چار قاش 青花玉 ( خوتەن قاشلىرى جەمگاھى 13 )
خوتەن قاشلىرىنىڭ تۈرلىرى ___ 13 . چار قاش ( 青花玉 )
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى
چار قاش -خوتەن قاشتېشى ئائىلىسىنىڭ ئالاھىدە بىر ئەزاسى بولۇپ ،خوتەندىكى مويسىپىتلار چار قاشنى خوتەن قاشتېشىنىڭ ئايرىم بىر تۈرى دەپ قارايدۇ.قاشتېشى ساھاسىدىكىلەر كۆك قاشتېشى تۈرىگە تەۋە دەپ قارايدۇ.
چار قاش ئاساسلىقى ئاق،قارا،سېرىق...قاتارلىق رەڭلەرنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېرىكىشىدىن شەكىللەنگەن قاشلارنى كۆرسىتىدۇ.
چار قاش ئاساسلىقى قاغىلىق ناھىيەسىدىن كۆپرەك چىقىدۇ.قاتتىقلىق دەرىجىسى,مايلىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بۇلۇپ،قۇيرۇق قاش(چىڭخۇا ياڭجىيۈ) كۆپ چىقىدۇ.
چار قاشتىن زىرە قاش بىر قەدەر كۆپ،كان قېشى ئاز چىقىدۇ.خوتەن قاشتېشى بازىرىدا -بازارلىق قاشتېشى تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
چار قاشتىن ئۇيۇلغان ئويمىلار ھەرخىل رەڭلەرنى ئۆزىگە مۇجەسەم قىلغاچقا ئىنتايىن جەلىپكار كۆرىنىدۇ.