A-A+

تاشقا ئايلانغان تاشپاقا

2015-يىل 31-مارت ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 265 قېتىم

شىنجاڭدا يۇرا دەۋرىگە مەنسۇپ يېشىل دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ تاشقا ئايلانغان ئىسكىلىتى بايقالدى

يېقىندا گېرمانىيىدە چىقىرىلىدىغان تەبىئەت پەن تېخنىكىسى قەرەللىك ژۇرنىلىغا بېسىلغان بىر پارچە تەتقىقاتتا ئالىملار جۇڭگو شىنجاڭدىن يۇرا دەۋرىگە مەنسۇپ 1800 پارچە پىڭدىڭشەن يېشىل دېڭىز تاشپاقىسىنىڭ تاشقا ئايلانغان ئىسكىلىتىنى بايقىدى دېيىلگەن.

220514r2vd3mm62zi13qa11

قەدىمىي ھايۋانلار جانلىقشۇناسى، بېرلىن تەبىئەت مۇزىيىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى Oliver Wings بىز ئالدىمىزدىكى رەت رەت تۇرغان سۆڭەكلەرگە ئىشىنەلمەيلا قالدۇق دىدى.

Wings ۋە گېرمانىيە تۇبىنگېن ئۇنۋېرسىتىتى تاشقا ئايلانغان دېڭىز تاشپاقىسى مۇتەخەسىسى Walter Joyce دوكتور 2008-يىلى جۇڭگونىڭ قەدىمىي جانلىقشۇناسلىرى بىلەن بىللە ئىشلىگەن.
2007-يىلدىن بۇيان، Wings、Joyce ۋە باشقا گۇرۇپپىلار قۇرغاق رايونلاردا بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇلار ئاكۇلا تاش قاتمىسى، تىمساھ تاش قاتمىسى، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ۋە دىنوزاۋىرنىڭ ئىسكىلىت جازىسىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن 160 مىليون يىل ئىلگىرى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇرغاق رايونلارنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ رايونى كۆل دەريالار تارقالغان، قۇشلار ۋە ھايۋانلار كۆپەيگەن، ھايات ياشنىغان بىر جاي بولغان. كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن  پەسىللىك قۇرغاقچىلىقنىڭ كۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل تاش قاتمىلار كۆرۈلۈشكە  باشلىغان.

مەنبە:ئاتلان تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ