A-A+

دۆلىتىمىز قاشتېشى مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى (خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 97)

2015-يىل 31-مارت ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 345 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

ئىسلاھات،ئېچىۋېتىشتىن كىيىنكى بازار دۇلقۇنىدا قاشتېشى بازىرىنىڭ جانلىنىشى،بولۇپمۇ خوتەن قاش بازىرىنىڭ مۆلچەردىكىدىن نەچچە ئون ھەسە تېز سۈرئەت بىلەن يۇقۇرى كۆتىرىلىشى نەتىجىسىدە قاشگەرلىك ئېلىمىز مەدەنىيەت بازىرىدىكى غوللۇق كەسىپ ھەم قىزىق نوقتىغا ئايلاندى.ۋە بۇ قىزغىنلىق جوڭگۇ مائارىپىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.خوتەن قاشلىرىغا بولغان تەتقىقاتنىڭ چۇڭقۇرلىشىشى،كىشىلەرنىڭ قاش ۋە قاش مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ جوڭگۇدا 89 ئۇرۇندا مەخسۇس قاشگەرلىك مەكتەپلىرى ياكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ قارمىقىدىكى  قاشگەرلىك كەسپى ئىنىستىتوتلىرى بارلىققا كەلدى.بۇ مەكتەپلەر 1992-يىلدىن باشلاپ قاشگەرلىكنىڭ ھەرقايسى تارماق كەسىپلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا  گۈھەر قاشتاشلار كەسپى بويىچە دوكتۇر،ماگىستىر ئاسپىرانت،باكلاۋىرلىق ئوقۇش تارىخىغا  ئىگە  كەسىپ ئىگىلىرىنى تۈركۈملەپ يىتىشتۈردى.بۇ ئىختىساس ئىگىلىرى  بۈگۈنكى جوڭگۇ قاشگەرلىك تەتقىقاتى ۋە قاش-تاش بازىرىنىڭ تەرەقىياتىدا  تىگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇردى ھەم  قىلدۇرىۋاتىدۇ.

دۆلىتىمىزدىكى قاشگەرلىك مائارىپى نوقتىلىق تەرەقىي قىلغان ئۇرۇنلار  بېيجىڭ ،شەڭخەي،گۇئاڭدوڭ،يۈننەن، جىياڭسۇ ،خېنەن ،گۇئاڭشى قاتارلىق جايلار بولۇپ،قاشگەرلىك مەكتەپلىرىنىڭ كونكىرىت جايلىشىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

1-14 15-24

ھازىرغىچە(2013-يىلى يىل ئاخىرغىچە)  ئېنىقلانغانلىرى يۇقارقى ئۇرۇنلاردىكى مەكتەپلەر بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە جوڭگۇ گىئولوگىيە ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ  ۋۇخەن ئۈنچە-مەرۋايىت ئىنىستىتوتى 中国地质大学(武汉)珠宝学院
ۋە بېيجىڭ ئۈنچە-مەرۋايىت ئىنىستىتوتى  中国地质大学(北京)珠宝学院 ناھايتى داڭلىق.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قاش-تاشچىلىق تەرەققىي قىلغان  رايۇنلاردا قاشگەرلىكتىكى خاس تۈرلەر بۇيىچە قىسقا مۇددەتلىك  تەربىيلەش كۇرۇسلىرى  ئېچىلىپ  توختاۋسىز  ئادەم  تەربىيلىنىۋاتىدۇ.دۆلەت قاشگەرلىك كەسپى ۋە قاشتېشى بازىرىنى نوقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان  تۈر قاتارىغا كىرگۈزۈپ بۇ  ساھەنى پايدىلىق بولغان  سىياسى،ئىقتىسادىي  مۇھىت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

خوتەن قاشلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان  قاشتاشلارنىڭ ئىچىدە سۈپەت جەھەتتىن بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ ھەم ئۇ پەقەت دىيارىمىزدىنلا چىقىدۇ.ئۇيغۇرلارمۇ جۇڭخۇا خەلق جەمھۇريىتىنىڭ پۇقرالىرى ،قاش ماكانىنىڭ ئىگىلىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ قاشگەرلىككە ئائىت تۈرلۈك پايدىلىق سىياسەتلىرىدىن،مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىشقا،بۇ ئارقىلىق قاشگەرلىك كەسپىنى زامانغا لايىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تامامەن ھەقلىق.ئەپسۇس ،دىيارىمىزدا ئانا تىلىمىزدىكى قاشگەرلىك مائارىپىنىڭ بولماسلىقى،قاشگەرلىرىمىزنىڭ كەسپى ھەم مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى  ھەتتا قاشگەرلىك كەسپىگە بەزىلەرنىڭ بىتەرەپلىمە قارىشى  ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھازىرقى ئۇيغۇر قاشگەرلىك كەسپى خىرىسقا دۇچ كەلدى.قاشگەرلىرىمىز زامانىۋى كەسپى مائارىپتىن بەھىرلىنەلمىگەنلىكى  سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ تۈرلۈك پايدىلىق سىياسەت ،ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرسىز قالدى .زامانىۋى سودا رىقابىتىگە ماسلىشالماي  تۈرلۈك ئىقتىسادىي  ،ئىجتىمائى پاجىئەگە گىرىپتار بولدى .
بازار تولىمۇ رەھىمسىز.رىقابەت بەكمۇ كەسكىن .مەيلى قاشگەرلىكتە بولسۇن ياكى باشقا كەسىپلەردە بولسۇن بىز ھازىرقى زامان سودىسىغا ئىپتىدائى،ئەنئەنىۋى قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلساق ھامان شاللىنىپ قالىمىز.چۈنكى سودا  ساھەسىدە رىقابىتچىلىرىمىز بىلەن تەڭ تۇرۇش ئۈچۈن تەڭ بىلىشىمىز،يېڭىپ چىقىشىمىز ئۈچۈن كۆپ بىلىشىمىز كېرەك.

ئۇنداقتا بىز بۇ خىل بىلىشكە قانداق ئىرىشىمىز؟

دىيارىمىزدا ئانا تىلىمىزدا قاشگەرلىك كەسپى بۇيىچە تەربىيلەش ئۇرۇنلىرىنى  ئېچىپ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ۋە شۇغۇللانماقچى بولغانلارنى تىز سۈرئەتتە تەربىيلەپ چىقىش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ،بۇ تەربىيلەشنى ھۈكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەر ئۈستىگە ئالسىمۇ،خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى مەكتەپلەر ئۈستىگە ئالسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ.قاشگەرلىك نەزىرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى ئۆگىتىدىغان  ئۇستازلار ئارىمىزدىن چىقىدۇ.ئىقتىسادشۇناسلار بىلەن كەسپى ئۇستازلار بىرلەشسە ئىشىنىمىزكى،بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ.

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ