A-A+

دىيارىمىزدىن قېزىۋېلىنغان قەدىمىي خوتەن قاش ئويمىلىرى (خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 24)

2015-يىل 12-ئاپرېل ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 412 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...

يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...

يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەقىدە قاشگەرلىكىمىز <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

دىيارىمىزدىن قېزىۋېلىنغان قەدىمىي خوتەن قاش ئويمىلىرى

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز دۇنياغا داڭلىق بولغان خوتەن قاشلىرىنى  ئەڭ دەسلەپ بايقاپلا  قالماي ،يەنە  ئەڭ بۇرۇن ئۇيۇش،يۇنۇش،سىلىقلاش،يانچىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق خوتەن قاشلىرىنى تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ،تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى،زىننەت بۇيۇملىرى ........قاتارلىقلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ  ياساپ ئۈنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ۋە قاشتېشى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك مەدەنىيەتنى ئىنسانىيەتكە ئۆگەتكەن.

ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا  دىيارىمىزدىن قېزىۋېلىنغان قەدىمىي خوتەن قاش ئويمىلىرىنىڭ كونكىرىتنى سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش مۇمكىنچىلىكىمىز بولمىغاچقا تۆۋەندە ۋەكىل خارەكتىرلىك بولغان بىر قانچە پارچىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

بۇ قەدىمىي ئويمىلارنىڭ ۋاقتى بۇندىن 4100-5000 يىلغىچە بۇرۇن  بۇلۇپ ،خوتەن قاش مەدەنىيىتىمىزنى چۈشىنىشىمىزدە مۇھىم رول ئوينىغۇسى.

147 148 154 164 174 185 195 205 234 235 243 253 263 273 284 294 304 334 335 344 354 426 520 620 719 816 911 1010 1110 1210 1310 2110 2210 3110 3210

سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى :خەنچە  ‹‹جۇڭگۇدىن قېزىۋېلىنغان قاش ئويمىلار جەمگاھى››

ناملىق كىتابنىڭ 5-قىسىم 295-315-بەتلىرى

(中国出土玉器全集››----------(浙江古籍出版社››.

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ