-
مەن ئۇنى كۆردۈم - [ئۇنتۇلماس خاتىرلەر]
2010-05-29
ئۇ ھامان مېنىڭ خاتىرەمدە ناھايىتى تونۇش ئىدى . ئىلگىرى ئۇنىڭ رەسىمىنى شېئىر توپلامىدىكى رەسىمىدىن كۆپ كۆرىۋەرگەچكىمىن ، ئۇ خۇددى ماڭا مۇئەللىملىرىمدەك تونۇش تۇيۇلىدىغان بولۇپ كەتكەندى . ئۇنى كۆرگەن ۋاقتىمدىمۇ مەندە ئالاھىدە قورۇنۇش بولمىدى . مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىكى روھىي ھالىتىم شۇقەدەر ئادەتتىكىچە ئىدى . مەن ئىلگىرى خىيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قالسام ، جەزمەن جىددىيلىشىپ كېتەرمەن ، دەيدىغان سۆزلىرىمنىمۇ تاپالماي قالارمەن دەپ ئويلىغاندىم . ئەمما مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ئىلگىركى بۇ خياللىرىمنىڭ ھەممىسى ئورۇنسىز ، ئارتۇقچە ئىدى .
-
قۇلۇلىنىڭ سىماسى - [ئۇنتۇلماس خاتىرلەر]
2010-05-17
ئالدىنقى كۈنى دوستۇم بىلەن تاغقا چىقتىم . بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم تاغقا چىقىشىم بولمىسىمۇ ، ئەمما باھار كېلىپ تاغدا بۇنچە زور ئۆزگىرىش بولار دەپ ئويلىمىغانىدىم . مېنىڭ خىيالىمدا تاغ ئاللىبۇرۇن ياپيېشىللىققا پۈركىنىپ بولغان بولۇپ ، ئادەمنى جەلىپ قىلىپ تۇرىدىغان غەلىتە كۆرۈنۈشلىرىدىن باشقا ئۆزگە يېڭىلىقلىرى يوقتەك قىياس قىلاتتىم . ئەمما بۇ قېتىم راستىنلا مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش يۈزبەردى ، بۇ قېتىمقى تاغقا چىقىش مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى .