پىچان چىقتىم بازىرىدىكى رەڭگارەڭ قاشتېشىلار
ئۈرۈمچىدىن پىچان ناھىيەسىگە بېرىش ئۈچۈن 283 كىلومتېىر مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاندىن پىچاندىن شەرققە قاراپ تەخمىنەن 30 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى رەڭلىك قاشتېشى بىلەن داڭقى چىققان چىقتىم بازىرى جەنۇبى كۆل كەنتىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.
ئەتىگەن سائەت 10 بېيجىڭدىن ئىككى سائەت ۋاقىت پەرقى بولغان شىنجاڭغا نىسبەتەن بىر قەدەر ئەتىگەن ھېسابلىنىدۇ. بىراق مۇخبىر چىقتىم بازىرىنىڭ قاشتاش بازىرىغا بارىدىغان يولدا ماشىنىلارنىڭ ئالدىراش كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ ماشىنىلارنىڭ كۆپىنچىسىگە بېيجىڭ ۋە شاڭخەي نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئىكەن.
يەرلىك شوپۇر مۇخبىرغا، بۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن قاشتاش سېتىۋالغاندىن كېيىن قايتماقچى بولغان سودىگەرلەر ئىكەنلىكىنى، ھازىر بۇ يەرنىڭ قاشتىشى سېتىش يۇقىرى دولقۇنىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، نۇرغۇنلىغان ياخشى ماللارنىڭ ئاللىبۇرۇن سېتىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما مۇخبىر چىقتىم بازىرى جەنۇبى كۆل كەنتى قاشتاش بازىرىغا بارغاندا، بۇ بازارنىڭ ناھايىتى رەتلىك، كۆلىمىنىڭ مەركەزلەشكەن ئىكەنلىكىنى ، گەرچە سېتىش يۇقىرى دولقۇنى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ قاشتېشى ، ھېقىق تاللاۋاتقانلىقىنى بايقىغان. بازا ئۇيغۇر تىلىدا كىشىلەر توپلانغان سودا قىلدىغان جاي دېگەن مەنىدە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك تارقالغان.
چىقتىم بازىرى جەنۇبى كۆل كەنتىلىك رەڭلىك قاشتېشى تىجارەتچىسى لى گۈيمېي بۈگۈن سىرتتىن كەلگەن خوجايىنلارنىڭ كۆپلىكىنى، ئۆزىنىڭ يېرىم كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىتتا 6000يۈەن كىرىم قىلغانلىقىنى، ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئىككى بازاردىن كۆپ كىرىم قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
پىچان چىقتىم بازىرى جەنۇبى كۆل كەنتى پۈتۈن شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق رەڭلىك قاشتېشى كەنتى. 1999 - يىلدىن بۇيان، بۇ كەنىتتىكى خەلق ئېتىز - قىرلاردىن ھالقىپ، قاشتاش تەرىگەن، رەڭلىك قاشتاش ئىزدىگەن ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلىگەن، قاشتېشى دۇككىنى ئاچقان. دەسلەپكى قەدەمدە، ھەممە ئادەم رەڭلىك قاشتاش مەدەنىيەتىنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھەممە ئائىلە رەڭلىك قاشتېشى تىجارىتىگە قاتنىشىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.
تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيەسى چىقتىم بازىرى پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى دەي جىڭفىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نەچچە يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ھازىر جەنۇبى كۆل كەنتى ۋە ئەتراپتىكى دېھقانلار بولۇپ جەمئىي 500 دىن كۆپرەك ئادەم رەڭلىك قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. يىلدا ھاللىق سەۋىيىگە يەتكەن ئادەم 3000دىن كۆپ ئىكەن. رەڭلىك قاشتېشى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى رايون ۋە ئەتراپتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى قاپلىغان، رەڭلىك قاشتاش بويۇملىرىنىڭ تۈرى 40 دىن ئاشقان، 2013 - يىلى چىقتىم رەڭلىك قاشتاشلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 80مىليون يۈەندىن ئاشقان.
بازاردا قاشتېشى دۇككىنى ئاچىدىغان ئايال خوجايىن توڭمېينىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھازىر ھەربىر ھەپتە ئاخىرىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مەخسۇس قاشتېشى سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقتىم بازىرىغا كېلىدىكەن، يەر تېرىشتىن باشقا بۇمۇ ئائىلىنىڭ ئاساسلىق كىرىمى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ يەنە مۇخبىرغا، بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئاساسلىق كۆك چېچەك، رەڭلىك قاشتېشى، رۇخسارگۈل، ھېقىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ھازىر كەسىپ ئۆزگەرتىپ چىقتىم ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ قاشتېشىنى ساتىدىغانلىقىنى، يىللىق پايدىسىنىڭ 100مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مۇخبىر ياقۇپ سېلىمننى زىيارەت قىلغاندا، جېجىياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان، ئۇ ساياھەتچى ۋاقىتلىق دۇككاندىن 2000 يۈەنگە قاشتېشى سېتىۋالغان. بۇ ساياھەتچى مۇخبىرغا، ئۆزىنىڭ ھەمىشە چىقتىم قاشتېشى بازىرىنى ئايلىنىدىغانلىقىنى، قاشتېشى بويۇملارنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ياقۇپ سېلىمنىڭ ئېيتىشىچە، ياز كۈنلىرى ئۇ ئايالى بىلەن بىللە تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى، ئۈزۈم ئىشلىرىنى قىلىدىكەن. قىش كۈنلىرى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋااقىتلىرىدا، ئۆزى بېرىپ قاشتېشى تېرىدىكەن ۋە بەزىلىرىنى باشقىلاردىن سېتىۋالدىكەن. بىر يىلدا پەقەت قاشتېشى ئارقىلىق قىلغان كىرىمى 70-80مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن.
ئوخشاش قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يىن چىڭجې مۇخبىرغا، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق ئارىسال ۋاقتىدا تاش تېرىپ كېلىدىغانلىقنى ۋە ساتىدىغانلىقىنى، ھازىر قاشتاش تېرىدىغان جايلار بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەچكە بايۋاننىڭ ئىچكىرسىگە كىرسە ئاندىن قاشتاش تاپقىلى بولدىغانلىقىنى، ھەتتا لوپنۇر كۆلىگىچە بارغانلىقىنى ئېيتقان. قاشتېشى تېرىش ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، بىر ئىككى ماشىنا بىلەن بارغىلى بولمايدىكەن، كۆپچىلىك گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ چۆلگە كىرىدىكەن، بۇنداق بولمىغاندا، ئادەمسىز جايدا ئاسان ئېزىپ قالىدىكەن.
يەرلىك ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر پۈتۈن كەنىتتىكى %80 ئاھالە رەڭلىك قاشتاش دۇككىنى ئاچقان، قالغان %20 ئادەم رەڭلىك قاشتاشقا مۇناسىۋەتلىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
ئىگىلىنشىچە، 2013 - يىلى 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، چىقتىم بازىرىدىكى رەڭلىك قاشتېشى بازىرى ھەرشەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى دەل ۋاقتىدا ئېچىلغان. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىكى تىجارەت ئارقىلىق بۇ بازار شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق رەڭلىك قاشتېشى بازىرىغا ئايلىنىپ، شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتكەن.
مەنبە: نۇر تورى