زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ قىممىتى نەدە؟
سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
قارىماققا ناھايىتى ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان بەزى مارجانلارنىڭ باھاسى تولىمۇ يۇقىرى. ئادەتتىكى بىر ماتېرىيال ئىش قوشقاندىن كېيىن باھاسى بەزىدە 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىغا ئايلىنىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر نېمىشقا قارىماققا ئادەتتىكىلا نەرسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە قىممەتلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. ھالبۇكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ قىممىتى ئادەتتە ئىش قوشۇش ئۈنۈمى، ئېسىللىقىنىڭ نامايان بولۇشى ۋە نەپىس قول ھۈنىرىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت.
تېلېۋىزوردىكى كۆرۈنۈشتە دەرەخلەر بىلەن قورشالغان، ئەزىز مېھمانلار بىلەن تولغان ۋېست مىنىستىر چېركاۋى نامايان بولدى. خان جەمەتى توي مۇراسىمىغا بۇ مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ئېسىلزادىلەردىن بولۇپ، كىيىۋالغانلىرى مودا دۇنياسىدىكى پۈتۈنلەي قول بىلەن تىكىلگەن، سالاپىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان ئاجايىپ نەپىس كىيىملەر ئىدى. ھەممە كىشىلەرگە دېگۈدەك تونۇش بولغان مودا كىيىم ساھەسىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك ماركىلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغانىدى. يۇقىرى ئۆلچەمدە قولدا تىكىش، خۇسۇسىي تىككۈچى، جەمەتنىڭ خاس لايىھەلىگۈچىسى، خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە تەمىناتى... بۇ ھەرگىزمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا مۇنازىرە قىلىنىدىغان قىزىل گىلەم ئەمەس. بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مۇھىت ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇشنىڭ تىپىك ناماياندىسى.
ئەڭ قىممەتلىكى يەنىلا ۋاقىت
سانائەت ئىنقىلابىنىڭ دولقۇنى كەلگۈسىدە ھەرقانداق مۇرەككەپ ۋە قولدا ياسالغان نەرسىلەرنى سۈپۈرۈپ كېتىپ قولدا ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى بىباھا بويۇمغا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر ئەڭ داڭلىقى خېرمىس (Hermès) بولۇپ، ماركا مەدەنىيىتىدە ئىزچىل تۈردە «ۋاقىت ئەڭ قىممەت»لىكىگە ئىشىنىپ كەلدى. ھەمدە «بىر خۇرۇم سومكىنى ئاز ساتساقمۇ سىپتا مال ئىشلەيمىز» دېگەن ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ شىركەت ئىشلىگەن ھەر بىر خىل خۇرۇم سومكا خېرىدارنىڭ ئۆزى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ چىققان ئەلا سۈپەتلىك خۇرۇم ۋە رەڭگىگە ئاساسەن، كۆپ قېتىملىق سىناق ۋە زۆرۈر بولغان رەڭ تەڭشەشتىن كېيىن تەجرىبىسى مول بولغان قول ھۈنەرۋەنلەر خېرمېسنىڭ مەخسۇس «ئېگەر كەشتىلەش ئۇسۇلى»نى قوللىنىپ تىكىدۇ. يەنە بىر قول ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن داڭ چىقارغان ماركا بوتتىگاۋېنتا (Bottega Veneta) بولۇپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا شىركەتنىڭ لوگوسى يوق. شۇڭا ئۇسلۇبى تولۇق ۋە ئۆزگىچە بولغان «كەمتەرلىك شاھى» دەپ نام ئالغان. بوتتىگاۋېنتا قول سومكىسىدا گەۋدىلىك بولغىنى دەل كۆزنى قاماشتۇرىدىغان پۈتۈن توقۇلما كۆن-خۇرۇم، ھەممە يېرىدىن ئېسىل سالاپەت ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش بالقىپ تۇرىدۇ. بۇ بەلگە خاراكتېرلىك توقۇلما خۇرۇم نۆۋەتتە ئاللىقاچان داڭلىق ماركىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى. چۈنكى بۇ خىل گىرەلەشتۈرۈلۈپ توقۇلغان خۇرۇمغا بەك جىق ۋاقىت ۋە ھۈنەر كېتىدۇ.
كىمنىڭ ھۈنىرى ئېسىل بولسا شۇنىڭ ئىشى ئوڭ
زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ كۈنسېرى خەلقئارالىشىش ۋە كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغان ھۈنەر بىلەن بىر زىننەت بۇيۇمىغا بەزىدە نەچچە يۈز سائەتتىن نەچچە مىڭ سائەتكىچە ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ. ھەر قايسى نازۇك قىسمىغا دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك ماتېرىيال ئىشلىتىش ۋە ئەڭ ئېسىل ھۈنەر-سەنئەت بىلەن ماشىنىدا ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ كۈچلۈك زەربىسى ئاستىدا، فىرانسىيەنىڭ بۇرۇنقى گۈللەنگەن قول ھۈنەرۋەنچىلىكى كۈنسېرى خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.
كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەنگىنى كەلگۈسىدىكى داڭدارغا ئايلىنىدۇ.
قولدا ياسالغان بۇيۇملارنىڭ قىممىتى دەل ئىنچىكە ھالقىلىرىغا قويۇلغان كەسكىن تەلەپ بىلەن داۋاملاشتۇرۇش روھى. ئاياغنى ۋەكىل قىلغان خۇرۇم بۇيۇملارنى بۇيرۇتۇپ ياسىتىش ئەنە ئاشۇنداق ھەقىقىي ئاقسۆڭەكلەرچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بولۇپ، (Salvatore Ferragamo) قولدا ئىشلىنىدىغان خۇرۇم ئاياغلارنىڭ ۋەكىللىك ماركىسى.
زادى قانداق ئاياغ ئەڭ ياخشى؟ Salvatore Ferragamo بىزگە مۇنداق دەيدۇ: «مەڭگۈ پۇتقا خوپ كېلىدىغان ئاياغ ئەڭ ياخشى ئاياغ ». ئۆزگىچە لايىھە تۇيغۇسىدىن باشقا، خۇرۇم ئاياغ ياساشتا ھەقىقىي قىممەتكە توختايدىغىنى موزدۇزنىڭ ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان تېخنىكىسىدۇر. فىررامىگونىڭ ئەڭ مۇھىم كوزىرى شۇكى ئاياغ تىكىش ھۈنىرىنى پەقەت شىركەتنىڭ ئىچكى تارماقلىرىدا ئۆگىتىشتە چىڭ تۇرىدۇ. ھەربىر جۈپ Tramezza نۇسخىسىدىكى ئاياغنىڭ يۈزىگە ئەڭ ئېسىل خۇرۇم، ئىچىگە تېيىلىشتىن ساقلىغۇچى تەتۈر يۈزلۈك خۇرۇم ئەيلىنىدۇ. پاشنىسى ۋە ئاياغ پېتىكى قىسىمى تەبىئىي ماتېرىياللاردىن ئىشلىنىپ ئاياغنىڭ يۇمشاق، راھەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ھەمدە مۇھىت ئاسرايدىغان يېپىشتۇرغۇچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. ئاياغ بۇيرۇتۇپ ياساش ھۈنەر-سەنئىتى ئىنتايىن چىگىش ۋە مۇرەككەپ. ھەربىر جۈپ ئاياغنى ئىشلەشكە 10 كۈن كېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بەش كۈن ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ئاياغ قېلىپى ياساشقا كېتىدۇ. ئاياغ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن جەمئىي 134 باسقۇچتىن ئۆتىدۇ. ئەمما شۇنداق ئىنچىكە ۋە مۇرەككەپ بولۇشىغا قارىماي فىررامىگو يەنىلا ئەڭ ئاخىرقى تىكىش پەردازلاشقىچە بولغان بارلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىدە ھازىرغىچە قولدا ياساشتا چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە.