ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئىلھاملىنىپ ۋە روھلىنىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 06 - ئاينىڭ 19- كۈنى 03:49   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرىلەشتى

    ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى خىزمەت جەريانىدا نامايان قىلىش كېرەك

    28 – مايدىن 29 – مايغىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە مۇھىم نۇقتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى ئومۇمىي تەدبىرلىرى يەنىمۇ بېيىتىلدى. تۆت يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئېچىلغان مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىلھاملاندۇردى، روھلاندۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقى، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى، دەپ قارىدى؛ بىز ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاق، ئىناق بولغان، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

    ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈنفېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرتىپ بىلەن شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز جايى، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېزىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك››، دېگەن سۆزلىرى شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى تەلىپى، يېڭى ۋەزىپىسىنى مۇپەسسەل شەرھلىدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشى، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم. مەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ بېسىمى ۋە مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر. بۇ، بىزدەك ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن يېڭى خىرىس ھەم يېڭى سىناق.

    ئاقسۇ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۇ رۇيفۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت بايانى ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچىلەرنى ئىلھاملاندۇردى. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن يەنە، ئىقتىسادىي كىرىمىنى كۆپەيتىپ، ئىدىيە قارىشىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

    ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) مەرھابا يولى كوچىسى ئايرودۇرۇم مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خۇاجيې مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش – قىلماسلىق ئەلرايىنى مايىل قىلىش – قىلماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەھەللە ئاھالە بىلەن ئەڭ قويۇق ئالاقىلىشىدىغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ۋەزىپە مۈشكۈل، مەنزىل يىراق. مەھەللە جەزمەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قەدەممۇ قەدەم پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھەللىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيەت مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

    شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى – ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لياۋ لىشەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى. بۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپنىڭ ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك››تىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانىدىكى مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز مائارىپنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپلا توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئۆگىنىش، مەكتەپتە تۇرۇش، مەكتەپتە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك››. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، دىن ئەسەبىي كۈچلەر بىزدىن ئەۋلادلارنى تالىشالمايدۇ.

    جېجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىر، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خې چىڭيى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىگەنلىكى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى ئەڭ ئاساستىن باشلاپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تىل بىلمەسلىك سەۋەبىدىن بىلىملەرنى ئىگىلىيەلمەسلىكىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايمىز.

    ئاقتۇ ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى گۈلخۇمار ۋاھاپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدىن مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپىنىڭ تۈرتكىسىدە، مەكتەپلەردە ئوقۇيالىدىم ھەم ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلىدىم. ‹‹بۇلتۇر مەن تۇنجى بولۇپ يېتەكلىگەن رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدىكى 16 ئوقۇغۇچى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، ھازىر، ئۇلارنىڭ رەقەملەشتۈرۈلگەن دەرسلىكى شۇ جايدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى شۇكى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدا <قوش تىل> ئوقۇتۇشىنى قوبۇل قىلىپ ئاساس سېلىشى››، دېدى گۈلخۇمار ھاياجانلىنىپ. گۈلخۇمار ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭدا ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئۆگىنىپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، ئۆزلىرىگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر ئىمىن مۇنداق دېدى: كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى مەركەزنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرۇلمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى چۆرىدەپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، شەھەر – بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە ۋە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئادەم تەكلىپ قىلىش، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەر، يېزا، ساھە، سالاھىيەت، جىنس قاتارلىق باراۋەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق كاشىلا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

    (جاڭ شىنيۈ، ۋاڭ دۇڭ، جاۋ شىيا رەتلەپ يېزىپ چىققان) 

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە