ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئۈرۈمچى سەھىيە سىستېمىسى 45 تۈرلۈك ئوچۇق ۋەدىنامە تاپشۇردى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 06 - ئاينىڭ 20- كۈنى 02:53   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    

    9–ئىيۇن سائەت 16:00 دە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئانا–بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىكى بىمارلار ئامبولاتۇرىيە بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى تاللا مۇلازىمەت ماشىنىسىدىن كارتا بېجىرىپ ، نومۇر ئالدى . يەنئەن يولىدا تۇرۇشلۇق چېن نىڭ يېتەكچى دوختۇرنىڭ ياردىمىدە بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا تاللا مۇلازىمەت ماشىنىسىدىن نومۇر ئېلىش ۋە قىممەت تولۇقلاشنى تاماملىدى .

    شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خاۋ جىڭگۇڭ مۇنداق دېدى ، 2014–يىلى كىرگەندىن بۇيان ، ئۈرۈمچى سەھىيە سىستېمىسى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولغان ‹‹كېسەل كۆرسىتىش قېيىن بولۇش ، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش ›› مەسىلىسىنى دەرھال تەكشۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ، ھەر قايسى دوختۇرخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، جەمئىيەتكە 45 تۈرلۈك ئوچۇق ۋەدىنامە تاپشۇردى ، ھازىرغىچىلىك بۇنىڭ 27 سى ئەمەلىيلەشتى .

    دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى بىلەن شەھەر ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلام سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرى ، يېزا–بازارلىق شىپاخانىلار 1+X داۋالاش–سەھىيە مۇلازىمىتى ئورتاق گەۋدىسى تورىنى تەشكىللىدى ؛ شەھەرلىك كۆز، قۇلاق ، بۇرۇن ، يۇتقۇنچاق مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى مەخسۇس كېسەللەرنى كۆرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، مۇتەخەسسىسلەر خالىس كېسەل كۆرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ ، 13 مەھەللىدە كۆز ، قۇلاق ، بۇرۇن ، يۇتقۇنچاق كېسەللىكلىرىنى خالىس كۆردى ؛ شەھەرلىك ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانىسى 200 نەپەر 6 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان مېيىپ بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ، ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش تۈرىنى پىلانلىدى .

    شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى نازارەت قىلىش تېلېفونى 2351677 نى ئېلان قىلدى ، كەڭ ئامما ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلسا بولىدۇ .

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە