ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئىرادىنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2014 - يىلى 06 - ئاينىڭ 16- كۈنى 03:49   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    

    ‐‐ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قانداق كۈچەش كېرەك (4)

    ئىسلاھات چوڭقۇرلاشقانسېرى قاتمۇقات قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا يولۇقىمىز، قانداق قىلغاندا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ؟ دىققەتنى، زېھىننى ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. نىشاننىڭ مۇستەھكەم ياكى ئەمەسلىكى ئىسلاھاتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ياكى مەغلۇب بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىدا ئىرادىنى ساقلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، بۇ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزدىكى ھالقىلىق كۈچەش نۇقتىسى ۋە مۇھىم مېتودولوگىيەدۇر.

    ۋەزىيەت ئۆزگىرىۋاتقان ئەھۋالدا، ئىستىراتېگىيەلىك ئىرادە ئەڭ مۇھىم. 30 يىللىق مۇساپىنى ئەسلىسەك، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدىكى تۈپ سەۋەب پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى ساقلاپ، تۈرلۈك توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىسلاھات سۈپىتى ۋە شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىدىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت پەۋقۇلئاددە مۇرەككەپلىشىپ، تۈرلۈك مەسىلە ۋە زىددىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇپ، تۈرلۈك ئىدىيەۋى قاراش ۋە مەنپەئەت تەلەپلىرى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىۋاتىدۇ، تېخىمۇ ياخشى روھىي ھالەت، تېخىمۇ ئىلمىي ئۇسۇل ۋە تېخىمۇ پۇختا تىرىشچانلىق ئارقىلىقلار قىيىنچلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىيەلەيمىز. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

ئەدەبىي مۇھاكىمە