1991 ـ يىلى 8 - ئايدا نەشر قىلىنغان «قومۇل ناھىيەسى تەزكىرىسى»دە: «قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ ئاخىرقى ۋاڭى شامەخسۇتنىڭ ئىلكىدە 30 مىڭ مو تېرىلغۇ يېرى، ئۈرۈمچى نەنلياڭدا 150 مو كۆلەمدە ئۆي - زېمىنى، بېيجىڭدا ‹قومۇل سارىيى›، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ئۆي - زېمىنى بار ئىدى» دەپ يېزىلغان.
ئۇنداق بولسا، شامەخسۇتنىڭ مەككىدىكى زېمىنى قاچان، قانداق سېتىۋېلىنغان؟ مەن بۇ مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 ـ، 90 - يىللىرىدا مەككە شەھىرىگە بېرىپ، ھەج قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان بىر قىسىم پېشقەدەم زاتلار ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى بىلىدىغان بىر قىسىم ياشانغانلاردىن ئەھۋال ئىگىلەش ھەمدە تارىخىي ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، بىر قىسىم مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنىدىم. شۇنداقتىمۇ، مەن بۇ ئىشقا قىزىقىپ، تېخىمۇ ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەنىدىم. «تىلىسەڭ تاپارسەن» دېگەندەك، 1999 - يىللىق «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى ھەج ئۆمىكى»نىڭ خىزمەتچىسى سالاھىيىتى بىلەن مەككىگە باردىم. بۇ، مەن ئۈچۈن قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى يەر - زېمىنىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى. چۈنكى، مەن قومۇلدىن سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى، شۇ ۋاقىتتىكى قومۇل ۋىلايەتلىك تاشقى ئىشلار - مۇھاجىرلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېھىم راخمان سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغاندىن كېيىن، قومۇل ۋاڭىنىڭ زېمىنى قەيەردە ئىكەنلىكىنى، ئورنى، كۆلىمى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىيرەك ئەھۋال ئىگىلەپ كېلىشىمنى، بۇ ئىشقا ۋالىي ئابدۇراخمان كېرەمنىڭمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ تاپىلىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
مەن مەككىگە بېرىپلا قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ زېمىنى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلدىم. مەككە شەھىرىدە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان قومۇللۇق ئابلىمىت ھاجى (تۆمۈر ھاجى)، ئابلا مەككە ھاجى، تۇرپانلىق مۇھەممەت قارىيھاجى، توقسۇلۇق ئابدۇرېقىپ ھاجى، ئاتاقلىق تىلشۇناس غۇلام غوپۇر ھاجىنىڭ تۇغقىنى ئابلىز ھاجى قاتارلىق كىشىلەردىن «قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ زېمىنى قەيەردە؟» دەپ سورىغىنىمدا، ھەممىسى بىردەك مەككە شەھىرىنىڭ مىسفەلى كوچىسىدىكى ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىرچە، كەڭلىكى 30 − 40 مېتىرچە كېلىدىغان، ئىچىدە دەل - دەرىخى بار باغچە شەكلىدىكى (بۇ جاي شۇ چاغلاردا مەككە شەھىرىدىكى دەل - دەرىخى بار، يېشىللىق كۆلىمى چوڭراق بىردىنبىر جاي ئىكەن) بىر پارچە زېمىننى قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ زېمىنى شۇ، دەپ كۆرسەتتى. 1999 - يىلى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان قومۇللۇق ئابلا مەككە ھاجىدىن سورىغىنىمدا، ئۇ مېنى مىسفەلى كوچىسىغا باشلاپ بېرىپ، يولنىڭ شىمالىدىكى تۆمۈر رېشاتكا بىلەن قاشالانغان يېشىللىق جاينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، تۇرپان تەلەپپۇزىدا:
− مۇنۇ، مۇنۇ يېشىللىق جاي قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ زېمىنى، − دېدى. يەنە ئۇ:
− مەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا 1981 - يىلى كەلگەن. بۇ ئىشنى تۇرپانلىق مۇھەممەت قارىيھاجى مەندىن ياخشى بىلىدۇ. بۇ جاي مەككە شەھىرى بويىچە بەيتۇللاغا ئەڭ يېقىن تۈزلەڭ جاي بولغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ كۆزى چۈشىدىغان ئالتۇن بۇرجەك جاي ئىدى. يېقىنقى يىللاردا ھۆكۈمەت بۇ جاينىڭ شەرقىي تەرىپىگە كۇدەي رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى بىناسى، غەربىي تەرىپىگە يەسلى سېلىۋالدى، − دەپ چۈشەندۈردى.
مەن ئۇ كىشىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاچ، يەسلى تەرىپىگە قارىغىنىمدا، دەرەخلەر ئارىسىدىن بالىلار ئوينايدىغان ئۈسكۈنىلەر، توك بىلەن ئايلىنىدىغان چاقپەلەك قاتارلىقلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئەتىسى تۇرپانلىق مۇھەممەت قارىيھاجى دېگەن كىشىمۇ بىز چۈشكەن مېھمانسارايغا ھەج قىلغىلى تۇرپاندىن كەلگەن قىزىنى كۆرگىلى كېلىپ قالدى. تۇرپانلىق ياتاقدىشىم مۇھەممەت ئەبەيدۇل مېنى بۇ ئاقساقال بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويدى. ئاقساقال مېنىڭ مەقسىتىمنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ: «تارىخنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ قويۇش ناھايىتى ياخشى ئىش. قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ زېمىنى مىسفەلى كوچىسىدىكى بالىلار باغچىسىنىڭ ئورنى بولۇشى مۇمكىن. مەن 1947 - يىلى شىنجاڭدىن مەككە شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتىم. بۇ ئىشنى ئېنىق بىلىدىغان بىردىنبىر شاھىت قومۇللۇق ئابلىمىت ھاجى، ھازىر ئۇ كىشى تېخى ھايات، شۇڭا ئاشۇ كىشىدىن ئەھۋال ئىگىلىسىلە، − دېدى. ئۇ ئاقساقال يەنە قوشۇمچە قىلىپ، − مەككە شەھىرى ئېگىز - پەس تاغ ئېدىرلىق جاي بولۇپ، قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ زېمىنىدەك بەيتۇللاغا يېقىن، شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان، تۇرالغۇ سېلىشقا باب كېلىدىغان تۈزلەڭ جاينى تېپىش ئىنتايىن تەس. 70 − 80 يىلدىن بۇيان بۇ جايغا ھېچكىم بىرەر ئۆي، بىنا سالمىغىنىغا قارىغاندا، ئىگىسىز قالغان جاي بولۇشى مۇمكىن، ھازىر ئەتراپىغا ئېگىز - ئېگىز بىنالار سېلىنىپ، مۇشۇ بىر پارچە يەرلا ئاق قالدى» دېدى.
بۇ ئاقساقال ئاخىرىدا سەمىمىيلىك بىلەن ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ:
− سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەخسۇس ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى يوق، پەقەت «قۇرئان كەرىم»لا قانۇن ئۆلچىمى قىلىنىدۇ، يەر - زېمىن دەۋاسىدا يەر خېتى، خەت - چەك دېگەنلەر بولمىسىمۇ، پەقەت ئىككى كىشى قازىخانا (سوت)دا شاھىت بولسىلا بولىۋېرىدۇ، − دەپ چۈشەندۈردى.
يېشى 80دىن ئاشقان، ئاق كۆڭۈل، كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، كۆزلىرىدىن سەمىمىيلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئاقساقالنىڭ سۆزلىرى مېنى خېلىلا ئۈمىدلەندۈردى. شۇڭا، مەن ئۇ كىشىدىن ئامال قىلىپ ئابلىمىت ھاجى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرۈشۈمنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۆتۈندۈم. ئاقساقال مېنىڭ تەلىپىمنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كېيىن بىز كۈن ئارىلاپ دېگۈدەك بۇ ئاقساقال بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغان بولساقمۇ، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئارىدىن 20 كۈنلەر ئۆتكۈچە ئابلىمىت ھاجى بىلەن كۆرۈشەلمىدىم.
ئاقساقالنىڭ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئابلىمىت ھاجى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئاخىر ئېرىشتىم. بىز ۋەتەنگە قايتىشقا ئۈچ كۈن قالغان كۈنى كەچتە، ئەھمەد دېگەن بالىنىڭ باشلىشى بىلەن 300دىن ئوشۇق پەلەمپەيلىك ئېگىز تاغ بېشىدا ئولتۇراقلاشقان ئابلىمىت ھاجىنىڭ ھۇزۇرىغا باردۇق (قومۇلنىڭ راھەتباغ يېزىسىدىن ھەجگە بارغان ئىسمائىل قاسىم ھاجىمۇ مەن بىلەن بىللە باردى.) بىزنىڭ كېلىدىغانلىقىمىزدىن خەۋىرى بولغانلىقتىن ئابلىمىت ھاجى بىزنى كۆرۈپلا: «ھە، سىلەر قومۇللۇقمۇ؟ قاچان كەلدىڭلار؟» دەپ ئەھۋاللىشىپ، قومۇلدىكى بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى توختىماستىن سوراپ كەتتى. قومۇلنىڭ نامىنى ئاڭلاپ بوۋاينىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، كۆزىگە لىق ياش تولدى. ئۆز ۋەتىنىنى، يۇرتىنى سېغىنمايدىغان كىم بار دەيسىز؟ بىز بىر ھازاغىچە ئامان - ئېسەنلىك سوراشقاندىن كېيىن، ئۆز پارىڭىمىزغا چۈشتۇق. ئابلىمىت ھاجى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
− مەن بۇ يىل بىر كەم يۈز ياشقا كىردىم، مەككىگە 1927 - يىلى كەلگەنىدىم، يۇرتتىن ئايرىلغىلى 72 يىل بولدى. ۋەتىنىمنى، يۇرتۇمنى، قېرىنداشلىرىمنى ئىنتايىن سېغىندىم. قانىتىم بولسا ھازىرلا ئۇچۇپ بېرىپ ئاخىرقى ئۆمرۈمنى يۇرتۇمدا ئۆتكۈزۈپ، يۇرتۇمنىڭ تۇپرىقىدا ئۆمۈرلۈك ياتقۇم بار، لېكىن ھازىر ياشىنىپ قالغانلىقىم ۋە ئۈچ بالام بۇ يەردە بولغانلىقتىن، بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشمايدىغاندەك قىلىدۇ... ياش ۋاقتىمدا يۇرتۇمدا دادامدىن ئورغاق، كەتمەن داپداش، ئات تاقىسى سوقۇشنى ئۆگىنىۋالغانىدىم. مەككىگە كېلىپ كۇچالىق بىر كىشى بىلەن يەتتە يىل ئۆز ئالدىمىزغا تۆمۈرچىلىك قىلدۇق. 1935 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە ھەيۋەتلىك بەيتۇللا ھەرەم مەسچىتىدە 27 يىل مېخانىك بولۇپ ئىشلىدىم...
بۇ چاغدا ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، قانداق دەرىجىدىكى مېخانىك بولغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ:
− مەندە قانچىلىك ھۈنەر بار دەيسىز، مەن ئارانلا كەتمەن، ئورغاق داپداش ھۈنىرىلا بىلىدىغان تۇرسام. مەن ھەرەم مەسچىتىگە بېرىپ ئاساسەن تۈۋرۈكلەرنى بىر - بىرىگە چاتىدىغان تۆمۈر چاتقۇ سوقۇپ بەردىم. پېنسىيەگە چىققىلى 37 يىل بولدى، ھازىر 5500 رىيال پېنسىيە پۇلى ئالىمەن، ياشىنىپ قالغاچقا، قۇلىقىم ياخشى ئاڭلىمايدۇ، پۇتۇم ئاغرىيدۇ، ئۆيدىن سىرتقا چىقمىغىلى 25 يىل بولدى، − دېدى.
مەن بۇ چاغدا سۆھبەت تېمىسىنى يۆتكەپ:
− بىز جانابلىرىدىن قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى زېمىنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىغىلى كەلگەن، ئۇ يەرنىڭ ئورنىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز، − دېدىم. ئۇ بىرئاز ئويلىنىۋېلىپ:
− مەن مەككىگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قومۇللۇق ئىككى - ئۈچ كىشى بۇ يەرگە كېلىپ، مەككىنىڭ مىسفەلى كوچىسىدىن زېمىن سېتىۋېلىپ، رابات (مېھمانساراي) سېلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، يەر ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەنىدى، لېكىن ئۇلار ساراينى پۈتكۈزۈپ بولالمايلا «كېيىن يەنە كېلىمىز» دەپ، مەن بىلەن خوشلىشىپ قومۇلغا كېتىپ، قايتىپ كەلمىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 ـ، 70 - يىللىرىغىچە بۇ يەر توپا، تاش - كېسەكلەر دۆۋىلەنگەن، قۇرۇلۇشنى كېيىنكى يىلىلا كېلىپ داۋاملاشتۇرىدىغاندەك قىياپەتتە تۇردى. كېيىنكى يىللاردا قومۇلدىن ھەج قىلغىلى كەلگەن ھاجىلارغا «قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ زېمىنى مۇشۇ يەردە» دەپ كۆرسىتىپ بەردىم. شۇڭا، ئۇ جاي مېنىڭ ئېسىمدە چىڭ ساقلىنىپ قالغانىدى، − دېدى. مەن ئۇنىڭ شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ يەنىلا نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسلەپ بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ خېلىلا ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
مەن يەنە:
− ھاجى دادا، ئەتە ئادەم ئېلىپ كېلىپ سىلىنى كۆتۈرۈپ بولسىمۇ مىسفەلى كوچىسىغا ئېلىپ بارايلى، زېمىننى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ كۆرسىتىپ بەرسىلە، − دەپ ئۆتۈندۈم. لېكىن، ئۇ كىشى:
− ئۇ جاي سىلەر كۆرگەن مىسفەلى كوچىسىدا، مەككىدە شۇ بىرلا مىسفەلى كوچىسى بار، باشقا مىسفەلى كوچىسى يوق. مېنىڭ پەسكە (بۇ كىشىنىڭ تۇرالغۇسى 325 پەلەمپەيلىك ئېگىز تاغ بېشىدا بولغانلىقتىن، ئۆيدىن چىقىشنى «پەسكە چۈشۈش» دەپ ئاتايدىكەن) چۈشۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق، − دەپ تۇرۇۋالدى. شۇ كۈنى كەچتە ياتىقىمىزغا ئامالسىز قايتىپ كەلدۇق...
مەن شۇنىڭدىن كېيىن، باشقىلاردىن داۋاملىق سۈرۈشتە قىلىش، ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق، ئابلىمىت ھاجىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنىڭ راستلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئۆمەك بىلەن بىللە قومۇلغا قايتىپ كەلدىم.
مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئىگىلەش جەريانىدا، ئەسلىي مەككىگە كېلىشتىن ئىلگىرى قومۇلدىكى بۇ ئەھۋالنى بىلىدىغان پېشقەدەم كىشىلەردىن بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئالدىن ئىگىلىۋالمىغانلىقىمغا پۇشايمانمۇ قىلدىم. مېنىڭ مۇنداق قىلىشىم قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ مەككىدىكى يەر - زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بولماستىن (شەرت - شارائىت يار بەرگەندە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئارقىلىق يەر - زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش مۇددىئاسىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ)، بەلكى شامەخسۇت ۋاڭنىڭ يەر - زېمىن سېتىۋېلىشىغا ئائىت تارىخىي ۋەقەلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ قويۇش ئىدى.
قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ ئاخىرقى ۋاڭى شامەخسۇتنىڭ مەككە شەھىرىدە «قومۇل سارىيى» سالدۇرۇش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇش جەريانى مۇنداق بولغان: شامەخسۇت ۋاڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ ھەمدە بۇ ئارزۇسىنى ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار باش ئەمەلدارى جىن شۇرېنغا بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئىلتىماس يازىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلتىماسىنىڭ تېزلا تەستىقلىنىپ ھەج قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بىلەن قاراپ، مەككىگە بارغاندا ئۆزى تۇرۇش ھەمدە قومۇللۇق ھاجىلارنىڭ مەككىگە بارغاندا ھەقسىز يېتىپ - قوپۇشى ئۈچۈن ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدىغان قومۇل سارىيى (رابات) سالدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، 1927 - يىلى يازدا ھەسەن بالا ھاجى، ئابدۇللا باقى ھاجى (سوپى ھاجى) ۋە ھاجى سوپى دېگەن ئۈچ كىشىنى تاللاپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىن مۇۋاپىق كۆلەمدە زېمىن سېتىۋېلىپ، بەش - ئون ئېغىزلىق مېھمانساراي سالدۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. ھەسەن بالا ھاجى 1878 - يىلى ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەندە مەككىگە ھەج قىلىشقا بارغانلىقتىن، «مەككىنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىدۇ» دەپ شامەخسۇت ۋاڭ بۇ ئادەمنى تاللىغان. ئابدۇل باقى دېگەن كىشى شۇ زامانلاردا تامچىلىق، ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك، تىككۈچىلىك قاتارلىق ھۈنەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىدىغان داڭلىق ئادەم بولغاچقا، شامەخسۇت ۋاڭ بۇ كىشىنى تاللىغان. ھاجى سوپىمۇ قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم ئىكەن. ئۇلار 1929 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرى مەككىنىڭ مىسفەلى كوچىسىدىن 20 موغا يېقىن يەرنى 10 جىڭ ئالتۇنغا سېتىۋېلىپ، رابات سېلىشقا تەييارلىق قىلغان. لېكىن، مەككىدە توپا، سۇ كەمچىل بولغاچقا، تۆگە بىلەن سىرتتىن سۇ، توپا، تاش يۆتكەپ كېلىپ كېسەك قۇيدۇرغان. ئۇلار نۇرغۇن جاپالارنى چېكىپ، 1930 - يىلى 10 - ئايغىچە چوڭ - كىچىك ئون ئېغىز ئۆي سالغۇدەك تاش، كېسەك تەييارلاپ، بەل بويى ئېگىزلىكتە تاش بىلەن ئۆي ئۇلىنى قۇرۇپ چىققان. دەل مۇشۇ كۈنلەردە يەنە شىنجاڭدىن مەككىگە ھەج قىلغىلى بارغان بىر تۈركۈم ھاجىلار شامەخسۇت ۋاڭنىڭ كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى مەككىگە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان ھەسەن بالا ھاجى قاتارلىقلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ھازا تۇتۇپ بىرەر ئايغىچە قولى ئىشقا بارمىغان... بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يۇرتتىن ئايرىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانىدى. ئۇلار يەنە يېرىم يىلدەك تىرىشسا، قومۇل سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تاماملىشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن، بۇ يەردە يەنىلا سۇ، توپا، ئەمگەك كۈچى تېپىش ئىنتايىن قىيىن بولغاچقا، يەنە كېلىپ ئۇزاق ۋاقىت يۇرتى ۋە خوتۇن - بالىلىرىدىن ئايرىلغاچقا، ئۈچ نەپەر ئۇستىنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشقا كۆزى يەتمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قالغان ئىشلارنى قومۇللۇق ۋە كۇچالىق كىشىلەرگە قالدۇرۇپ، «بىر - ئىككى يىلدىن كېيىن كېلىپ يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈرۈپ، يەر خېتىنى ئېلىۋېلىپ، 1931 - يىلى 4 - ئايلاردا قومۇلغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ دەل قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان چاغ بولغانلىقى ئۈچۈن، قومۇلنىڭ ۋەزىيىتىمۇ قالايمىقان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى «قومۇلدا ئەمەل ۋارىسلىقىنى بىكار قىلىپ، ئالمىشىپ تۇرىدىغان ئەمەلدار قويۇش» سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا، تەۋرىنىپ قالغان قومۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بېجىرىۋاتقان نەزەر «ۋاڭ»مۇ ئاتىسىدىن كېيىن ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىپ، ھەسەن بالا ھاجى قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى قومۇل سارىيىنىڭ ئاخىرقى ئىشلىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمىگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ھەسەن بالا ھاجى قاتارلىق كىشىلەر قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ مەككىدىكى قومۇل سارىيىنىڭ يەر خېتىنى شامەخسۇت ۋاڭنىڭ ئوغلى نەزەرگە تاپشۇرۇپ، قومۇل سارىيىنىڭ يەر سېتىۋېلىش، قۇرۇلۇش جەريانىنى ئۇنىڭغا دوكلات قىلىپ قويغان.
تارىخىي ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە ۋە بىر قىسىم پېشقەدەم زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ كۇتۇپخانا ۋە ئارخىپخانىلىرىدا ساقلانغان ماتېرىياللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پۇختا ساقلانغان. قوزغىلاڭ جەريانىدا، شا مەخسۇت ۋاڭ ئوردىسىغا ئوت قويۇلغاندا، نۇرغۇن كىتاب ۋە ماتېرىياللار كۆيۈپ كەتكەن. بۇ ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسمى نەزەرنىڭ ئوغلى بېشىرنىڭ قولىدا ساقلانغان بولسىمۇ، 1950 - يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان يەر ئىسلاھاتى جەريانىدا يىغىۋېلىنغان ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. گەرچە يەر خېتى قاتارلىق ھۆججەتلەر يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەر - زېمىنلار ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ئاپتور: قومۇل ۋىلايەتلىك مىللەتلەر - دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ پېنسىيونېرى
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا