جاھاندا بىر زىرە قاش
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجىمىسى
بېيجىڭ شاڭپىن رۈيبو كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتى جۇڭگۇدىكى كەڭ خوتەن قاش ھەۋەسكارلىرىنىڭ جاھاندا بىر دەپ تەرىپلەنگەن بۇ خوتەن زىرە قاشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ،2014 -يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ 3-نۆۋەتلىك گۈزەل زىرە قاشلارنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش كۆرگەزمىسىگە بۇ زىرە قاشنى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇردى.
<< جاھاندا بىر >> دەپ تەرىپلەنگەن بۇ زىرە قاشنىڭ داڭقىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان قاشتېشى ھەۋەسكارلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ئالاھىتەن كېلىپ بۇ گۈھەر قاشنى كۆردى (بۇ زىرە قاشنى كۈرۈش ئۈچۈن دىيارىمىزدىن مەخسۇس كەلگەنلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس ) ۋە جۇڭگۇنىڭ يۈز مىليونلۇق دۆلەت گۆھىرى بولغان تۆت غەلىتە تاشمۇ بۇ جاھاندا بىر كۆز ھۇزۇر قاشنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدىكەن دەپ تەرىپلەشتى.
جاھاندا بىر دەپ تەرىپلەنگەن بۇ كۆز ھۇزۇر قاش يۈرۈڭقاش دەرياسىدىن سۈزىۋېلىنغان بولۇپ، ئېغىرلىقى ئون گرام ، ھەجىمى 2.8*1.8*1.4 سانتېمېتىر كېلىدۇ.بۇ زىرە قاشنىڭ زىچلىقى ناھايىتى يۇقۇرى، مايلىق،ئەۋرىشىم، ئۆز چاپان بولۇپ ،مۇتەخەسسىلەر بۇ زىرە قاشنى ناھايىتى يۇقىرى سەنئەت،تەتقىقات،ھۇزۇرلۇنۇش،ئىقتىساد ۋە يىغىپ ساقلاش قىممىتىگە ئىگە دەپ قارىدى ۋە بۇ زىرە قاشنىڭ يۈرۈڭقاش دەرياسىدىن سۈزىۋېلىنىشىنى خوتەن قاشگەرلىكىدىكى بىر مۆجىزە دەپ تەرىپلەشتى.
بۇ زىرە قاشنى كۆرگەنلىكى ئادەم بۇ زىرە قاش كىمنىڭ يېنىدا بولسا شۇ تىنچ-ئامان بولىدۇ،چەكسىز بايلىققا ئېرىشىدۇ،بالايى-قازادىن يىراق بولىدۇ..... دەپ تەرىپلىگەچكە ،ھەتتا ئاجايىپ سىرلىق ئىلاھىي تۈس بەرگەچكە ئىگىسى بۇ ئەتىۋارلىق گۆھىرىنى سېتىشنى خالىمايلا قالماستىن پائالىيەت جەريانىدا ئۆزىنى،ئىسمىنى ئاشكارلاشنىمۇ خالىمىدى.شۇڭا بۇ زىرە قاشنى سېتىش مۈمكىنچىلىكى بولمىدى.
مەنبە : جۇڭگۇ خوتەن قاش تورى