A-A+
ئەڭ قىممەت ئالماس ھالقا
يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئەنگلىيە لوندون، Sotheby's كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش دۇكىنىدا بىر دانە ئاپوللو كۆك ئالماس ھالقىسى بىلەن بىر دانە ئارتېمىس ھال رەڭ ھالقىسىنى كۆرگەزمە قىلغان. تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قىممەت بۇ بىر جۈپ ھالقىنىڭ تەخمىنىي باھاسى 50 مىليون دوللاردىن 70 مىليون دوللارغىچىكەن (تەخمىنەن 345 مىليون 100 مىڭ يۈەندىن 483 مىليون 154 مىڭ يۈەنگىچە). بۇ بىر جۈپ ھالقا 16-ماي گىۋىنىيەدە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن.