يېقىندىن بۇيان قىسمەن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە، قانائەتنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقتەك، قانائەت قىلىش ھاماقەت، ھۇرۇنلارنىڭ قىلمىشىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان ئىدىيەلەر ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بەزىلەر ھەتتا قانائەت – ئالغا بېسىش ۋە تەرەققىي قىلىشنىڭ توسالغۇسى دەپ قاراپ، قانائەتچان ئادەمنى تاپسا يەيدىغان، تاپالمىسا قانائەت قىلىپ يۈرۈۋېرىدىغان لالما ئىتقا ئوخشىتىپ قويماقتا.
ئۇنداقتا قانائەتنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقمۇ؟قانائەت ئالىيجاناب ئادەمنىڭ مۇھىم ئەخلاق – پەزىلىتى، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئاساسى. شۇڭا قانائەتچان، سەۋر – تاقەتلىك ئادەمنى ئەيىبلەش توغرا ئەمەس. قانائەتسىز، ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكرى قىلمايدىغان ئادەم بەزىدە لالما ئىتقا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن ئون ئەسىر بۇرۇن شەمشۇل مەئالى قابۇس تەرىپىدىن پۈتۈلگەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە ‹‹سىدىقنامە››دە مۇنداق بىر ئىبرەتلىك مىسال بار: شەيخ شەبلى مەسچىتكە كىرىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئارام ئالاي دەپ ئولتۇردى، بۇ چاغ بالىلارنىڭ تاماق يەيدىغان ۋاقتى بولۇپ، بالىلار نان يەپ ئولتۇراتتى. بىر بالىنىڭ تاۋىقىدا ھالۋا، يەنە بىر بالىنىڭ تاۋىقىدا قۇرۇق نان بار ئىدى، تاۋىقىدا قۇرۇق نان بار بالىنىڭ ھالۋا يېگۈسى كېلىپ، ھالۋا تىلىدى، ھالۋا يەۋاتقان بالا ‹‹ئەگەر مەن ساڭا ھالۋا بەرسەم، مېنىڭ ئىتىم بولامسەن›› دېدى، قۇرۇق نان يەۋاتقان بالا ‹‹ئەگەر ماڭا ھالۋا بەرسەڭ، مەن ساڭا ئىت بولاي›› دېدى، ھالۋا يەۋاتقان بالا ‹‹ئۇنداق بولسا ئىتقا ئوخشاش قاۋا›› دېدى، قۇرۇق نان يەۋاتقان بالا شۇ ھامان ئىتقا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىپ قاۋىدى. بۇ يەردە بالىنى ئىتقا ئوخشاش قاۋاشقا مەجبۇر قىلغان نەرسە قانائەتسىزلىك، ئەگەر ئۇ بالا ئاچكۆزلۈك قىلماي، ئۆز نېسىۋىسىگە شۈكرى قىلغان بولسا، ئىتقا ئايلىنىپ قالمايتتى.
تۇرمۇشتا قانائەت قىلىدىغان نۇرغۇن ئىش بار، قانائەت قىلمايدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس. يولداش ماۋ زېدۇڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئۆگىنىشكە تەشەببۇس قىلغان كوممۇنىزىم جەڭچىسى لېي فېڭ ئۆز خاتىرىسىگە ‹‹تۇرمۇشتا قانائەتلىنىش، خىزمەتتە مەڭگۈ قانائەتلەنمەسلىك لازىم›› دەپ يازغانىدى. تۇرمۇشنىڭ كېمى، غېمى تۈگىمەيدۇ، ‹‹پادىشاھنىڭمۇ تۇزى تۈگەپ قاپتۇ›› دېگەندەك، غەمسىز، ھەممە نەرسىسى تولۇق، مۇكەممەل ئائىلە، ئادەم بولمايدۇ. غېمى، كېمى يوق ئادەم تۇغۇلمىغان ياكى ئۆلگەن ئادەم. ئاددىيسى بەختلىك ئائىلە، خاتىرجەم تۇرمۇشتىن رازى بولمىساق بولامدۇ؟ قانائەت – شۈكرىنى بىلمەيدىغان ئادەمنى كىشىلەر ‹‹ئاچكۆز›› دەيدۇ، ئاچكۆز ئادەم چېپىلغاق بولىدۇ، چېپىلغاق ئادەم ھەسەت بىلەن ياشايدۇ، ھەسەتخور ئادەمنىڭ كۆڭلى مەڭگۈ دەككە – دۈككىدە، خۇشاللىقتىن يىراق بولىدۇ.
قانائەتنىڭ خۇشال – خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈشكىلا ئەمەس، سالامەتلىككىمۇ پايدىسى كۆپ. دۇنيا بويىچە نوپۇزلۇق ژۇرنال ‹‹ئامېرىكا يۈرەك كېسىلى ئىلمىي ژۇرنىلى››دىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇرمۇشتا قانات بىلەن ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەن بولىدىكەن. يۈرەك قان – تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى دائىم خۇشال تۇتىدىغان، ئاسان قانائەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كېسىلىدىمۇ ياخشىلىنىش تېز بولىدىكەن. تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لىسا. زىناك: ‹‹ئۆزىنى دائىم خۇشال تۇتۇش – تۇرمۇشتا قانائەت ھېس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ھالەت قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپ، تەن – سالامەتلىككە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ››دېگەن.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، ئۆزىگە ئىشىنىش (ئىككى يىغىن)
نەپىس ئەتلەس بويۇملار
ئۇيغۇر مىللىيچە ئۆيلىرى
ئونسۇ ناھىيە جام بازىرى 1-نۆۋەتلىك «مولھۇسۇل لوڭقۇسى» دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى
كۇيتۇن قىزىلتاغ چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
ئىراق تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرغا باشپاناھ بولدى
كېرىيە يېزىلىرىدا ......
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرى
كەڭساي مەنزىرىلىرى
ئىللىق قەلىبلەرگە تولغان قاتناش ساقچىسى
سەبىي بالىلار
خوتەن دىيارى كەچلىك بازىردىن كۆرنۈش-غاز تۇخۇمى
ئوۋچى ۋە قارچۇغا