30 مىڭ دانە ئالماستىن تەركىب تاپقان غەلىتە تاش
بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
رۇسىيىدىكى بىر ئالماس كېنىدا يېقىندا بىر نەپەر كان ئىشچىسى كەم ئۇچرايدىغان بىر پارچە غەلىتە تاشنى قېزىپ چىققان بولۇپ، سىرتقى قىسمى قىزىل، يېشىل رەڭدە كۆرۈنىدىغان بىر پارچە رودا تاش ئىكەن، ئەمما بۇ ئۇزۇنلۇقى پەقەت 3 سانتىمېتىر كېلىدىغان غەلىتە رودا تاشنىڭ ئىچىدە 30 مىڭ دانە كىچىك تىپتىكى ئالماس ساقلانغانلىقى بايقالغان بولۇپ، زىچلىقى ئادەتتىكىدىن 1 مىليون ھەسسە چوڭ ئىكەن. بۇ كەم ئۇچرايدىغان غەلىتە تاش رۇسىيىنىڭ شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن داچنايا ئالماس كېنىدىن قېزىپ چىقىلغان. بۇ غەلىتە تاشنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر دانە كىچىك ئالماسنىڭ ھەجىمى پەقەت بىر مىللىيمېتىر كېلىدىكەن، شەكلى سەككىز يۈزلۈك بولۇپ خۇددى ئىككى ئېھرامنى جۈپلەپ قويغاندەك كۆرۈنىدىكەن.
بۇ رودا تېشىنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى قىزىل، يېشىل رەڭلەر بولسا garnet،Olivine ۋە pyroxene قاتارلىق كىرىستاللاردىن ھاسىل بولغان ئىكەن.
بۇ غەلىتە تاشقا يوشۇرۇنغان ئالماسلار بەك كىچىك بولغاچقا، ئۇلارنى زىبۇ-زىننەت قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن، پەقەت پەن-تېخىكا تەتقىقاتى ئۈچۈنلا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. گەرچە ئىنسانلار تەجىربىخانىدا ئالماسنى ياساپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما تەبىئىي ئالماسنىڭ يەر پوستىدا قانداق ھاسىل بولىدىغانلىقى تېخىچە بىر سىر ئىكەن.
مەنبە : نۇر تورى