ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملار
سىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملار
ئالتۇن تەرەت تۇڭى: ئامېرىكا نىيۇيورك شەھىرى Guggenheim گۈزەل سەنئەت سارىيى كۆرگەزمىگە قويغان 18K ئالتۇندىن ياسالغان تەرەت تۇڭى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. تەرەت تۇڭى يالغۇز كىشىلىك ھاجەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر خالىغانچە كۆرۈپ، سۈرەتكە تارتسا بولىدىكەن. چوڭلارنىڭ كىرىش بېلىتى 15 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، مۇزېينىڭ ئەزالىرى ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدىكەن.
ئالتۇن تەرەت قەغىزى: 22K ئالتۇندىن ياسالغان تەرەت قەغىزىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ قەۋەت بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە راھەت بەخش ئېتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ھەر بىر يۆگەم قەغەزنى ياساش ئۈچۈن تۆت يىل ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، باھاسى 8 مىليون يۈەن ئىكەن.
ئالتۇن كالا : جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ خۇاشى كەنتى تۆت ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ساپ ئالتۇندىن بىر ئالتۇن كالا ياساپ چىققان. كالىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.3 مېتىر، كەڭلىكى 0.7 مېتىر، ئېگىزلىكى 1.7 مېتىر بولۇپ، بىر توننا ساپ ئالتۇن ئىشلىتىلگەن .
ئالتۇن مۇسابىقە ئاپتوموبىلى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، نەنجىڭ شەھىرىنىڭ كوچىسىدا سىرتىغا پۈتۈنلەي ئالتۇن چاپلانغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلى پەيدا بولغان.
ئالتۇن ئىچ كىيىم: بۇ بىر يۈرۈش ئىچ كىيىمنى مەلۇم شىركەتنىڭ بەش نەپەر پېشقەدەم ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسى يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىنچىكىلىك بىلەن ياساپ چىققان بولۇپ، سۇمۇرغ سۈرىتى ئاساس قىلىنىپ، ئەنئەنىۋى گۈل چىقىرىش سەنئىتى ۋە زامانىۋى ماشىنىدىن پايدىلىنىپ گۈل چىقىرىش سەنئىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان. ئىچ كىيىمنىڭ ئېغىرلىقى 3 جىڭ، پۈتۈنلەي 24K ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، قىممىتى مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
ئالتۇن iPhone: يانفوننىڭ سىرتى ئالتۇندىن ياسالغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى باھاسى 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا.
ئالتۇن ئاياغ: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇەيبېي شەھىرىدىكى مەلۇم سودا ساراينىڭ ئالتۇن مەخسۇس ئورنىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئالتۇندىن ياسالغان ئاياغ