جۇڭگۇدىكى سەككىز چوڭ قاش-تاش بازىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 3)
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى
中国八大玉器市场
1.نەنياڭ قاشتېشى بازىرى
河南省南阳市玉雕大世界
كۆلىمى 23 مو كېلىدىغان بۇ بازار 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،ئاساسلىقى قاشتېشى،قاشتېشى ئويما،رەسىم،ساپال،گۈزەل-سەنئەت بۇيۇملىرى سېتىلىدۇ.
2.شىيۈۋيۈەن قاشتېشى بازىرى
辽宁省鞍山市岫岩县岫岩玉器市场
لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شىيۈۋيۈەن ناھىيەسىدىكى بۇ قاشتېشى بازىرىدا شىيۈۋيۈەن ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان شىيۈۋيۈ قاشتېشى سېتىلىدۇ.شىيۈۋيۈەن ناھىيەسىدىكى 500 مىڭ ئادەمدىن 60 مىڭدىن كۆپرەكى قاشتېشى ئېلىپ-سېتىش،ئۇيۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
3.پىڭجۇ قاشتېشى بازىرى
广东省佛山市平洲玉器街
گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرى خەينەن رايۇنىغا جايلاشقان پىڭجۇ قاشتېشى بازىرى ئاساسلىق كۆكتارغاق قاشتېشى سېتىلىدىغان بازار بولۇپ ،بۇ بازارنىڭ ئۆزىدە قاشتېشى ئويمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 1000 ئائىلە،8000 دىن كۆپ دۇكانچى بار.مەزكۇر بازاردا ھەر يىلى 5000 توننا كۆكتارغاق قاشتېشى سېتىلىپ ،يىللىق سودا سوممىسى ئىككى مىلياردتىن ئاشىدۇ.ھازىر بۇ بازار دۆلەتنىڭ تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت ئورنى بۇلۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
4.ياڭمېي قاشتېشى بازىرى
广东省揭阳市阳美村阳美玉都
بۇ بازار گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى جېياڭ شەھىرى ياڭمېي كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ 1905-يىلى قۇرۇلغان.كەنىتتە 550 ئائىلىلىك،1500 دىن كۆپ دۇكانچى بار.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ بازارنىڭ سودىسى ياخشىلىنىپ ،شىياڭگاڭ قاشتېشى بازىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ <<سۈپەتلىك قاشتېشى>> بازىرىغا ئايلانغان.
5.سىخۇي قاشتېشى بازىرى
广东省四会市四会玉器街
سىخۇي قاشتېشى بازىرى-گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى سىخۇي شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ ،پۈتۈن بازارنىڭ ئۇزۇنلىقى 500 مېتىر كېلىدۇ.يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا 500 دىن كۆپرەك دۇكان بولۇپ،ھەر بىر دۇكان ئوتتۇرچە 10 كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ.دۇكانچىلاردىن سىرت كۈندە 1000 ئەتراپىدا ئادەم يايما يايىدۇ.بۇ بازاردا ماللارنىڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزان بولغاچقا گۇاڭجۇ خۇالىن قاشتېشى بازىرىدىكى سودىگەرلەرمۇ مۇشۇ بازارغا كېلىپ قاشتېشى سېتىلىدۇ.
6.شىپوسى قاش-تاش بازىرى
河南省南阳市镇平县石佛寺镇
شىپوسى-خەلقئارادىكى ئەڭ-چوڭ قاش-تاش بازىرى بولۇپ،بازار قۇرلىشىغا سەككىز مىليون خەجلەنگەن.بازارنىڭ كۆلىمى تۆت مىڭ كۋادىرات مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ ،سەككىز كىچىك بازاردىن تەشكىل تاپقان.(بازار قۇرلۇشىنى جۇڭگۇدىكى داڭلىق لاھىيلىگۈچى جاۋبىڭ لاھىيلىگەن)
بازارغا كۈندە 5000 ئەتراپىدا خېرىدار كېلىدىغان بولۇپ ،پۈتۈن دۇنيادىكى سەرخىل قاشتېشىنىڭ ھەرخىل تۈرلىرى تېپىلىدۇ.قاشتېشىدىن سىرت بۇ بازاردا يەنە غەلىتە تاش،ئاسارە-ئەتىقە،رەسىم،ساپال،مۈڭگۈز.....قاتارلىق ھەرخىل سەنئەت بۇيۇملىرى سېتىلىدۇ.بازارنىڭ كۈندۈلۈك سودا سوممىسى ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ.شىپوسى-جۇڭگۇنىڭ قاش-تاش ئويمىچىلىق،سودا،ئۇچۇر،ئوبرۇت مەركىزى.شىپوسىدا ھازىر قاش-تاش موزىي قۇرۇلىۋاتقان بولۇپ ،بۇ موزىي پۈتسە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ قاش-تاش موزىيى بولۇپ قالغۇسى.
7.تېڭچوڭ قاشتېشى بازىرى
云南省保山市腾冲县腾冲玉雕城
تىڭچوڭ ناھىيەسى تىڭچوڭ قاشتېشى بازىرى جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ كۆكتارغاق قاشتېشى بازىرى بولۇپ،ناھىيىنىڭ ئۆزىدە قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 100 دىن ئارتۇق كارخانا،600 دىن كۆپ ئويمىچىلىق ئائىلىسى،ئون مىڭدىن كۆپ دۇكانچى بار.بۇ بازاردا ھەر يىلى 200 مىليون سودا بولىدۇ.
8.جېيېگاۋ قاشتېشى بازىرى
云南省瑞丽市姐告玉器市场
يۈننەن ئۆلكىسى رۈيلى شەھىرى جېيېگاۋ قاشتېشى بازىرى ئو مو چوڭلۇقتىكى بازار بولۇپ ،ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى سەككىزدىن-ئونغىچە بازار ياخشى بولىدۇ.
مەنبە:تور دۇنياسى