
ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسى شايار ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ، ئېنىق ئورنى ھازىرقى 74 - نومۇرلۇق نېفىت قۇدۇقى جايلاشقان قۇملۇق ئىچىدە. ئالتۇن قەدىمكى شەھەر خارابىسىنىڭ ھازىرچە ساقلانغان قالدۇق سېپىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 مېتىرچە، ئەڭ ئىگىز جايلىرى تۆت مېتىرچە كېلىدۇ. بۇ قەدىمكى شەھەر ئۈچ قات سېپىل بىلەن قورشالغان. تاشقى سېپىل قۇم ئاستىدا قالغاچقا، ئورنىنى پەرق ...