە بېرىپ بىر نەچچە تال ياقۇت سېتىۋېلىش سىزنىڭ بۇ قېتىم سىرىلانكىغا بېرىشتىكى بىر مەقسىدىڭىز بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يەردە ياقۇتنىڭ باھاسى ئەرزان بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ يەردە سېتىۋالغان ياقۇتنىڭ سۈپىتى ياخشى. ئەمما سىز بۇرۇن ياقۇتنى كۆرۈپ باقمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ، ھېچنىمىگە ئەرزىمايدىغان بىر نەچچە تال تاش پارچىسىنى سېتىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.
مەنبە : نۇر تورى